تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 105 يىل بولغان مۇھىم تۈگۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى، بۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسى ۋە روشەن پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «قارار»دا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن تۈزۈپ بەرگەن تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سادىقلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئادا قىلىش، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان بىڭتۇەن قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ ۋە خەۋەر قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئومۇمىي يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەر ۋە قىلىنغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىجىل تۈردە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دائىم ۋە ئۇزاققىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى ئويلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.