كەڭ شوپۇر دوستلار:
قاناس مەنزىرە رايونىدا قىش پەسلىدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە كەچتە يوللارنى مۇز تۇتۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، يول يۈرۈش شارائىتىنى ھازىرلىمايدۇ، ئاممىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 40-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قاناس مەنزىرە رايونى گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى بۇرچىن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2026-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2026-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 19:30دىن ئەتىسى سائەت 10:00غىچە تۆۋەندىكى يول بۆلەكلىرىدە كېچىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويىدۇ.
چەك قويۇلىدىغان يول بۆلەكلىرى
1. قاناس كەنتىدىن جيادېڭيۈگە بارىدىغان ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ 2 كىلومېتىرلىق يېرىدىن 31 كىلومېتىرلىق يېرىغىچە (قاناس كەنتى كۆك كۆل يول ئېغىزىدىن جيادېڭيۈ ئىشىك بېلىتى سېتىش پونكىتىغىچە بولغان يول بۆلىكى)؛
2. S232 لىنىيەسىنىڭ 31 كىلومېتىرلىق يېرىدىن 72 كىلومېتىرلىق يېرىغىچە (جيادېڭيۈدىن قاناس گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە)؛
3. X852 لىنىيەسىنىڭ 8 كىلومېتىرلىق يېرىدىن 49.8 كىلومېتىرلىق يېرىغىچە (قۇمقاناس كەنتىدىن قۇمقاناس ئاچا يول ئېغىزىغىچە)؛
كەڭ شوپۇرلار «تىنچ-ئامان قاناس (平安喀纳斯)» «قاناس نۆل ئارىلىق» «قاناس مەنزىرە رايونى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق قاناسنىڭ ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ۋە يول قاتناش ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرىپ سەيلە-ساياھەت قىلماقچى بولغانلار قىشلىق چاق ئورنىتىلغان تۆت چاق سۆرەيدىغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىشى، تېيىلىشتىن ساقلىنىش زەنجىرى تەييارلاپ، سوغۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
قاناس مەنزىرە رايونى گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى
2026-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
مەنبە: تىنچ-ئامان قاناس






