تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىز قۇرۇپ چىقماقچى بولغان ساغلام جۇڭگو تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ساغلام جۇڭگو».

مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ساغلاملىقىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، 2035 - يىلىغىچە ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

خەلقنىڭ ساغلاملىقى ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى، ھەممە ئادەمنىڭ ساغلاملىقى پۇقرالارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى. پارتىيەمىز جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدىن، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچلۈك قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دۆلەت، نوپۇس كۆلىمى غايەت زور، شەھەر - يېزا رايونلىرى ئارىسىدىكى پەرق يەنىلا بىرقەدەر چوڭ بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، جەزمەن دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش»تىن ئىبارەت بۇ چوڭ يۆنىلىشنى نىشانلاپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

«كۈچلۈك ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تىرەكلىك ئىقتىدارى، تېببىي دورا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارى»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ساغلام جۇڭگو ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالتە جەھەتتىكى ئىقتىدارنى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى، بۇ، ھەم ئىستراتېگىيەلىك نىشان، ھەم ئەمەلىيەت تەلىپى بولۇپ، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى گەۋدىلەندۈردى.

بۇ جايدا «ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى» «تېببىي دورا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى»نى مىسال قىلىپ چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

سەھىيە ۋە ساغلاملىق شەخسنىڭ ئىشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى. كۈچلۈك ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا ساغلام جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم تىرىكى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، ساغلاملىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، سىستېمىلىق قاراش تۇرغۇزۇلۇپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش تەرەققىيات ئۇسۇلىغا تۈرتكە بولۇشتا ساغلاملىقنى مەركەز قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىدىيەنىڭ ھالقىشى، ئىدارە قىلىنىشنىڭ ئۆزگىرىشى بەلگە قىلىندى.

سىچۇەن لۇشيەندە، سوزۇلما كېسەللىككە گىرىپتار بولغان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىق تۈرگە، دەرىجىگە ئايرىلىپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىندى، ناھىيە رايونى ئىچىدىكى تۆت تۈرلۈك ئېغىر سوزۇلما كېسەللىككە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 2020 - يىلىدىكىدىن 3.25 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى؛

شاڭخەي ياڭپۇدا تەنھەرىكەت، ساغلاملىق خىزمىتى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىش تۈرى ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تەدبىر بەلگىلەش ئىش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىرىكمە تىپلىق سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى...

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا ئىككى پىرسەنت پوئېنت سۈرئەت بىلەن ئۆستى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىدە «ئۇدا بەش يىل تۆۋەنلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن، ھەر يىلى 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنى تەخمىنەن 140 مىليون ئادەم قېتىم ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكىچە، مەۋقە ھاياتلىق پۈتۈن دەۋرىيلىكى، مۇلازىمەت پۈتۈن زەنجىرى، ساغلاملىق پۈتۈن جەريانىغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشتا تەرەققىيات ئاساسىي رېڭى جۇلالاندۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئاشۇرۇلدى.

ھازىر، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسى ساغلاملىققا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ئېھتىياجى تېخىمۇ كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ. «خەلق ساغلاملىقىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»دا بارلىق كىشىلەر توپىغا ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر چىڭ كۆزلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەرەققىيات يول خەرىتىسى ئېنىق سىزىپ بېرىلدى.

ساغلاملىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تۈرلۈك سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاغرىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن ئومۇمىي خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئۇللۇق، مەنبە خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ياخشى تۇتقاندا، چوقۇم ساغلاملىقنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

كۈچلۈك تېببىي دورا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇستەھكەم قالقان.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىز 38 خىل ئىجادىي دورىنى بازارغا سېلىشنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى نىشان، يېڭى مېخانىزمدىكى 11 خىل دورىنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئىجادىي دورىلار بولۇپ، بەزىلىرى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلىنغان داۋالاش دورىلىرى. دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئىجادىي دورىلار بويىچە بۇ يىل سىرتقا ھوقۇق بېرىلگەن سودا سوممىسى 120 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. «يېڭى دورا، دەسلەپكى ئىجادىي دورىلاردا ھازىر كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.»

ئەگىشىپ يۈگۈرۈشتىن تەڭ يۈگۈرۈش، قىسمەن يېتەكلەپ يۈگۈرۈشكىچە، «چەت ئەل مونوپول قىلىش»تىن «ئۆز جايىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش»قىچە، يەنە سۈرئەتنى تېزلىتىپ «مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىش»قىچە، دۆلىتىمىز ئىجادىي دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا قانداق قىلىپ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالىدى؟

بۇنىڭ مەنبەسى «0دىن 1گىچە» بولغان يېڭى مۇسابىقە يولىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، يېڭى نىشان، يېڭى مېخانىزم ۋە يېپيېڭى دورا تىپى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش «مەنبە ئېقىن سۈيى»نىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدىن بولغان.

يېڭى دورىلارنىڭ مىقدارى، سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆسۈشى يەنە دادىل يولغا قويۇلغان تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن ئايرىلالمايدۇ، «مۇھىم يېڭى دورىلارنى ئىجادىي ياساش» پەن - تېخنىكا مۇھىم مەخسۇس تۈرىدە سىجىل كۈچ چىقىرىلىپ، يېڭى دورىلارنى كىلىنىكىدا سىناق قىلىشنى تەستىقلاش 14 ئايدىن 30 كۈنگە قىسقارتىلدى.

يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئاساس تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەندە، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگودا ياسالغان، دۇنيا بويىچە يېڭى» دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، كىلىنىكىلىق ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش نوپۇس ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تىرەك؛ خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم مەزمۇن.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بۇرچى زىممىمىزدە، ساغلام جۇڭگونى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشتا مەسئۇلىيەت ئېغىر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىسەك، بىز چوقۇم خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ساغلاملىق ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ساغلاملىق ئاساسىنى پۇختىلىيالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.