تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسى، پوچتا بۇيۇملىرى تارقىتىلدى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى بېيجىڭ شىچېڭ رايونى ماۋېيگوۋ پوچتا ماركىسى توپلاش تىجارەت زالىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، «جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسى ۋە پوچتا بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

   10-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگو پوچتىسى «جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسىنى تارقاتتى. بۇ بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسى بىر يۈرۈش ئالتە دانە بولۇپ، پوچتا ماركىسىنىڭ سۈرەت نامى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: سەپەرگە ئاتلىنىش، شياڭجياڭ دەرياسىدا قانلىق جەڭ قىلىش، زۈنيى يىغىنى، لازىكوۋدا كەسكىن جەڭ قىلىش، غەلىبىلىك ئۇچرىشىش، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش. جۇڭگو پوچتا ماركىسى توپلاش چەكلىك شىركىتى بۇ بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسىنى تارقىتىشقا ماسلىشىپ، تۇنجى قېتىملىق يېڭى ماركا چاپلانغان كونۋېرت، خاتىرە كونۋېرت، پوچتا ماركىسىنى ئەتىۋارلاپ ساقلاش ئالبومى قاتارلىق پوچتا بۇيۇملىرىنى ماس قەدەمدە بازارغا سالدى.

10-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان «جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان «جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسى خاتىرە كونۋېرتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

10-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان «جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى» خاتىرە پوچتا ماركىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يېڭى ماركا چاپلانغان كونۋېرت. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى

«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.