تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئانار گۈلى تىيانشاننىڭ ھەممە يېرىدە پورەكلەپ ئېچىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

ۋاقىت قەلبداشلىق ئىزنالىرىنى نەقىشلىدى، تىيانشان چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرىگە گۇۋاھ بولدى. تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش.

ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، بۇ بەش يىلغا نەزەر سالساق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئانار گۈللىرى تېخىمۇ كۆركەم ئېچىلدى، دانىلىرى تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش «نۇقتىدا چېچەكلەش»تىن «پۈتۈن رايوننى قاپلاپ ئوزۇقلاندۇرۇش»قا يۈزلەندى.

2025 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىمىنى ھەدىيە قىلدى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتتى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ھېكايىلىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ماكان جەھەتتىكى ئۆزئارا گىرەلىشىش يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى، بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش تۇرمۇشتىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر يولى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ قاتلاملىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا جەھەتتە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى.

كۈزدىكى قۇياش نۇرى تولىمۇ ئىللىق ئىدى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىبازار كوچىسى يېڭىبازار مەھەللىسىدىكى ياڭگۇاڭلى ئولتۇراق رايونىغا كىرگىنىمىزدە، ھەر مىللەت قوشنىلار بىللە مۇڭدىشىپ، ھەمراھ بولۇپ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتاتتى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان جانلىق مەنزىرىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. 18 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قۇرۇلغان بۇ مەھەللە بىكار تۇرغان زاۋۇت ئۆيىنى كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كېلىدىغان «ئانار دانىسى ماكانى»غا ئۆزگەرتكەنىدى، بۇ جايدا قارتا ئۈستىلى، تىكتاك توپ ئۈستىلى، ئۇسسۇل مەشىق مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. پېنسىيەگە چىققان ئاھالە چى گوپىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئەتىگەندە كېلىپ بىردەم ئۇسسۇل ئوينايمىز، چۈشتىن كېيىن قارتا ئوينايمىز، ھەر مىللەت قوشنىلار بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇق - تۇغقاندىنمۇ يېقىن ئۆتىدۇ، ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرىنى ئەتكەندە بىرىنچى ۋاقىتتا قوشنىلارغا سۇنىدۇ، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا پۈتۈن ئولتۇراق رايوندىكىلەر بېرىپ ياردەملىشىدۇ». مەھەللە يەنە ھەر ئاينىڭ 16 - كۈنىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە «ئانار كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، شۇ كۈنى يۈز ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆپچىلىك پولۇ ئېتىپ، يېڭى مېۋىلەرگە ئېغىز تېگىپ، خۇشال - خۇرام جەم بولىدۇ.

19 مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچىسى غۇلجا مەھەللىسى 2025 - يىلى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، ئۇسسۇل ئۆيى، جۇڭيى تېبابەتخانىسى، خەتتاتلىق ۋە رەسىم ئۆيى قاتارلىق 20 نەچچە فۇنكسىيەلىك ئۆي تەسىس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردى. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يەنجى بازىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە تايىنىپ، تۇرۇبا تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كىچىك گۈللۈكنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىنادىن چۈشسىلا ئارام ئېلىش مەيدانىدىن ئورتاق بەھرىلىنەلەيدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن «بىر بىنادا بىللە ئولتۇرۇش، بىر گۈللۈكتىن ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت ئىناق كەيپىيات شەكىللەندى.

ماكان جەھەتتىكى ئۆزئارا گىرەلىشىش ئولتۇراقلىشىش جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇشتىلا ئىپادىلىنىپ قالماي، يەنە كەسىپلەرنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، ئىقتىسادنى ئورتاق يۇغۇرۇش، بېيىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتى. بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل كوچىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسىدە سەككىز مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، تەۋەلىكىدە 350تىن ئارتۇق يەككە سودا - سانائەتچى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانا توپلاشقان، كەسىپ ھالىتى جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان سودا ئىشلىرى گىرەلەشمە يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلدى. تەۋەلىكتىكى چېڭلۇڭ ئاپتوموبىل ئاسراش مەركىزىنىڭ دۇكان ئىگىسى ما چېڭلۇڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان دۇكان خىزمەتچىسى مەمەتنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، ئۇنىڭغا ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى تولۇق ئۆگەتتى. كۆپ يىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق، مەمەت كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەپ، ئايدا 8000 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلدى، ھازىر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە پائال تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

مەۋقەنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دائىملىق ھەمتۈرتكە بولۇش يوللىرىنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى سۇپىسى، ئاساسىي قاتلام قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش، كەسىپلەر ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، كادىرلار - ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا بايلىقى، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى قوش يۆنىلىشلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ماھارەتنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى؛ شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئىلغار ئىدىيە، ئەمەلىي مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، بىللە ئىشلەش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، مەكتەپ دەرسخانىسىدىن كەسىپ سېخىغىچە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بېرىش - كېلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى بارغانسېرى كۆپەيدى، كۈندىلىك ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى دائىملىق ھالەتكە ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە پۇختا ئىجتىمائىي ئاساس سالدى.

بەرپا قىلىشنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئۇلى بارغانسېرى پۇختىلاندى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم تۇتقا. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتنىشىدىغان بەرپا قىلىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

قانۇنچىللىق يولىدا بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى»نى تۈزۈپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، شىنجاڭ مەخسۇس ئۆگىنىش، مەخسۇس تەربىيەلەش، ئاساسىي قاتلامدا لېكسىيە سۆزلەش، كۆپ نۇقتىدىن قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق 16 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئارقىلىق، قانۇن ماددىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئامما ھېس قىلالايدىغان، بىلەلەيدىغان ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلاندۇردى.

بەرپا قىلىش خىزمىتى نەتىجىلىرى بىر گۇرۇپپا ۋەزىنلىك رەقەملەردە ئىپادىلەندى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ بەرپا قىلىندى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگىلىك ئورۇندىن جەمئىي 123ى بار بولدى، 485 كوللېكتىپ، 602 شەخس مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى بولۇپ باھالاندى. ئاپتونوم رايون «جەرەنبۇلاقتىكى دوستلۇق . گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش» «توقسۇندا ئۆرۈك چېچەكلىدى» قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خاس داڭلىق ماركىلىرىنى سىجىل يارىتىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئۈلگە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت يارقىن نۇقتىدىن دائىملىق خىزمەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۇغقانلىشىش، ساياھەت قىلىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇش سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، «مەن تۇغقىنىم بىلەن يۇرتۇمنى ساياھەت قىلىمەن» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، «يىپەك يولىدىكى تاغ - دەريالار . كۆركەم ۋە گۈزەل بايىنغولىن» مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى؛ تۇرپان شەھىرى «جۇڭخۇاغا مۇھەببەت . ئوت يۇرتىغا سەپەر» ئىدىيەۋى - سىياسىي تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون 280 مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى، ھەر مىللەت ئامما «قەلبداش بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ، ھەميېنى تومپىيىپ، تۇرمۇشىنى خۇشال ئۆتكۈزمەكتە».

بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تىرىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا. شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، يېزا - بازارلارغا كىرگۈزۈش، كەنت (مەھەللە)لەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى رىشتىسىگە ئايلاندۇردى.

شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇم، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش نۇقتىسى بەرپا قىلدى، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي ماتېرىيال . شىنجاڭ قىسمى» قاتارلىقلارنى تۈزدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 49 ئالىي مەكتەپ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» ناملىق دەرسلىكنى قوللاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىر 140 تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك، 681 تۈرلۈك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى سىجىل كۈچەيدى، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۇتاش يىلتىزى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، چىن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرى سۇغىرىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلى قەلبلەردە، كۈچى ئاساسىي قاتلامدا. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى مەھەللە، ھويلا - ئاران، ئېتىز باشلىرىدا سانسىزلىغان ئاددىي كىشىلەر ھەر كۈنى سەمىمىي چىقىشىپ ئۆتۈپ، «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان» تەسىرلىك ھېكايىلەرنى پۈتتى.

ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار كوچا باشقارمىسىنىڭ يېڭىبازار مەھەللىسى ياڭگۇاڭلى ئولتۇراق رايونىدىكى «يۈ ھەدە مۇرەسسە ئىشخانىسى»دا، پېنسىيەگە چىققان ئاھالە يۈ چىڭلىڭ قوشنىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك «مۇرەسسەچى»؛ خەلق ئاشخانىسىدا، تىجارەتچى مىرزات مەمتىمىن ياشانغان ئاھالىلەرنى تەمىنلىگەن ئون يۈەنلىك ئىسسىق تاماققا قوشنىلار ئىچىدىكى ياشانغانلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق مۇجەسسەملەنگەن.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى يەنجى بازىرى مەدەنىيەت مەھەللىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى ۋاڭ شۇلىن ئەسلىدە ھەر چارشەنبە كۈنىلا ئاھالىلەر كەچلىك كۇرسىغا بېرىپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىتەتتى، رەناگۈلنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن تور دۇكىنى تىجارىتىدە قىينىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا «ئايرىم دەرس» ئۆتۈپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، رەناگۈل دۇكىنىدا ئېيىغا زاكازلىق مالدىن 800نى ساتتى، ئۇ دائىم «ۋاڭ مۇئەللىم ماڭا تىل ئۆگەتتى، شۇنداقلا ماڭا دۇنياغا يۈزلىنىشنى ئۆگەتتى» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە، پېنسىيەگە چىققان خەلق ساقچىسى ما شىنخۇا خەنزۇ بوۋاي ياڭ جىچۈننى «خەنزۇ دادام» دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن 20 نەچچە يىل خەۋەر ئالدى، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۆت مىللەتتىن بولغان ئون ئائىلە ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە ئائىلە سۈرىتى ساقلانغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتە ئۇنىڭ كەينى - كەينىدىن بېقىۋالغان قىلچە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان بەش تۇغقىنى بار.

ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە ئىتتىپاقلىق ئۇرۇقىنى چېچىش ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت. 2025 - يىلى، «ئانار دانىسى ۋەتەن سەپىرى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇش كۆۋرۈكى سېلىندى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلىرىدىن كەلگەن 100 نەپەر بالا شىئەنگە بېرىپ، شەنشىلىك 100 كىچىك پۇتبول ماھىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ قوشماقلىشىپ، چىملىق مەيداندا توپ ماھارىتىنى سىناشتى، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشتى. تۇرپان شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سالامجان ئىلھامنىڭ بۇلتۇر «بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش شىنجاڭ مېھرى» ناملىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ «قەلبداشلار لاگېرى» شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىگە قاتناشقاندىكى تەسىراتى ھېلىھەم چوڭقۇر، «ئاشۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئوخشىمىغان مىللەتتىن دوست تۇتۇپلا قالماي، يەنە يېڭى بىلىمگە ئىگە بولدۇم.»

بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، خوتەنلىك قىز پاتىمەخان پەرھات تيەنئەنمېن ئالدىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرگەندە ھاياجانلانغانلىقىدىن كۆزىگە ياش ئالدى، قىسقىغىنا نەچچە ئون سېكۇنتلۇق كۆرۈنۈش مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى. 2023 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىي 230 مىڭدىن ئارتۇق ياش - ئۆسمۈرنى «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، بېيجىڭ ۋە باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخلاندۇردى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىش، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئېچىش»نى تۇرمۇشقا سىڭدۈردى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.