تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ «كىراسىز يوللانما دەۋرى» نى كۈتۈۋالدى، پوسۇلكىلار تىيانشاندىن ھالقىپ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ يەتكۈزۈلدى

   شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلىتىمىز قۇرۇقلۇق زېمىنىنىڭ تەخمىنەن ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شەرقىي شىنجاڭدىكى قومۇلدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەرگىچە بولغان مۇساپە تەخمىنەن 1800 كىلومېتىر بولۇپ، بېيجىڭدىن گۇاڭجوۋغىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كېلىدۇ. چاڭجياڭ دېلتىسىدىن ئەۋەتىلگەن پوسۇلكىلار ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىش ئۈچۈن 4000 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئاندىن يەنە قەشقەرگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن 1000 چاقىرىم كېتىدۇ. نەچچە يۈەن ياكى نەچچە ئون يۈەنلىك ئۇششاق تاۋارنىڭ توشۇش ھەققى ھەتتا تاۋار باھاسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنىڭ ماكانلىشىشى، يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، «شىنجاڭغا يوللانمىلارنى كىراسىز توشۇش» ئەمدى يەتكىلى بولمايدىغان گۈزەل ئىستەك ئەمەس بولدى.

   گۈزەل شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى بىپايان. لېكىن، شىنجاڭ قانچىلىك چوڭ بولسا، تېز يوللانمىلارنىڭ ماڭىدىغان يولى شۇنچە يىراق بولىدۇ. ھېچ كىشى تاغ بىلەن دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى قىسقارتالمايدۇ، لېكىن ھازىر بىز يىراق جايغا قايتا ئېنىقلىما بېرەلەيدىغان بولدۇق.

شىنجاڭ ئۈرۈمچى

   شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەر كۆلىمى 500 مو كېلىدىغان «ئاسىيا 1-نومۇر»  ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا، غەربىي شىمال بويىچە تۇنجى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئامباردا ساقلاش سىستېمىسى كېچە-كۈندۈز مەشغۇلات قىلىپ تۇرىدۇ. ئامباردا ساقلاشقا مەسئۇل ماشىنا ئادەم ئالدىراش ئىشلەپ، 24 سائەت توختىماي مەشغۇلات قىلىدۇ، ماشىنا ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 1 مىليون يوللانمىغا يېتىدۇ. پوسۇلكا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى باشقا ۋىلايەت، شەھەرلەرگە ئايرىلىپ ئاندىن يەتكۈزۈلىدۇ.

شىنجاڭ قەشقەر

   بۇ جاي جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى چوڭ تىپتىكى رەقەملەشكەن ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈزلەنگەن تەمىنلەش زەنجىرى تايانچ نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 600 مىڭدىن ئارتۇق ئۇششاق  مال ۋە 50 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ مال بۇ يەردە مۇددەتتىن بۇرۇن ئامباردا ساقلىنىدىغان بولدى. ئىلگىرى، بۇ جايدىكى پۇقرالار مالنى زاكاز قىلغاندىن كېيىن، بۇ ماللار ئىچكى جايلاردىن ئەۋەتىلەتتى ھەم يەتتە-سەككىز كۈندە نەچچە مىڭ كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئاندىن يېتىپ كېلەتتى. لېكىن ھازىر يەرلىكتىلا ئامباردىن چىقىرىلىپ، بىر-ئىككى كۈندىلا پۇقرالارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدىغان بولدى، يوللانمىلارنىڭ كىراسىز بولۇش نىسبىتىمۇ %100كە يەتتى.

   بۇنىڭدا تاغ بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقى قىسقارمىدى، بەلكى يىراق جاي كىشىلەرگە ئەڭ يېقىن جايغا كۆچۈرۈلدى.

   «قوش 11» لىق پائالىيەتكە ئاز قالغان يېقىنقى مەزگىلدە، بۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنىڭ قەشقەردىكى ئامبىرىدا كۈندىلىك مال ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كۈنىگە 45 مىڭ زاكاز بىرتەرەپ قىلىندى.

   جىڭدۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى قەشقەر، خوتەن بۆلەك رايونىنىڭ مەسئۇلى لى شۆفېڭ مۇنداق دېدى: بىز چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىمىز، قايسى خىلدىكى ماللارنى زاكاز قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولسا، ئالدىن زاپاس ساقلايمىز. ئەگەر يەرلىكتىكى خېرىدارلار چۈش سائەت 11دىن بۇرۇن زاكاز قىلسا، چۈشتىن كېيىن يەتكۈزۈپ بېرىمىز. كەچ سائەت 11دىن بۇرۇن زاكاز قىلسا، ئەتىسى ئەتىگەندە يەتكۈزۈپ بېرىمىز.

   ئالدىنقى ئامبار، ئۆتەڭ ئامبار دېگىنىمىز، پوسۇلكىنىڭ يولدىكى ۋاقتى ئۈچۈن تەييارلانغان ئامبارنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ بولغاچقا يەنىلا تاشيولغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولۇشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا شىنجاڭغا توشۇلىدىغان يوللانمىلارنىڭ توشۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئىشەنچى.

