قاغىلىق ناھىيەسى ئاقتاش بازىرىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر (10-ئاينىڭ 15-كۈنى تېزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاقتاش بازىرى چۆل-جەزىرىدە ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېڭى شەھەر قۇردى. ھازىر بۇ يەردە مائارىپ، داۋالاش، قاتناش يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، خاس باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى، كۆچۈرۈلگەن 14 مىڭ ئامما بۇ يەردە خاتىرجەم ياشاپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. نۇرمەمەت سەمەت فوتوسى
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






