تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، ئومۇمىيەتكە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى، مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى(مەدەنىيەت - تارىخ تەتقىقات سارىيى)دا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، ئومۇمىيەتكە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

جاڭ يىڭچۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى، مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى(مەدەنىيەت - تارىخ تەتقىقات سارىيى)دا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر ئومۇمىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، ئومۇمىيەتكە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى پۇختا ئەقلىي كۈچ تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىگە كېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، مەسلىھەت بېرىش، مەمۇرىي ئىشلارغا ياردەملىشىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، مەسلىھەت بېرىش داۋلىلىق بولۇش، پىلانلاش تەدبىرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەشتە باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي جەھەتتىن قاراش، سىياسىي جەھەتتىن پىلانلاش، سىياسىي جەھەتتىن بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر، تەكلىپلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت تەلىپى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئەھۋالنى دەل جايىدا ئېنىقلاپ، مەنبەنى تولۇق ئىگىلەپ، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان ھەقىقىي، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەرەللىك ئىزلاپ باھالاپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ بېرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ياخشى مەسلىھەتچى، ياردەمچى بولۇپ، ئالدىن ئويلاش، ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، تىرەك نۇقتىسى، ئېشىش نۇقتىسى، يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسى، خەۋپ ـ خەتەر نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش كېرەك. يازما ماتېرىيال مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىخچام، ئەمەلىي، يېڭى» بولۇشتىن ئىبارەت ئېسىل يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇختا ئىستىلنى يەنىمۇ تاۋلاش كېرەك. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى تەييارلاش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: مەسلىھەتچىلەر، تەتقىقاتچىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «كەڭ دائىرىدە مەسلىھەت بېرىش» سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، سىياسىي ساپاسى يۇقىرى، كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، خىزمەت ئىستىلى پۇختا كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.