مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئىزنالىرى

    چەكمەن

    پەرغانە2016-07-23 13:37:48شىنجاڭ گېزىتى

        مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

      چەكمەن يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلىدىغان بىر خىل رەخت، چەكمەن ئاساسلىقى تۆگە يۇڭىنى خام ئەشيا قىلىدۇ. چەكمەن توقىلىدىغان يۇڭ پاكىز تازىلىنىپ، ئىنچىكە ئىگىرىلىپ چىقىرىلىدۇ. يىپ تەخلىنىپ بولغاندىن كېيىن چەكمەن توقۇيدىغان ئۇستىلار ياز كۈنلىرى سالقىن جاينى تاللاپ يىگىرمە مېتىر كەلگىدەك يەرگە ئىككى قوزۇق قېقىپ، يىپنى ئۇنىڭغا يۆگەيدۇ، ئاندىن قىرىق سانتىمېتىر كەڭلىكتە تاختاينى موكا ئورنىدا ئىشلىتىپ، قىلىچ شەكىللىك يەنە بىر تاختاي بىلەن چىڭداپ چىقىدۇ.

        تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان چەكمەن ناھايىتى چىداملىق بولۇپ، خېلى ئۇزاق يېڭى پېتى كەيگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، سوغۇقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان رىماتىزم كېسىلىنى پەسەيتىش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.