تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دوكلاتنى قاراپ چىقىش مىننەتدارلىقنى بايان قىلىش | ۋاڭ شىفاڭ: مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمنى ئادەم تەربىيەلەش كۈچىگە ئايلاندۇرىمەن

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

   «دوكلاتنى ئاڭلاپ ھەسسىلەپ ئىلھاملاندىم، ھەسسىلەپ روھلاندىم.» 10-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 11-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغاندا، تولى ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ شىفاڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئەمەلىي ۋە چوڭقۇر بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى زىچ چۆرىدىلىپ پىلانلىنىپتۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىقلار گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، ھەر بىر سۆز-جۈملىگە ھەر مىللەت ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت، غەمخورلۇق مۇجەسسەملىنىپتۇ.

10-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 11-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغاندا، تولى ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋاڭ شىفاڭ سۆز قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە فوتوسى

   ئاساسىي قاتلام مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ شىفاڭ يېقىنقى بەش يىلدا ناھىيە مائارىپىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. «يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، <بوشلۇق دەرسخانىسى> قوش ئوقۇتقۇچى ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنىڭ پايدىسىدا، بېنشى شەھىرىدىكى ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ماكان ھالقىپ ماس قەدەمدە دەرس ئۆتۈپ، بىرلىشىپ ئوقۇتۇش-تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى بالىلارنى لياۋنىڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى. بالىلار <ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش> تىن <ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش> قا ئۆزگىرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.» ۋاڭ شىفاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر ھەر بىر ئەمەلىي ئىش ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سىياسەتنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلدۇردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، قەلبىمىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى.

   دوكلات بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن ئېنىق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى ھەم ئۇنىڭغا زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ۋاڭ شىفاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يەرلىكنىڭ قىزىل بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا تۇتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەۋقەنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرەك ساداسىنى يەتكۈزىمىز.

   «قايتىپ بارغاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن مائارىپ كۈچى قوشىمەن» دېدى ۋاڭ شىفاڭ قەتئىيلىك بىلەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.