9-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئىدارىسى ئاقىل رازۋېدكا مەركىزى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، دەل جايىدا سىگنال بېرىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان، ئاتا ـ ئانىلارنى ھېسابات يۆتكەشكە قىزىقتۇرىدىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك نەسىھەت قىلىپ توسۇپ، ئاممىنى 1 مىليون 132 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىياندىن ساقلاپ قالدى.
شۇ كۈنى، ئىلى ئوبلاستلىق ئاقىل رازۋېدكا مەركىزى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىگە سىگنال بېرىپ، چاپچال بازىرى دىڭشياڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ۋاڭXنىڭ تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، كۆپ سوممىلىق مەبلەغنىڭ ئالدىنىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. سىگنالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىدىكى خەلق ساقچىلىرى دەرھال جىددىي نەسىھەت قىلىپ توسۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ۋاڭX بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ نەسىھەت قىلىپ توسۇشنى قانات يايدۇردى. ئاممىنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداش ئۈچۈن، خەلق ساقچىلىرى دەرھال ۋاڭXنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسى، دېلوغا چېتىشلىق ۋېيشىن پۇل قوبۇل قىلىش ھېسابات نومۇرىغا قارىتا چىقىم قىلىشنى قوغداش خاراكتېرلىك توختىتىش تەدبىرى قوللىنىپ، ماس قەدەمدە ۋېيشىن ھېسابات تالونىدىكى ئىلىم-بېرىم نومۇرىغا تايىنىپ، دېلوغا چېتىشلىق 19 مىڭ 999 يۈەن ھېسابات يۆتكەلگەن مەبلەغكە قارىتا مەنبەنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئالداپ كېتىلگەن پۇلنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قايتۇرۇۋالدى.
خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، ۋاڭXنىڭ ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن قىزى تىڭتىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئۆيدە يالغۇز دوۋيىن كۆرۈۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ناتونۇش سىن ئۇلانمىسىنى چېكىپ قويۇپ، يان تېلېفونغا مەلۇم APP ئاپتوماتىك قاچىلىنىپ قالغان. تىڭتىڭ پىروگراممىدىن چېكىنىپ چىقىشنى سىناپ بېقىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، تاسادىپىي ھالدا قوللىنىشچان كۆرۈنمە يۈزنى چىكىپ ئاچقان، ئارقىدىنلا يان تېلېفون قىسقا ۋاقىت قارا ئېكران بولۇپ قالغان، ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ APP ئارقىلىق ئەۋەتكەن شەخسىي ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان.
قارشى تەرەپ گۇڭئەن خەلق ساقچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، دېلو بېجىرىش نامىدىن پايدىلىنىپ تىڭتىڭنىڭ يېشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىغا ئالداپ ئېرىشىۋالغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سىرتقا سەيلە قىلغىلى چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆيدە ئادەم يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تىڭتىڭنىڭ ئاپىسى ۋاڭXنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىشلىق دەپ يالغان ئېيتىپ، تىڭتىڭدىن «توردا تەكشۈرۈش»كە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قايتقاندا، ۋاڭXنىڭ يان تېلېفونىدا ناتونۇش ئىككىلىك كودنى ساۋمياۋ قىلىپ، قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش كودى بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىغان، ئەگەر ماسلاشمىسا ۋاڭXنى تۇتىمىز دەپ جار سالغان.
كىچىك ۋە قورقۇپ كەتكەن تىڭتىڭ ئانىسىنىڭ «تۇتۇلۇپ كېتىشى»دىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ ۋاڭXنىڭ يان تېلېفونىنى ئېلىپ، ئۆز مەيلىچە ئىككىلىك كودنى ساۋمياۋ قىلىپ ھېسابات يۆتكەش مەشغۇلاتىنى تاماملىغان. قىسقىغىنە بەش مىنۇتتا ۋاڭX يان تېلېفونىدا 19 مىڭ 999 يۈەن ئېنىق بولمىغان ھېسابات يۆتكەش خاتىرىسى پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان، بۇ چاغدا ئالدامچى ئۇنسۇرلار يەنىلا بالىنى ھېسابات يۆتكەشكە داۋاملىق يېتەكلىگەن، بەختكە يارىشا، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋاقتىدا ئارىلىشىپ، كېيىنكى ھېسابات يۆتكەش مەشغۇلاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ، ۋاڭXنىڭ 1 مىليون 132 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىنى ساقلاپ قالغان.
زىياننى توختىتىش بىلەن بىللە، دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى دېلوغا چېتىشلىق ۋېيشىن پۇل قوبۇل قىلىش ھېسابات نومۇرى ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرىنى توغرا بېكىتىپ، قانۇن بويىچە ئۇنىڭ ھېسابات نومۇرى قوبۇل قىلغان مەبلەغنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق زاڭ پۇل ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن 19 مىڭ 999 يۈەن دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىدىكى يول بىلەن قايتۇرۇپ بەرگەن.
ئالدىنىپ كېتىش خەۋپىنى توسۇش ئۈچۈن، خەلق ساقچىسى نەق مەيداندا ۋاڭXنىڭ ۋېيشىن، جىفۇباۋغا باغلانغان بانكا كارتا ھېسابات نومۇرى شىفىرى، چىقىم قىلىش شىفىرىنى بىر-بىرلەپ ئۆزگەرتىپ، باغلانغان گۇمانلىق ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
خەلق ساقچىلىرى يەنە، دۆلەت خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تورغا ئالاقىدار ئالدامچىلىقتا دائىم كۆرۈلىدىغان توزاق قۇرۇش، دېلو سادىر قىلىش ئۇسۇلى ھەم پەرقلەندۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ماھارەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يان تېلېفونىنى ئىشلىتىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتتى.