   جۇڭگودا 199 مىڭ 400 كىلومېتىر كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول، 800 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دۆلەت ۋە ئۆلكە غول لىنىيەسى، 50 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان گاۋتيې ۋە زىچ توپلاشقان يۈك تىرانسپورت تۆمۈريولى بار بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى يول تورىنى شەكىللەندۈرگەن. شىنجاڭدا، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 236 مىڭ 700 كىلومېتىرغا، تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 9557 كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭغا يەنە 29 ئايرودۇرۇم، 600 دىن ئارتۇق ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قوشۇلدى. دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىنى قەلەم قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا غايەت زور ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىندى، بۇ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى ئۈچۈن راۋان يول ئېچىپلا قالماي، يەنە ئەشيا ئوبوروتى ئۈچۈن تەننەرخنى سىجىل تۆۋەنلەتتى.

شىنجاڭ قەشقەر 

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى

   تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۇ پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاغنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ، 25 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان تۇپراققا ئىگە بولۇپ، بۇ جايدا پەقەت 42 مىڭ كىشى ياشايدۇ؛ شىنجاڭنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1756 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، يىراق بولغاچقا سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندەك تەسىر بېرىدۇ.

   بۇ جايدا ناھايىتى ئالاھىدە بولغان ئىككى كەنت بار، بىرى مەملىكەت بويىچە بىۋاسىتە پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى ئەڭ ئاخىرىدا ئىشقا ئاشۇرغان ئىشتاتلىق كەنت: راسكام كەنتى، يەنە بىرى دۆلەت دەرۋازىسىغا ئەڭ يېقىن بولغان قونجىراپ كەنتى. بۇ ئىككى كەنت زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولۇپ، بۇ جايغىمۇ بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ. پوچتا ئاپتوموبىلى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تېز يوللانمىلارنى كەنتكە ئېلىپ كېلىدۇ.

   شىنجاڭدا چەت-يىراققا جايلاشقان، ئادەم شالاڭ كەنتلەر ناھايىتى كۆپ، بۇ جايلارغا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ھەممىسى يېتىپ بارالمايدۇ. لېكىن 2025-يىلى، شىنجاڭدا كەنتلەرگە يەتكۈزۈلگەن پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانما 124 مىليونغا يېتىپ، ھەر ھەپتە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يوللانما يەتكۈزۈلىدىغان ئىشتاتلىق كەنت %99.92 كە يەتتى.

   بۇ خىل «پوچتا ئاساسىي قاتلامنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدىغان، پوچتا بىلەن تېز يەتكۈزۈش ھەمكارلىشىدىغان، قاتناش بىلەن پوچتا ھەمكارلىشىدىغان» يېزىلارنىڭ پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش-يەتكۈزۈش سىستېمىسى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى. مانا بۇ ھەر بىر كىچىك يوللانمىنىڭ جۈملىدىن 9.9 يۈەنگە سېتىۋالغان نەرسىنىڭمۇ كىراسىز ھالەتتە شىنجاڭغا سېتىلىپ نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى ھالقىپ كېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. سۇپىدىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭغا توشۇلىدىغان كىراسىز يوللانما قانىلى ئېچىلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، كىراسىز توشۇلغان تاۋارلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71 ئاشقان، شىنجاڭلىق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پوسۇلكا سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42 ئاشقان، تېخىمۇ كۆپ چوڭ تاۋارلارمۇ شىنجاڭغا كىراسىز توشۇلىدىغان يوللانمىلار سېپىگە قوشۇلغان.

   بۇ دۆلەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت چوڭ تورى خەلققە يەتكۈزگەن ئەمەلىي نەپ ۋە قولايلىق بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئاساسى رېڭى ھېسابلىنىدۇ. چەت-يىراق رايونلاردىكى تېخىمۇ كۆپ خاس باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بۇ تور ئارقىلىق ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدىن يولغا چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوبوروت تورىغا قوشۇلۇپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بېرىش-كېلىش داۋامىدا، قايناق شەھەر تۇرمۇشى تېخىمۇ جانلىنىپ، يېزىلارنى ئۈمىد نۇرىغا چۆمدۈردى.

   لى چىڭجيې شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى ئەتراپى ئوتلاق-كۆل تۈرى رايونىدىكى باغۋەن. يېقىندا ئۇنىڭ  40 نەچچە مو يەردىكى  ئالمىسى پىشتى، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق شاختىن يېڭى ئۈزۈلگەن، قۇياش نۇرىدا تاتلىق تەمگە كىرگەن قىزىل ئالمىلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈلدى.

   «يوللانمىلارنىڭ كىرالىق توشۇش» تىن «يوللانمىلارنى كىراسىز توشۇش»قىچە بولغان ئۆزگىرىش توردا سېتىۋالغان مالنىڭ كىراسىدىكى ئۆزگىرىش بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا بىلەن ئۇلىنىش شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تورى دۇنيادىكى 220 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى نۇرجاننىڭ ئانارلىرى قىزاردى، بۇ، جۇڭگو خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تورى ئارقىلىق تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىلىدۇ.

   كىچىك تېز يوللانما ۋە پوسۇلكىلار شەھەر-يېزىلارنى ھەم دۇنيانى تۇتاشتۇردى. بىز تەكسە باھالىق كىراسىز تاۋارلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقتىمىزدا، دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ئىقتىساد تومۇرى ۋە ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىز  ئادەتتىكىچە دەپ قارىغان كۈندىلىك تۇرمۇش دەل جۇڭگو ياراتقان ئەشيا ئوبوروت مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ.

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.