ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئىشخلا بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدىكى بىر كىچىك ھويلا ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، خۇش پۇراق ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. كىچىك ھويلىدىكى جۈكاگې قەھۋە، غەربچە تاماقخانىسىدا، دۇكان ئىگىسى مەۋلان تۇرسۇن قەھۋەنى ئۇستىلىق بىلەن ئېزىپ، ئايرىۋاتقان بولۇپ، قەھۋەنىڭ قويۇق خۇش پۇرىقى بۇ يېزا-كەنت ھويلىسىغا ئۆزگىچە مودا تۈس قوشقانىدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەۋلان تۇرسۇن دۇكاندا قەھۋە تەييارلىماقتا.
كۇچادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يىگىت مەۋلاننىڭ قەھۋە بىلەن بولغان رىشتىسى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلانغان. 2017-يىلى، ئۇ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە قەھۋە تەييارلاشنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قېلىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ قەھۋەخانىدا قوشۇمچە قەھۋە تەييارلاشنى ئۆگىنىپ، كەسپىي قەھۋە تەييارلاش ھۈنەر-سەنئىتىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، كۆڭلىگە يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى پۈككەن.
بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش ئۇنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. 2024- يىلى، مەۋلان كۇچا شەھەرلىك ياشلار ئىگىلىك تىكلەش تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن بىللە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شەھەر نىڭبوغا بېرىپ ئۆگەندى. ئۇ شۇ جايدىكى كونا زاۋۇت بىناسىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئۆزگىچە قەھۋەخانا، يېڭىچە بېزەش ئۇسلۇبى ۋە تىجارەت ئىدىيەسىدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەۋلان تۇرسۇن دۇكان خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆي سىرتىدىكى ھويلىنى بېزىمەكتە.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەۋلان تۇرسۇن دۇكان خىزمەتچىلىرىگە قەھۋە پۇرچىقى تاللاش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە.
2025- يىلى كۇچا شەھىرى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئائىلىۋى مېھمانخانا توپى قۇرۇلۇشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، قۇمئېرىق كەنتىدە كۈسەن كىچىك بازىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېزا، كەنت ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، شەكلى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ھويلىسى بار 400 يۈرۈشتىن ئارتۇق ئىككى قەۋەتلىك يېڭى ئۆيلەر رەتلىك جايلىشىپ، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان قۇمئېرىق كەنتى مەۋلاننى بۇ يەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلدى، ئۇ كوچىغا يېقىن دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، 2026- يىلى باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ قەھۋەخانا ئېچىپ، كەنتتىكى ئىگىلىك تىكلىگەن «يېڭى كەنت ئاھالىسى»گە ئايلاندى. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مەۋلان قەھۋەخانىنىڭ تىجارىتىنى روناق تاپقۇزدى، يەنە شۇ كەنتتىكى 10دىن ئارتۇق ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەۋلان تۇرسۇن دۇكاندا مېھمانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
«كۇچا شەھىرى ساياھەت شەھىرى، بۇ يەرگە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەر كېلىدۇ، بۇ يىل 7- ئايدا مەن يەنە گوللاندىيەدىن كەلگەن بىر تۈركۈم مېھمانلارنى كۈتۈۋالدىم، ئۇلار مېنىڭ دۇكىنىمدا قەھۋە، ئىتالىيە چۆپىنى تېتىپ كۆرۈپ، تەمى ياخشىكەن دەپ ماختىدى.» مەۋلان شۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەر ھازىر بەك قىزىپ كەتتى، يېقىندا يەنە بەزىلەر يېقىن ئەتراپتا ئاشخانا ۋە قاۋاقخانا ئاچتى، بىز ھەممىمىز قۇمئېرىق كەنتىنىڭ يېڭى كەنت ئاھالىسىگە ئايلاندۇق.»

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەۋلان تۇرسۇن دۇكان خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






