تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپى | سىرلىق قۇتىنىڭ پېچىتى بۇزۇلسا ھەم ئالماشتۇرۇشقا ھەم قايتۇرۇشقا بولمامدۇ؟

  تۇرپان شەھىرى ئاھالىسى كا خانىم: مەن سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا بىر ئويۇنچۇق دۇكىنىدىن بىر سىرلىق قۇتا سېتىۋالغانىدىم، ئاچقاندىن كېيىن ئىچىدىكى قونچاقنىڭ بىلىكىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى، بېزەلگەن رەڭگىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. مەن تاۋارنى ۋە مال سېتىۋېلىش تالونىنى ئېلىپ بۇ سىرلىق قۇتىنى ساتقان سودىگەرنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭغا مالنى ئالماشتۇرۇش ياكى قايتۇرۇشنى ئېيتتىم. سودىگەر مال جازىسىدىكى ئەسكەرتىش تاختىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «سىرلىق قۇتىنىڭ پېچىتى بۇزۇلسا ئالماشتۇرۇلمايدۇ ھەم قايتۇرۇلمايدۇ» دېدى، يەنە بۇنى بۇ ساھەنىڭ قائىدىسى دېدى. مېنىڭچە بۇ مۇۋاپىق ئەمەس، ھوقۇقۇمنى قانداق قوغدىشىم كېرەك؟

   ئانار بۇلۇت قانۇندىن ياردەم بېرىش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھىرى جىنتيەنچېڭ (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى گو چۈجياڭ: سىرلىق قۇتىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سېتىۋالغاندا كونكرېت پاسوننى ئالدىن بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ تىجارەتچىلەرنىڭ سۈپەت مەسىلىسى جەھەتتىكى جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سودىگەرنىڭ سۆزىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق، «سىرلىق قۇتىنىڭ پېچىتى بۇزۇلسا ئالماشتۇرۇلمايدۇ ھەم قايتۇرۇلمايدۇ» دېگەن سۆز سۈپەت كاپالەت مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.

   ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ 24-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىستېمالچىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى، ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە مالنى قايتۇرسا ياكى تىجارەتچىلەردىن ئالماشتۇرۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. سىرلىق قۇتا «نامەلۇم كۈتۈلمىگەن خوشاللىق» خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا ئادەتتىكى تاۋارغا تەۋە، چوقۇم سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. سىرلىق قۇتىنىڭ پېچىتىنى ئاچقاندىن كېيىن سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلسە، ئىستېمالچىلار ئالماشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقۇقلۇق، سودىگەرلەرنىڭ ئاتالمىش «ساھە قائىدىسى» قانۇندىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قارشى تۇرالمايدۇ.

   سودىگەرلەرنىڭ دۇكان ئىچىگە «سىرلىق قۇتىنىڭ پېچىتى بۇزۇلسا ئالماشتۇرۇلمايدۇ ھەم قايتۇرۇلمايدۇ» دېگەن ئېلاننى چاپلىشى، تىپىك ئەندىزىلىك ماددا ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 497-ماددىسىدا، ئەندىزىلىك ماددا بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپ ئۆزىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئورۇنسىز كەچۈرۈم قىلغان ياكى يېنىكلەتكەن، قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىرلاشتۇرغان، قارشى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى ئورۇنسىز چەكلىگەن بولسا، بۇ ئەندىزىلىك ماددا ئىناۋەتسىز، دەپ بەلگىلەنگەن. سودىگەرلەرنىڭ «پېچەتنى بۇزۇۋېتىش» نى باھانە قىلىپ، سۈپەت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى رەت قىلىشى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ سۈپەت كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئالدىغا كەچۈرۈم قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى چەكلىگەنلىك بولۇپ، بۇ ماددا قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.