ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭ بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ لەنمېي ئۆستۈرۈش بازىسى تۇنجى يىغىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى 10 مىڭ مو كېلىدىغان چۆللۈك (قۇملۇق) زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە يانداش تۈرى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە پىشقان يۇقىرى سۈپەتلىك لەنمېي نۆۋەتتە بازارغا يېڭى سېلىندى، يىغىۋېلىش مەزگىلى كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.
بۇ تۈرنى شىنجاڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 2097 مو، كۈن نۇرى پارنىكىدىن 300ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 294ى مەخسۇس لەنمېينى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. بازىنىڭ مەسئۇلى جاۋ جياڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل چوڭ مېۋىلىك دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئەلا سۈپەتلىك لەنمېي سورتىدىن جەمئىي 201 مىڭ 700 تۈپ ئۆستۈردۇق، كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى يەككە لەنمېي بازىسى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، چوڭ مېۋىلىك، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان لەنمېي سورتى «چوڭ، قاتتىق، چۈرۈك ھەم ئىنتايىن تاتلىق، قويۇق گۈل شىرنىسى خۇش پۇرىقىغا ئىگە» بولۇش بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يۇقىرى دەرىجىلىك سورت ھېسابلىنىدىكەن. بازار مېۋىنى دىيامېتىرىغا ئاساسەن ئالتە دەرىجىگە ئايرىغان، مېۋىنىڭ دىيامېتىرى قانچە چوڭ بولسا، بازاردىكى دەرىجىگە ئايرىغان باھاسى شۇنچە يۇقىرى بولۇپ، بازىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلات يولىدا مېڭىشىنى ئېنىق باھا كوردىناتىغا ئىگە قىلىدىكەن.

قاراقاش ناھىيەلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىكى 10 مىڭ مو كېلىدىغان چۆللۈك (قۇملۇق) زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ھەم يانداش تۈرى پارنىكىدا لەنمېينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. سۈرەتنى شىنجاڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەمىنلىگەن
يېڭى مېۋىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىستېمالچىلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بازىدا ماس قەدەمدە 1000 كىۋادرات مېتىرلىق سوغۇق زەنجىرلىك ئايرىش مەركىزى قۇرۇلدى. ئايرىش سېخىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 12 سېلسىيە گىرادۇستىن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، يېڭى مېۋىلەر ئوراپ قاچىلانغاندىن كېيىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا يۆتكىلىپ، سوغۇق ساقلاش تاختىسى ئارقىلىق يۈك ساندۇقىدا پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇلۇپ، ئايرىش، ئامباردىن چىقىرىشتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا يېڭى مېۋىلەر 48 سائەت ئىچىدە مال جازىسىغا تىزىلىدۇ. سېتىشتا دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىش، پۈتۈن رايوننى قاپلاش يولغا قويۇلىدۇ: ئەلا سۈپەتلىك يېڭى مېۋىلەر شۇ جاي ۋە ئەتراپتىكى بازارلارنى ئالدىن قاندۇرالايدۇ؛ ئالىي دەرىجىلىك ئېسىل مېۋىلەر ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردىكى ئالىي دەرىجىلىك سودا ساراي، تاللا بازارلىرىنى تەمىنلەشكە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر، قورغاس پورتىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چېگرا ھالقىپ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈر پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە لەنمېينى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش ئۈلگە بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدىكەن. كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، قاراقاش ناھىيەسىدە «چۆللۈكتىكى كۈن نۇرى پارنىكى + ئاساس ماددىلىق لەنمېي»ئەندىزىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، مېۋە ئۈزۈش، سەيلە-ساياھەت قىلىش، مېۋە ئىنچىكە پىششىقلاشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۈچ كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك لەنمېي ئىشلەپچىقىرىش بويىچە يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىشلەپچىقىرىش رايونى بەرپا قىلىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






