تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 1 - يىغىن ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 1 - يىغىن ئۆتكۈزدى. قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق يولداش چېن شياۋجياڭ قاتارلىق 13 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

ئارقىدىن، يىغىندا قادېن كەبىن، لى گاڭ، ۋۇ جيەن، لى كېيۇڭنى قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاي ئىجرائىيە رەئىسلىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى ۋە ۋەزىپىسى ھەم قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپى ماقۇللاندى. بۇ كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ.

يىغىندا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر، سىرتتىن قاتناشقۇچىلار ۋە يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان خادىملار ئىشلىرى ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ئىككى كىشى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى، 259 كىشى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى. 414 كىشى يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدۇ.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنغان 725 ۋەكىلنىڭ ئىسىملىكى ئىقتىساد، سىياسىي - قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەر، يەرلىك، بىڭتۇەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملار، ئىشچىلار، دېھقانلار، كادىرلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى كەسىپكارلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار قائىدە - نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىلغارلىق ۋە ساپلىقىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە بەدەل پۇلىنى يىغىش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ماقۇللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.