− جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىن خاتىرە
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، شى يۈسېن، جاڭ يەن
زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ قايتا نەزەر سېلىش ئارقىلىق، دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن جاھان مۆجىزىسى ئەستە چىڭ ساقلاندى.
ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان كۈرەش ئارقىلىق، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى.
كەچ كۈز مەزگىلىدە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە مۇنداق جاراڭلىق چاقىرىق قىلدى: «يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى. ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئەسلىسەك، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز زور كۈچ بىلەن ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.»
خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىدىكى ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە گېربى چاقناپ تۇراتتى، ئورغاق ۋە بولقىنىڭ نەقىشى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، 100 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتقان ئۇلۇغ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، قەھرىمانلىق داستانلىرىنى پۈتۈپ چىققان ئۇلۇغ ئارمىيەنىڭ خىسلىتى ئۆزگەرمىدى.
«قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار! گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن، مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى!» خاتىرىلەش يىغىنى باشلاندى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، «پىدائىيلار مارشى»نىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئۇزۇن سەپەر بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن بۇ مەردانە قەھرىمانلىق ناخشىسىنى بىرلىكتە ئۈنلۈك ئېيتتى.
90 نەچچە يىل ئىلگىرى، دۆلەت ۋە مىللەت ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى زىممىگە ئېلىپ، قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى ئارقىلىق «ئون نەچچە ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، 25 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ»، تەبىئىي خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن ھالقىپ، قورشاپ توسۇشنى تارمار قىلىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئاشۇ جاپا - مۇشەققەتكە تولغان شانلىق تارىخنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى، سۆزلىرى قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى:
«قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن بۇ ئىنقىلابىي ئۇلۇغ ئىشى پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز، ئارمىيەمىز تارىخىدا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلغان بۇ قەھرىمانلىق داستانى جۇڭگو ئىنقىلابى ئابىدىسىگە مەڭگۈ ئويۇلدى، يۈز مىليونلىغان خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلايدۇ.»
10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زال تورۇسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا غايەت زور قىزىل يۇلتۇز چاقناپ تۇرغان بولۇپ، جۇلالىق نۇرى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغانىدى −
بۇ قىزىل يۇلتۇز ئەينى يىللىرى قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ھەربىيچە شەپكىسىدە چاقنىغان، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قەھرىمانلار ياراتقان ئابىدىدە چاقنىغان، 90 يىللىق ئۇزاق دەۋر ئېقىنىدا چاقنىغان بولۇپ، مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ.
«مەن شۇنداق تەكلىپ بېرىمەن: ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئۇزۇن سەپەر يولىدا ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرەيلى!» پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتكە چۆمۈپ، ئۈن - تىنسىز جىمجىت تۇردى، كىشىلەر چوڭقۇر ئويغا چۆمدى، قەلبى قايغۇلۇق ھېسسىيات ۋە ھۆرمەت ھېسسىياتىغا تولغانىدى.
سادىق روھ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇلۇغۋار روھ مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، كېيىنكىلەرگە مەڭگۈ ئىلھام بېرىدۇ.
مۇشۇ پەيتتە، يۈدۇ دەرياسى بويىدا، «خوشلىشىش» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر ئورۇنلانماقتا، ئەينى يىللاردىكى «قىزىل ئارمىيەنى ئون قېتىم ئۇزاتقان» چاغدىكى كۆزى قىيماسلىق، كېچىدە دەريادىن قوغداپ ئۆتكۈزۈپ قويۇش تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر قايتا نامايان قىلىندى؛
مۇشۇ پەيتتە، گۇيجوۋدىكى تاغ - دەريالار گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى ئامما زۇنيى يىغىنىنىڭ يىغىن ئورنى ئالدىدا، ئاشۇ ئۇلۇغ بۇرۇلۇش مۆجىزىسىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئەستايىدىل ئاڭلىدى؛
مۇشۇ پەيتتە، سىچۇەن تۇپرىقىدىكى چەكسىز كەتكەن سۇڭپەن يايلىقىدا، كۈز شامىلى «غەلىبە تاڭ نۇرى» خاتىرە مۇنارىنى يېنىك سىيپاپ ئۆتتى، ئېھتىرام بىلدۈرگىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى؛
مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا، قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۇزۇن سەپەردە بېسىپ ئۆتكەن تاغلىق يېزا ۋە دالىلارنىڭ كونا قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرىپ، ئەجدادلار جان پىدالىق بىلەن ئىزدەنگەن، ئەمما ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمىغان گۈللەنگەن دەۋردىكى قىياپەت نامايان بولدى.
10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زال تورۇسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا غايەت زور قىزىل يۇلتۇز چاقناپ تۇرغان بولۇپ، جۇلالىق نۇرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى −
«بىزنىڭ تارىخنى ئەسلىشىمىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈندۇر. 90 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاشۇ جاپا - مۇشەققەتلىك ۋە شانلىق مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، بىز ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان غەلىبە قىلىش يولى مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە ۋە كۈچلۈك بولدى.
يىغىن مەيدانى، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، تېتىك پېشقەدەم يولداشلار، قىسىمدىكى جەڭگىۋار، قەيسەر ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى ئەمگەكچىلەر... يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىغا ئاتلانغۇچىلار ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تارىخنىڭ ئىلھامى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى.
قىزىل يۇلتۇز چاقناپ، ھەقىقەتنى ئوچۇق جاكارلىدى: «قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىگە تايىنىپ ئېچىلغان.»
قىزىل يۇلتۇز چاقناپ، كۈچنى تاۋلىدى: «قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىگە تايىنىپ ئېچىلغان.»
قىزىل يۇلتۇز چاقناپ، يولنى كۆرسىتىپ بەردى: «قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە تايىنىپ ئېچىلغان.»
قىزىل يۇلتۇز چاقناپ، چىن ھېسسىياتنى جۇلالاندۇردى: «قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە يولى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ئېچىلغان.»
ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت بۇ «قىزىل لېنتا» سانسىزلىغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان. 90 يىل ئۆتۈپ كەتتى، «قىزىل لېنتا» دەسلەپتىكىدەكلا جۇلالاندى، قىزىل گېن ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.
نەق مەيداندا تۇرۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيە 82 - جىتۇەنجۈن مەلۇم لۈيى «قىسىمنى مۇستەھكەملەشتىكى نەمۇنىلىك قىزىل يۇلتۇز قوغدىغۇچى 1 - ليەن»نىڭ جىداۋايۈەنى سۈن يى ئىنتايىن ھاياجانلاندى. بۇ، بىر شانلىق تارىخقا ئىگە قوشۇن، 90 نەچچە يىل ئىلگىرى، ليەندۈيدىكى ئەجدادلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى قوغداشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى زىممىگە ئالغان.
«قىزىل ئارمىيە ئىزباسارلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پېشقەدەملەردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ جىسمىدىكى يۈكسەك غايە - ئېتىقاد، باتۇرانە جەڭ قىلىش روھى، قاتتىق ئىستىل - ئىنتىزامدىن ئۆگىنىپ، قىزىل ئارمىيە ليەندۈيىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان بولۇش، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، جەڭدە جەزمەن غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز!» سۈن يى ھەسسىلەپ ئىپتىخارلاندى، ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى.
بۇ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدىكى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان پىداكارلىق، بۇ، ياشاش ئىنتايىن قىيىن بولغان مۈشكۈل ئەھۋالدا ھاياتلىق يولىنى ئېچىش، بۇ، ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىش داۋامىدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش. ئاچ قالسىمۇ، توڭلاپ كەتسىمۇ ئاممىنىڭ بىر تال يىپ - يىڭنىسىنىمۇ ئالمىدى، يارىلانغان پۇتىنى كېسىۋەتسىمۇ يەنىلا شىمالىي شەنشىگە ئۆمىلەپ بېرىشقا قەسەم قىلدى، پولاتتەك ئىرادە بىلەن قوراللانغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىزىل ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى جاھىل دۈشمەننى يېڭىپ، تاغنى تالقان قىلدى!
«روھ كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەسى.»
يىغىن مەيدانى سىرتىدا، چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ غەربكە ماڭغاندا، جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيى بار، بۇ جايدا «ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر − جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، قىزىل ئارمىيە 34 - شىنىڭ شىجاڭى چېن شۇشياڭنىڭ ھەيكىلى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ساداقەتمەن قەھرىماننىڭ مېيىتى، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قەھرىماننىڭ پىداكارلىق بىلەن قان تۆكۈشى. ئۇزۇن سەپەر يولىدا، «ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتىغان ئارقا سەپ مۇداپىئە شىسى»نىڭ ھېكايىسى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى. بۈگۈن، قىزىل ئارمىيە 34 - شى 100 - تۇەنىنىڭ تۇەنجاڭى خەن ۋېينىڭ ئوغلى خەن جىڭجىڭ چېن شۇشياڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا تۇرۇپ، ھاياجېنىنى باسالماي قالدى.
