مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئىزنالىرى

    گۈللىنىۋاتقان چورۇقچىلىق مەدەنىيىتى

    توخنىياز2013-05-08 15:44:53تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

    ئېزىزجان زىيادىن، مېھرىگۈل سەمەت

     

     كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان، سىپتا تىكىلگەن چورۇقلار

         قاغىلىق ناھىيەسى غەربتە تەكلىماكان قۇملۇقىغا، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تېغىغا، شەرقتە شىزاڭ ھەم پامىر ئېگىزلىكى بىلەن تۇتاش بولۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي بوستانلىقلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ جاينىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى، ئۆزگىچە ئالاھىدلىككە ئىگە مىللىي ئۆرپ–ئادىتى، كىيىم–كېچەكلىرى ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.

        بۇ يىل 55 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى چورۇق تىكىش ئۇستىسى ھامىدىن ئابدۇراخمان چورۇق مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ھەم ساياھەت بازارلىرىنى سۈپەتلىك ئەرەنچە ھەم ئايالچە چورۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، 2010-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن شاگىرتلىرىنى توپلاپ، يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالغان چورۇقچىلىق كەسپىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چورۇقنىڭ سۈپىتى، شەكلى، نۇسخىسى ۋە رەڭلىرىدە يېڭىچە ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ، يىلىغا 1000 جۈپتىن ئارتۇق چورۇق ئىشلەپچىقىرىپ ساياھەتچىلەرنىڭ ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ كەلدى. بۇ چورۇقلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، تىكىلىشى ئۆزگىچە، يەنە كېلىپ باھاسىمۇ 150يۈەندىن 300 يۈەنگىچە بولغاچقا ھەرقانداق ئادەم سېتىۋالالايدۇ. 2012-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 1300 جۈپ چورۇق ئىشلەپچىقىرىپ، 18 كىشىنى مۇقىم ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى.

    ھامىدىن ئابدۇراخمان شاگىرتلىرىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلماقتا 

        چورۇقنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا 3000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە ئىكەن . ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، تەرەققىيات تارىخى شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە ئۆرپ–ئادەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

        ئۇ ئاساسلىقى قوي تېرىسىدە تىكىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ پاشنىسى بولمايدۇ ھەمدە ئوڭ، سول دەپ ئايرىلمايدۇ. ئاياغنىڭ چەمى قوتازنىڭ تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. چورۇق ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاياغ كىيىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇندىن بېرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇ ناھايىتى ئىسسىق ھەم چىداملىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە رىماتىزىم، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق ھەرخىل كېسەللەرگە پايدىسى بولغاچقا، بولۇپمۇ تاغلىق رايوندىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان ئاياغ كىيىمى ھېسابلىنىدۇ.

       ئاپتورلار: قاغىلىق ناھىيەلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدا