تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسى زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇڭ جيەنگو، ۋاڭ يوۋلىڭ

10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىدىن 11 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىگىچە، 2026 ـ يىللىق دۇنيا شەھەر كۈنى دۇنياۋى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «يېڭىلاپ كۈچ قوشۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش».

«بەختكە تولغان ماكان» دەپ نامى بار بۇ شەھەرنىڭ شەھەر يېڭىلاش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتىكى ئەمەلىيىتى دۇنياۋى ئۆرنەككە ئايلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئولتۇراقلىشىش مەھكىمىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

شەھەر − زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئۇنىڭغا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى يۈكلەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر خىزمىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

«بىر شەھەرنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇشتا كۆك ـ تاق، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، شەھەر بوشلۇقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.» 2021 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجوۋ فۇشەندىكى جياۋيې باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تاغ باغرى، دېڭىز بويىغا جايلاشقان بۇ شەھەرگە تەرەققىيات يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، فۇجوۋ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن شەھەر بوشلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى فۇجوۋدا، 1800 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان شەنشۇي فۇداۋ يولى، تاغ ـ ئورمان، شەھەر ئارىسىدا سوزۇلۇپ، «تاغ، سۇ، ئادەم، شەھەر»نى سەيلە قىلغىلى، يېقىنلاشقىلى بولىدىغان يېشىل تورغا ئايلاندۇردى. «14 ـ بەش يىل»دىن بۇيان، تۇتاش كەتكەن جەمئىي 124 كونا ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش تۈرى يولغا قويۇلدى، 57 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالە «كەپە ئۆيدىن چىقىپ بىنا ئۆيگە كىردى».

شەھەر تەرەققىياتىدا ئادەم ئاساس قىلىنىدۇ. 2015 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شەھەرنىڭ يادروسى ئادەم، ئاچقۇچى: كىيىم ـ كېچەك، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، يول يۈرۈش، تۇغۇلۇش ـ قېرىش ـ كېسەل بولۇش ـ ئۆلۈش، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەشتىن ئىبارەت.»

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر كوچىلىرىغا بىر ـ بىرلەپ كىرىپ، مەھەللە ئىدارە قىلىشتىن تۇرالغۇ كاپالىتىگىچە، مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن مەھەللە مۇلازىمىتىگىچە تەپسىلىي سورىدى، چوڭقۇر نەزەر تاشلىدى:

گۇاڭدۇڭ گۇاڭجوۋ شەھىرى لىۋەن رايونىدىكى شىگۇەن تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسى رايونى يۇڭچىڭفاڭدا باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: يەرلىك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ خىل «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر خاتىرىسىنى ساقلاپ قېلىش، كىشىلەرگە يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلاش ئىمكانىيىتى يارىتىش كېرەك؛

شاڭخەي شەھىرى ياڭپۇ بىنجياڭدا، باش شۇجى «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرىدۇ، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەيدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، «مەيلى شەھەر يىرىك پىلانى ياكى شەھەر قۇرۇلۇشى بولسۇن، مەيلى يېڭى شەھەر رايونىنى قۇرۇش ياكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش بولسۇن، ھەممىسىدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛

لياۋنىڭ شېنياڭ شەھىرى دادۇڭ رايونىنىڭ چاڭئەن كوچىسى چاڭئەن ئولتۇراق رايونىدا باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەرنى يېڭىلاشتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، مەھەللە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەممىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى كۆزلەش، بولۇپمۇ «ياشانغانلار، بالىلار»غا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى قوغداش كېرەك؛

…

خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇش ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىممەت ئىنتىلىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا كىمگە تايىنىش، كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

شەھەر ئىدارە قىلىش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇلما مىقدارنى كېڭەيتىش باسقۇچىدىن ساقلانما مىقدارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىش باسقۇچىغا ئۆتمەكتە. 2025 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات» ئاساسىي لىنىيە قىلىپ بېكىتىلدى.

«15 ـ بەش يىل»لىق ئۇلۇغۋار پىلان قانات يايدۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە شەھەر ـ بازارلاردىكى 115 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ، 5000 مەھەللىدە مۇكەممەل مەھەللە قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلىدۇ، 575 مىڭ تۇرالغۇ لىفىتى يېڭىلىنىدۇ ۋە قوشۇپ ئورنىتىلىدۇ، 50 مىڭ گېكتار شەھەر يېشىللىق يېرى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 1500 كونا كوچا رايونى، زاۋۇت رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى كىرگۈزۈلۈپ، ساقلانما بوشلۇقنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتى قوزغىتىلىدۇ.

خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش ئەزەلدىن بىر جۈملە شوئارلا ئەمەس، بەلكى بىر ئۆلچەم، ئۆلچەيدىغىنى خەلق رايى، سىنايدىغىنى ئىرادە. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، خەلقتىن ھال ـ ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ئۈنۈم سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى يېڭىلاشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا قىلغاندا، شەھەرلەر ئاندىن ئورگانىك ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا ھەقىقىي تۈردە خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلىنالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.