مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئىزنالىرى

    ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر كەشپىياتى ـــ سوقا

    توخنىياز2013-05-20 14:52:47تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

    تۇردى ئەبەيدۇللا  

     

        ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا تۇگمەن، جۇۋاز، ئات-ئىشەك ھارۋىسى، سۆرەم، بوقۇسا، مەپە قاتارلىق تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى ئىجاد قىلىشتىن باشقا، يەنە شال ئاقلايدىغان سوقىنىمۇ ئىجاد قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بۇ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقرىش سايمانلىرى گەرچە ياغاچتىن ياسالغان ئاددىي سايمانلار بولسىمۇ، توك بولمىغان، سانائەت تەرەققىي قىلمىغان شۇ ئۆتمۈش زامانلاردا خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، جانغا ئوبدانلا ئەسقاتقان.

        سوقىنىڭ ئىش پىرىنسىپى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، سۇ تۈگمىنىنىڭ ئىش پىرىنسىپىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن تۈگمەنگە ئوخشاش بىر نو ئورنىتىلىدۇ، ئاندىن نوغا تىك قىلىپ تەخمىنەن 4 ~ 3 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر ئاساسلىق ئوق ياغاچ ئىككى بېشىدىن تۇرما چىقرىلىپ مۇقىم ئورنىتىلىدۇ، ئوقنىڭ چوڭ بېشى تەرەپتىن بىر مىتىر بىرىسىدىكى كۇدىغا 60-70 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا 25 ~ 30 چە چاقپېلەكنىڭ قانىتى ئورنىتىلىدۇ. بۇ چاقپېلەك نودىن چۈشكەن سۇنىڭ كۈچى بىلەن ئايلىنىدۇ، ئاساسلىق ئوقنىڭ كىچىك بېشى تەرەپكە سۇنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجقا ئاساسەن، بىر سوقىلىق سوقا ياسىماقچى بولسا بىر، ئىككى سوقىلىق سوقا ياسىماقچى بولسا ئىككى، ئۈچ سوقىلىق سوقا ياسىماقچى بولسا ئۈچ يېرىگە ئۇزۇنلىقى 50 ~ 60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا شالاڭراق قىلىپ بالا چاقپېلەكلەر ئورنىتىلىدۇ، ئاندىن چوڭ-كىچىك چاقپىلەك ئورنىتىلغان چوڭ ئوققا تىك قىلىپ تەخمىنەن تۆت مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كىچىك ئوق ياغاچ، كىچىك چاقپىلەككە تېگىشىپ تۇرىدىغان، ياپىلاقلانغان بېشى تەرەپتىن 1.5 مېتىر نېرىسىغا قۇلاق ياغاچ بىلەن مۇقىم ئورنىتىلىدۇ، ياپىلاقلانغان چوڭ بېشىنى كىچىك چاقپىلەك نۆۋەت بىلەن بىر ئېگىزگە، بىر پەسكە ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، كىچىك ئوق ياغاچنىڭ يانا بىر بېشىغا 55 ~ 60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا خۇددى ھۆپۈپنىڭ تۇمشۇقىدەك توقماق ياغاچ تىك قىلپ بېكىتىلىدۇ.ئۇ توقماق كىچىك ئوق ياغاچنىڭ ياپىلاقلانغان چوڭ بېشىنى كىچىك چاقپېلەكلەرنىڭ ئايلاندۇرۇشى بىلەن بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر چۈشۈپ سىلىندىر شەكلىدە ياسالغان، شال قاچىلانغان ساندۇقتىكى شالنى سوقىدۇ. سوقىنى باشقۇرغۇچى كىشىپات-پات شالنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. گەرچە سوقا بىلەن ئاقلانغان شالنىڭ % 20 ~ % 30 ئاقشاق(ئېزىلىپ كەتكەن گۈرۈچ) بولۇپ كەتسىمۇ، ھەر ھالدا تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن چىققان.

        شال سوقىسى تاكى 1970-يىللارغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سانائەت يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دەۋردە ئۇ ئاللىقاچان ئىشلىتىلىشتىن قالدى. شال ئاقلاش سوقىسى گەرچە ئىشلىتىلىشتىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەقىل–پاراسەتلىك ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇ زامانلاردىكى ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا، ئۇزگىچە مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تەۋەررۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىمىزنىڭ بىرىدۇر.

         ئاپتور: خېجىڭ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسيۇنېرى