ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، قەشقەردە جەنۇبىي شىنجاڭغا خاس كۈز مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولدى.
كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى سالقىن شامالنىڭ چۆللۈكتىكى بوستانلىقلارنى سىيپاپ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، قەدىمىي شەھەردىكى كوچىلار، دەريا ۋادىسىدىكى توغراقلار تەدرىجىي قېنىق ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، قەشقەر قايناق تۇرمۇش بىلەن تەبىئەت ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان رومانتىك مەزگىلگە قەدەم قويدى.
ئاسماندا بۇلۇت ئاز بولۇپ، ھاۋا تولىمۇ يېقىشلىق ئىدى، قەشقەردە كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش سەپىرىنى باشلايدىغان پەيت كەلدى.
توغراقلىقتىكى سېرىق يوپۇرماقلارنى تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى توغراقلىقنىڭ نۆۋەتتىكى كىلىماتقا قاراپ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ھەم توغراق يوپۇرمىقى سارغىيىش مەزگىلىدىكى ھاۋارايى كۆرسەتكۈچى
ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى كىلىمات يۈزلىنىشى مۆلچەرىگە قارىغاندا
قەشقەر ۋىلايىتىدىكى توغراقلىق
10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىن
10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىنىڭ ئالدىنقى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە بولغان ۋاقىتتا
ئومۇميۈزلۈك يوپۇرماق سارغىيىشنى باشلاش مەزگىلىگە كىرىدىكەن
(بىر قەدەر ياخشى بولغان تاماشا قىلىش مەزگىلى)
10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە
يوپۇرماق پۈتۈنلەي سارغىيىش مەزگىلىگە كىرىدىكەن
(ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى)
يېقىنقى مەزگىلدىكى كىلىمات يۈزلىنىشى مۆلچەرى

يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى 10-ئاينىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى
ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ
ئۇنىڭغا يەنە بۇ يىلقى كەلگۈسى ھاۋارايى يۈزلىنىشى مۆلچەرىنى بىرلەشتۈرسەك
مۆلچەرلىنىشىچە، 2026-يىلى قەشقەر تۈزلەڭلىكىدە
10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلنىڭ ئالدى-كەينىدە
ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇستىن 15 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن
كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 3 سېلسىيە گىرادۇستىن 4 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن
شۇ چاغدا توغراق يوپۇرمىقى سارغىيىش مەزگىلىگە كىرىدىكەن
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توغراق مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش مەزگىلى



كۆپچىلىك شۇ جايدىكى مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان
يېقىنقى مەزگىلدىكى ھاۋارايى مەلۇماتىغا دىققەت قىلىپ
توغراق تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار
«新疆是个好地方» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






