
10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئۇچا بازىرىدىكى كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى تەكلىپ قىلىپ كۈسەن مۇزېيى، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كەچلىك بازىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، «مەن تۇغقانلىرىمنى باشلاپ كۇچانى ساياھەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرىنى ئورتاق بايان قىلىمەن» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىكتە شىنجاڭ تارىخىنى چۈشەندى، يۇرتتىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى. سۈرەتتە: كادىرلار ۋە ئامما كۈسەن مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. □ يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى






