مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى

    دولان مەشرەپ – مۇقاملىرىغا باغلانغان رىشتە

    ئامانگۈل2017-03-24 16:07:12شىنجاڭ گېزىتى

      نۇرمۇھەممەت توخنىياز، مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن، تۇرغۇن مىجىت

      بىر ئۆمۈر دولان مەشرەپ – مۇقاملىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئۇنى ئۆگىنىش، بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ھارماي – تالماي ئىزدىنىپ، ئاۋام – خەلقنىڭ ئالقىشىغا، ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر خەلق سەنئەتكارى بار. ئۇ بولسىمۇ ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيونېرى، ناھىيەلىك دولان مۇقام ئەل نەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، پېشقەدەم سەنئەتكار ھەمدۇللا ئوسمان.

     ھەمدۇللا ئوسمان ئۆمرىنى ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە دولان مۇقام – مەشرەپلىرىنى ئۆگىنىش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان، دولان مۇقام مەشرەپچىلىرىنىڭ ئىقتىدارلىق ۋارىسلىرىدىن بىرى. ئۇ 1955 – يىلى 9 – ئايدا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق يېزىسى قوۋۇرغا كەنتى 1 – گۇرۇپپىسىدا مۇقامچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئوسمان مەپىز مەھەللىدىكى دولان مەشرەپچىلىرىنىڭ يىگىت بېشى، ئانىسى ئايتۇۋاخان داڭلىق ئۇسسۇلچى، ئايتۇۋاخاننىڭ ئىنىسى قادىرئاخۇن دولان مەشرەپچىلىرى ئارىسىدىكى ئاساسلىق داپچى ئىدى. ئوسمان مەپىزنىڭ بوۋىسى ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرىدىن باشلاپ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇقام ئېيتىش، دولان مەشرەپلىرىدە ئۇسسۇل ئويناش بىلەن ئەلگە تونۇلغان سەنئەتخۇمار جەمەت ئىدى. شۇڭا ئوسمان مەپىزنىڭ ئائىلىسىدە ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇ – ئەسۋابلار قىممەتلىك تەۋەررۈك بۇيۇملار ئىدى. ھەمدۇللا ئوسمان مۇشۇنداق سەنئەت مۇھىتى قويۇق ئائىلىدە تۇغۇلغاچقا، كىچىكىدىن قايسى ئائىلىدە توي – تۆكۈن بولسا ئاتا – ئانىسىغا ئەگىشىپ بېرىپ ساز چېلىپ، مۇقام توۋلاپ، مەشرەپ ئويناپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاچاتتى. بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ قەدىمى يەتكەن يەردە سېھىرلىك ناخشا – مۇقام، كۈلكە – چاقچاق سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى.

     سەنئەتخۇمار دولانلىقلار ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ‹‹توي مەشرىپى››، ‹‹جۇۋان توي مەشرىپى››، ‹‹ناماقۇللۇق مەشرىپى››، ‹‹قارلىق مەشرىپى››، ‹‹30 ئوغۇل مەشرىپى››...دېگەندەك مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. ھەمدۇللا ئوسمان كىچىكىدىنلا دولان مۇقامچىلىرىنىڭ نامايەندىلىرى ئابلىز ھېيت، تايىر باپكا، ھوشۇر ھېيت قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل مەشرەپلەرگە داخىل بولۇپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ ھەمدۇللا ئوسمان دولان مۇقامچىلىرى ئارىسىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. 1976 – يىلىغا كەلگەندە ھەمدۇللا ئوسمان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىندى، ئۇ مەكتەپتە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ياخشى ئوقۇدى، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتى ئاۋات ناھىيەسىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدى. ئەدەبىيات بىلەن سەنئەت بىر – بىرىنى شەرت قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كەسىپلەر بولغاچقا، ھەمدۇللا ئوسمان بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا تىل – ئەدەبىيات دەرسى ئۆتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى سەنئەت كۇرۇژۇكلىرىغا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ساپاسىغا ماس ھالدىكى ناخشا تېكىستى، مۇزىكا ئىجاد قىلىپ، ئارتۇقچىلىقىنى پائال جارى قىلدۇردى. يېڭى يىل بايرىمى، ‹‹1 – ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق بايرام، خاتىرە كۈنلەردە سەنئەت كۇرۇژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ياش مۇقام ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز كۈچ چىقاردى. ئۇ 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، دولان مەشرەپ – مۇقاملىرىغا بولغان قىزىقىشى، سەنئەتكە بولغان مۇھەببىتى ۋە ئىخلاس – ئەقىدىسىنى قىلچە سۇسلاشتۇرۇپ قويمىدى، 2012 – يىلى 6 – ئايدا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن تەكلىپ بىلەن ناھىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرى، مەشرەپلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ سازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىش، مۇقام ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش جەھەتتىكى تالانتى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ناھىيە بويىچە تونۇلغان سەنئەتكارغا ئايلاندى. 2013 – يىلى 3 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ياردىمى بىلەن، ناھىيەدىكى دولان مەشرەپ – مۇقاملىرىغا ساز چالالايدىغان، مۇقام ئېيتالايدىغان، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان ئەلنەغمىچىلەردىن 20 نى تاللاپ 40 كۈن مەشىق قىلدۇرۇپ، شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئەلنەغمىچىلەر مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇردى. بۇ مۇسابىقىدە ئاۋاتنىڭ دولان ئەلنەغمىچىلىرى تەشكىللەش مۇكاپاتى، ئىجادىيەت مۇكاپاتى، ئورۇنلاش مۇكاپاتى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ مەملىكەت دەرىجىلىك مۇسابىقىدە بىراقلا ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە زور شان – شەرەپ ئېلىپ كەلدى. خەلقنىڭ ئاۋاتلىق ئەلنەغمىچىلەرگە بولغان ھۆرمىتى، قايىللىقى ۋە مايىللىقى ھەسسىلەپ ئاشتى. شۇ يىلى يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەلنەغمە سەنئەت مۇسابىقىسىدە تەشكىللەش مۇكاپاتى، ئىجادىيەت مۇكاپاتى، ئورۇنلاش مۇكاپاتى قاتارلىق ئۈچ تۈر بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بۇ ئۆمەككە ‹‹ئەلنەغمە ئۇسسۇل ۋارىسلىرى›› دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى. ھەمدۇللا ئوسمان ئۆمەك تەركىبىدە ھەممە پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتناشتى ھەم سەنئەت جەھەتتىكى تالانتى، ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بۇ ئۆمەكنىڭ يۇقىرىقىدەك شەرەپلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن پائال كۈچ چىقاردى. ھەمدۇللا ئوسماننىڭ دولان مەشرەپ – مۇقاملىرىنى قېزىش، رەتلەش، ئورۇنلاش، ۋارىس تەربىيەلەش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئاخىر مېۋە بەردى. نەتىجىدە تۆت ئادەم دولان ئەلنەغمىچىلەر سېپىگە قوشۇلدى. ئۆزىمۇ ناھىيەلىك دولان مۇقام ئەلنەغمىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلىنىپ، رەھبەرلىكنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.