«ئېتىقادنىڭ كۈچى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پارتىيەگە بولغان چەكسىز سادىقلىق بولغاچقا، قىزىل ئارمىيە ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى.» خەن جىڭجىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلار ئالدىدا، يەنىلا ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان بۇ خىل قەھرىمانلىق جاسارىتى ۋە ئىنقىلابىي روھنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ھەربىر جۇڭگولۇقنى تارىخىي داستاندەك بۇ شەرەپلىك تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.»
10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالنىڭ تورۇسىنىڭ مەركىزىدىكى غايەت زور قىزىل يۇلتۇز چاقناپ، جۇلالىق نۇرى ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى −
تارىخقا ئەڭ ياخشى ئېھتىرام بىلدۈرۈش دەل يېڭى تارىخ يارىتىشتۇر. «ئۇزۇن سەپەرنىڭ تارىخى ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى، ئۇزۇن سەپەر يولى ئۈزلۈكسىز ئۇزارماقتا. ئۇزۇن سەپەر غەلىبە قىلغان 90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدە ئارقا - ئارقىدىن ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرلەرنى قىلىپ، كەينى - كەينىدىن ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.»
«ئۇزۇن سەپەر» يولىنى بويلاپ، ئۇلۇغ ئىشلاردا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باستى.
1970 - يىلى، «چاڭجېڭ 1 - نومۇر»لۇق توشۇغۇچى راكېتا «دۇڭفاڭخۇڭ 1 - نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزدى، «شەرق قىزاردى، قۇياش چىقتى» مۇزىكا ساداسى پۈتۈن يەرشارىدا ياڭرىدى؛ 1974 - يىلى، دۆلىتىمىز تۇنجى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى «چاڭجېڭ 1 - نومۇر» سەپكە كىردى؛ 2006 - يىلى، 2016 - يىلى، لۇڭشىن كوللېكتىپى ئۇزۇن سەپەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىككى ئەۋلاد شىنپىيەنگە CZ80 ،CZ70 دەپ نام بەردى؛ 2026 - يىلى، چاڭجېڭ 2 - نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 23 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا شېنجوۋ 23 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ئوت يېقىلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشىدا 8 - قېتىملىق «ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچرىشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى... ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان جۇڭگو ئارزۇنى بىپايان يۇلتۇزلار دېڭىزىغا پۈتتى.
«چاڭجېڭ» نامى بىلەن، مەنىۋى مەشئەل ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلدى.
«توشۇغۇچى راكېتاغا <چاڭجېڭ> دەپ نام بېرىش ئۇنىڭ جەزمەن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىگە ئوخشاش، ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئاخىرىدا غەلىبە قىرغىقىغا يېتىپ بارىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.» بىرىنچى ۋاقىتتا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، توشۇغۇچى راكېتا ۋە ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى تېخنىكا مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىك لۇڭ لېخاۋ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادىسىنى ساقلاپ مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى خادىملىرى چوقۇم ئۇزۇن سەپەر بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ يىراققا ماڭالايدۇ.»
ئۇزۇن سەپەرنى خاتىرىلەش، ئۇزۇن سەپەرنى چۈشىنىش، ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇزۇن سەپەر يولىدا مەڭگۈ مېڭىش.
تارىخ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىش توغرىسىدا «بەش جەزمەن»دىن ئىبارەت ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، «جەزمەن پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك».
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، تەرەققىيات قەدىمى قەتئىي توختاپ قالمىدى، «جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك».
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، كۈرەش قىلىش جاسارىتى پولاتتەك مۇستەھكەم بولدى، «جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشىمىز كېرەك».
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش بۇرغىسى جاراڭلىق ياڭرىدى، «جەزمەن خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك».
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، تۈپ كاپالەت پولاتتەك مۇستەھكەم بولدى، «جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك».
دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ھالقىدۇق بىز ئېگىز تاغلار ئۈستىدىن. بىز يېڭى مۇساپىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ: «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!»
ئالقىش سادالىرى ياڭراپ، ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.
10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا، ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ياڭرىدى، «بىرلىشەيلى ئەتىگە، ئىنتېرناتسىيونال چوقۇم ئاشىدۇ ئەمەلگە...»
ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى 20 - ئەسىردە دۇنيانىڭ ئىستىقبالىغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئۇزۇن سەپىرى 21 - ئەسىر تارىخ سەھىپىسىدە مۇقەررەر قېنىق، رەڭدار سەھىپە پۈتىدۇ.
قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يىللارغا تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولدى. مۇشۇ پەيتتە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، قىزىل بايراقلار شامالدا لەپىلدەپ جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.
مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان «قىزىل لېنتا» تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن كېلىپ، كەلگۈسىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئۇزارماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)






