شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن شاۋشيۇڭ) 2026 - يىللىق «ئورتاق گەۋدىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مەركەزلىك زىيارىتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باشلاندى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە چىڭ كۆزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. زىيارەت ئۆمىكى ئۈچ لىنىيەگە بۆلۈنۈپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا بېرىپ، مەھەللە - كەنتلەر، باغ - دالىلار، كارخانا، مەكتەپلەرگە كىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇردى، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى، ساھە تاراتقۇلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى تاراتقۇلار ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك تاراتقۇلار ئىلى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەندى، پائالىيەت 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.






