تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | پۇتبول مۇھەببىتى ئىككى جايدىكىلەرنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇردى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر ئايبەرچىن

  10-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىر ھەپتە داۋاملاشقان جياڭسۇدىكى مۇھاكىمىلىق ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەش-پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن بارغان 100 ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى. چىملىق مەيداندا يۈگۈرۈۋاتقان سىيمالار، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ چۇقان سېلىۋاتقان ھەمراھلار پۇتبولچى ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىگە ئايلاندى.

   «بىللە توپ تېپىدىغان نۇرغۇن ياخشى دوست بىلەن تونۇشتۇم!» بۇ قېتىمقى جياڭسۇ سەپىرى تىلغا ئېلىنغاندا، غۇلجا ناھىيەلىك نەنتۇڭ تەجرىبە مەكتىپى تولۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەسما كەرىمجان يەنە ھاياجانغا تولدى. مۇھاكىمىلىق ئۆگىنىش مەزگىلىدە، ئەسما ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى شۈجوۋ شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، ئوتتۇرا مەيداندا توپ تېپىدىغان ئۇ مەيداندا جانلىق يۈگۈرۈپ، توپنى تەمكىن تەپتى، ئۇنىڭ ئىپادىسى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۈجوۋدىكى نۇرغۇن كىچىك توپ ماھىرلىرى ئۇنى ئورىۋېلىپ ئىمزا قويۇپ بېرىش، ئۆزئارا ۋېيشىن نومۇرىنى قوشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلدى، پۇتبول مىڭ چاقىرىم ھالقىغان دوستلۇق رىشتىنى باغلىدى.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شۈجوۋ شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپتە، پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۈجوۋدىكى كىچىك توپ ماھىرلىرى ئەسما كەرىمجان (كۆك رەڭلىك توپ كىيىمى كىيگەن)نى ئورىۋېلىپ ئۇنىڭغا ئىمزا قويدۇرۇپ خاتىرە قالدۇردى.    سۈرەتنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن

   ئەسما باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا پۇتبول بىلەن ئۇچراشقان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول يازلىق لاگېرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق «ئانار دانىسى لوڭقىسى» ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، نۇرغۇن مۇسابىقە تەجرىبىسى توپلىغان. بۇ قېتىم ئۇ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 49 پۇتبولچى ئۆسمۈر بىلەن بىللە شۈجوۋ شەھەرلىك 10-ئوتتۇرا مەكتەپ، شىنيۈەن ئوتتۇرا مەكتىپى، خەنجىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەرگە بېرىپ، شۇ جايدىكى پۇتبول كوماندىلىرى بىلەن ئارىلاش سەپ تۈزۈپ، بىر مەيداندا مۇسابىقىگە چۈشۈپ، توپ ماھارىتى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇردى.

   دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، كۆپچىلىك يەنە شۈجوۋ مۇزېيى، شۈجوۋ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسىم ۋە تاش ھەيكەل سەنئەت سارىيىغا بېرىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. «نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرنى كۆردۈم، يەنە شۈجوۋلۇق نەچچە تېرېنېر بىلەن تونۇشتۇم» دېدى ئەسما. ئۇ كىچىك دوستلار بىللە توپ تېپىپ بەك خۇشال بولغانلىقىنى، بۇ قىزىقىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   مەشىق مەيدانىدا، جياڭسۇلۇق تېرېنېر توپنى پاس بېرىش-ئېلىش، ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە مۇداپىئە ئورنىغا قايتىش، تاكتىكىلىق ماسلىشىش جەھەتلەردىن ئىنچىكە ئۈلگە كۆرسىتىپ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ توپ توختىتىش، يۈگۈرۈش جەھەتتىكى ھەرىكەت ئىنچىكە نۇقتىلىرى ۋە ئادىتىنى بىر-بىرلەپ تۈزەتتى. ئىككى جايدىكى ئۆسمۈرلەر مەيداندا تەڭ يۈگۈرۈپ، توپنى پاس بېرىش-ئېلىش، ماسلىشىش جەريانىدا توپ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىشىشنى ئۆگەندى.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇھاكىمىلىق ئۆگىنىشكە قاتناشقان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن بارغان ياش-ئۆسمۈرلەر شۈجوۋ شەھىرىدە پۇتبول مەشىقى قىلماقتا.    سۈرەتنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن

   «نەق مەيداندا يۇقىرى سەۋىيەلىك كوماندىنىڭ تاكتىكىلىق ماسلىشىشىنى كۆرۈپ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ماسلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، قايتىپ بارغاندىن كېيىن كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشىمەن» دېدى تېكەس ناھىيەسى چولاقتېرەك بازىرى سارقوبۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تالانت ساۋخوڭبېك.

   ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان تېرېنېرلارنى مەخسۇس تەربىيەلەشتە، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ بارغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جياڭسۇدىكى نوپۇزلۇق پۇتبول كەسپى لېكتورى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەشىق سىستېمىسى، دەرسخانا لايىھەسى، نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىش، كوماندا قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، نەزەرىيە دەرسى بىلەن ئەمەلىي مەشىقنى بىرلەشتۈردى. تەربىيەلەشكە قاتناشقان تېرېنېرلار ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىشىپ يېتىلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش ئەندىزىسى ۋە ئىلمىي مەشىق ئىدىيەسىنى يېقىن ئارىلىقتا ئۆگەندى.

10-ئاينىڭ 16-كۈنى، نەنجىڭ تەنتەربىيە شۆيۈەنىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن بارغان پۇتبول تېرېنېرلىرى نەزەرىيە دەرسى ئاڭلىماقتا.    سۈرەتنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى تەمىنلىگەن

   غۇلجا ناھىيەسى تۇرپانيۈزى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تېرىنېرى ئەرپات ئابدۇرېشىت چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش ئارقىلىق سىستېمىلاشقان، ئىلمىيلاشقان مەشىقنىڭ ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتىم، قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئوقۇتۇش تەپەككۇرىنى يېڭىلاپ، ئۆگەنگەن ئۇسۇللارنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش ۋە كوماندا مەشىقىدە قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ پۇتبولنى ياخشى كۆرۈشىگە، پۇتبولنى ياخشى مەشىق قىلىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

   بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش-پىكىر ئالماشتۇرۇش «جياڭسۇ-ئىلى قەلبداش بولۇش . يېشىل مەيداندا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ «ئۈچ بىر» ھەرىكەت پىلانىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشىتابىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بۇ تۈرلۈك دائىملاشقان مۇھاكىملىق ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەشكە ھازىرغا قەدەر 130 ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى قېتىم قاتناشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلەر «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» تېمىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھاكىمىلىق ئۆگىنىش پائالىيىتى، ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش لوڭقىسى» ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۇتبول مۇسابىقىسى، «جياڭسۇ-ئىلى قەلبداش بولۇپ چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىش. نەنجىڭ-ئىلى قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش» قاتارلىق بىر قاتار ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشتى. چىملىق مەيدان كۆۋرۈك بولدى، ئۆسمۈرلەر يۈگۈرۈش داۋامىدا تونۇشتى، سىردىشىش جەريانىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ھەر مىللەت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.