مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    مەدەنىيەت ئىزنالىرى

    كۈرە قەدىمىي شەھىرى

    بۇئايشەم2011-10-31 15:33:14شىنجاڭ گېزىتى

        قەدىمىي شەھەر كۈرە – قورغاس ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان 250يىللىق تارىخقا ئىگە مەشھۇر قەلئە.

        كۈرە كونا شەھەر ۋە يېڭىشەھەر دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. كونا شەھەر 1871 – يىلى چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئىلىنى بېسىۋالغاندا ۋەيران بولغان. 1882 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلىدا گېنېرال مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، ھازىرقى يېڭى كۈرە شەھىرىنى بىنا قىلغان.

        بۇ يېڭى شەھەرنىڭ ئايلانمىسى سېپىل بىلەن قورشالغان بولۇپ، شەھەر ئىچى كۆركەم لايىھەلەنگەن. 1996 – يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى››قىلىپ بېكىتىلگەن. 2007 – يىلى ‹‹جۇڭگو تارىخىي مەدەنىيىتىدىكى نامى بار بازار›› دېگەن نام بېرىلگەن.