□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ رۇي
4 - پەسىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، لوپنۇر كۆلى تۇز كاندۇكلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە يېڭى ئىلگىرىلەش خەۋەرلىرى تارقالدى: دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۇز ئايرىش - يەتكۈزۈش ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپىنى رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ھەرقايسى پومپا پونكىتلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق نۇقتىلىرىغا چارلاپ تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى يېڭىلاپ ئورناتقاندىن كېيىن، مەركىزىي تىزگىنلەش ئۆيى مەركەزلىك كۆزىتىپ ئۆلچەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەقەت ئىككى ئادەم بىلەنلا 300 كىلومېتىرغا يېقىن تۇزلۇق سۇ يەتكۈزۈش ئۆستىڭىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ تىزگىنلىيەلەيدىغان بولدى. بۇ ئۆزگىرىش ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش - رېمونت قىلىش خادىملىرى يىل بويى چۆللۈكتە ئۆستەڭ چارلايدىغان، ئادەم كۈچى بىلەن نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئەنئەنىۋى مەشغۇلات ئەندىزىسىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى.
دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خام ماتېرىيال زاۋۇتى تۇز ئايرىش - يەتكۈزۈش سېخى مەركىزىي تىزگىنلەش ئۆيىگە كىرگەندە، چوڭ ئېكراندىن يەتتە تۇزلۇق سۇ يەتكۈزۈش ئۆستىڭىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى بىر قاراپلا ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. مائۇسنى يېنىك چەككەندە، ھەرقايسى پومپا پونكىتلىرىنىڭ بېسىمى، ئېقىم مىقدارى، سۇيۇقلۇق ئورنى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىي ۋاقىتتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ؛ ئېكران ئالماشقاندا، ئادەم ئاياغ باسمىغان پومپا پونكىتىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئېگىز بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدىغان بۇ يەتتە تۇزلۇق سۇ يەتكۈزۈش ئۆستىڭىدىكى تۇزلۇق سۇ ئۇدۇل 1 - نومۇرلۇق تۇزلۇق سۇ يەتكۈزۈش پومپا پونكىتىغا قويۇلۇپ، خۇددى تۇپراقتىكى كۆك رەڭلىك تومۇرغا ئوخشايتتى.
خام ماتېرىيال زاۋۇتى تۇز ئايرىش - يەتكۈزۈش سېخى رېمونت بەنىنىڭ باشلىقى ياۋ چېڭ ئېكراننى كۆرسىتىپ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، رېمونت بەنىدىكى 31 تەكشۈرۈش - رېمونت قىلىش خادىمى يىل بويى ئۆستەڭ لىنىيەسىدە ئالدىراش يۈرەتتى. ئىلگىرى پومپا پونكىتىدا ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىشقا توغرا كېتەتتى، چارلاپ تەكشۈرگەندە تۆت - بەش ئادەم گۇرۇپپا بولۇپ پونكىتمۇپونكىت بىر - بىرلەپ تەكشۈرىدىغان بولغاچقا، ۋاقىت ۋە كۈچ خورايتتى. بۇ يىل خام ماتېرىيال زاۋۇتى پارتىيە ئەزالىرى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تارمىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش - يىغىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. «ھازىر قايسى پومپا پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا نورمالسىزلىق بايقالسا، بىز بىۋاسىتە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىمىز، كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى» دېدى ئۇ.
ئۆزگىرىش تۇز سۈيى يەتكۈزۈش ئۆستىڭى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. كان ئېچىشتىن توشۇشقىچە بولغان ئاقىل كۆرۈنۈشنى بۈگۈنكى كۈندە لوپنۇر كۆلى مەركىزىي رايونىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كۆرگىلى بولىدۇ.
لوپنۇر كۆلى رايونىدا ناچار ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئادەم كۈچى بىلەن توشۇش - ئاسراشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بۇ، تۇز كۆل ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۇزاق مەزگىل دۇچ كەلگەن كەسىپتىكى ئاغرىق نۇقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ لوپنۇر كالىيلىق تۇز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 5G، نەرسە تورى، بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سۇپىسىنى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش مەشغۇلاتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
بىپايان تۇز كاندۇكلىرىدا، «5G + بېيدوۋ» تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ تارتىش ماشىنىسى پۈتۈن كۈن ئادەمسىز ھەيدەش، ئۆز ئالدىغا كان قېزىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تېخنىكلار مەركىزىي تىزگىنلەش ئۆيىدە مەشغۇلات لىنىيەسى، قېزىش چوڭقۇرلۇقىنى ئالدىن تەسىس قىلىشنى تاماملىيالايدۇ، ئۈسكۈنىنىڭ يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا يەتكۈزۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىش، دەل جايىدا تەڭشەش - تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. «پىرىستان 5G + ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان تۇز قېزىش كېمىسى»دىن ئىبارەت بۇ تۈر شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈم 5Gغا تولۇق ئۇلانغان زاۋۇت قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاپ كىرگۈزۈلدى.
كالىي سۇلفات ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي زاۋۇت ئۆيىگە كىرگەندە، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى «ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنمە + كۆپ سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريان ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە تىرەك بولغانىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرۈش ماشىنا ئادىمى 24 سائەت نۆۋەتچىلىك قىلىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، ئاۋازنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ؛ سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسىگە «تەقسىملىمە ئوپتىك تالا ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش + كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى» تېخنىكىسى ئورنىتىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان توك تەقسىملەش ئۆيى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەيگۇەن ئىشكاپىغا تايىنىپ، توك يولى مەسىلىسىدە «تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىگنال بېرىش + ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ تەييار مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلاش سېخىدا ئاپتوماتلاشقان ئوراپ قاچىلاش، مېخانىك بىلەكنى تىزىش بىر يولىلا تاماملىنىدىغان بولدى.
ساقلاش، توشۇش بىر گەۋدىلەشكەن رەقەملەشكەن تۈر قۇرۇلۇشىدا، پارتىيەلىك تايانچ تېخنىكلار كوللېكتىپى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان قىسقا مۇساپىلىك توشۇپ قاچىلاش، ئامباردا ساقلاش مەشغۇلاتى ھەم مەھسۇلات توشۇش ۋە ماددىي ئەشيا توشۇش ھالقىلىرىدىكى پۈتۈن جەرياننى رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى چۆرىدەپ مەركەزلىك ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلماقتا.
«5G، بېيدوۋ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى كارخانىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش ۋە تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرمەكتە، يەنە تۇز كۆل بايلىقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئېچىشنى ئەمەلىي يول بىلەن تەمىنلىدى. كەلگۈسىدە، دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز شىركىتى گالوگېن ئېلىش - يەتكۈزۈش، تۇز كاندۇكلىرىدا يىغىش، مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش - توشۇش، مەھسۇلاتلارنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەشغۇلات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتورىغا ئايلاندۇرىدۇ» دېدى دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى لوپنۇر كالىيلىق تۇز شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خوۋ لىنلياڭ.






