
ئەمگەك توختامى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قانۇن شەكىللىرىنىڭ بىرى.
خىزمەت مەيدانىدا تىرىشىۋاتقان دوستلار ئەگەر ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىماقچى بولسىڭىز، بۇ بىلىم نۇقتىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىڭىز كېرەك!
ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە يەنە ئەمگەك توختامى بېرىشى كېرەكمۇ؟
ئەلۋەتتە بېرىشى كېرەك!
«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 16-ماددا 2-تارمىقىدا، ئەمگەك توختامى ھۆججىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنىڭ ھەربىرى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىغاندا، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى يەنە تەسىس قىلىشقا بولامدۇ؟
بولمايدۇ!
«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 19-ماددىسىدا، ئوخشاش بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوخشاش بىر ئەمگەكچى بىلەن سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى پەقەت بىرلا قېتىم پۈتۈشىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
دىققەت قىلىڭ!
ئەمگەكچى ئىلگىرى خىزمەت قىلغان كارخانىغا قايتا ئىشقا چۈشسە، ئەمما ئىش ئورنى ئوخشاش بولمىسىمۇ، سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى قايتا پۈتۈشۈش ھاجەتسىز.

ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشۇپ، توختامنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىمزالىماي داۋاملىق ئىشلىسە، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ قانداق قىلىش كېرەك؟
«ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 7-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
10-ماددىسىدا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا چوقۇم يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك. ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلەر، چوقۇم ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە يازما ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
«ئەمگەك توختامى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نىڭ 5-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يازما ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىش ھاجەتسىز، لېكىن ئەمگەكچىگە قانۇن بويىچە ئۇنىڭ ئەمەلىي خىزمەت قىلغان ۋاقتىدىكى ئەمگەك ھەققىنى بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
6-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىتقىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 82-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى، ھەم ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ تۈزۈشى كېرەك؛ ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 47-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
7-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل توشقىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن بىر ئاي توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، بىر يىل توشقان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 82-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك ھەم ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر يىل توشقان شۇ كۈنگىچە ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم قەرەلى بولمىغان ئەمگەك توختامى تۈزگەن دەپ قاراپ، ئەمگەكچى بىلەن دەرھال يازما ئەمگەك توختامىنى تولۇقلاپ تۈزۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 77-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا، دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
قانۇن ماددىسى ئۇلانمىسى
«ئەمگەك توختامى قانۇنى»:
47-ماددا، ئىقتىسادىي تۆلەم ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلغان يىل چېكىگە قاراپ، ھەربىر يىل توشسا بىر ئايلىق مائاش تۆلەش ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەكچىگە بېرىلىدۇ. ئالتە ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان بولسا، بىر يىل بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئالتە ئايغا توشمىغان بولسا، ئەمگەكچىگە يېرىم ئايلىق مائاش بويىچە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىلىدۇ.
ئەمگەكچىنىڭ ئايلىق مائاشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون تەسىس قىلغان، شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان شۇ رايوندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە بولىدۇ، ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىش يىل چېكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ئايلىق مائاش ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنىش ياكى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرىكى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنى كۆرسىتىدۇ.
77-ماددا، ئەمگەكچىلەردىن قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا، دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
82-ماددا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئايدىن ئاشقان، بىر يىلغا توشمىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى، ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم قەرەلى بولمىغان ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىرى، مۇقىم قەرەلى بولمىغان ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە تېگىشلىك كۈندىن باشلاپ ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك.






