دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى ئالۋېڭبەي يېڭى كەنتى يەنىلا قىزىپ كەتكەنىدى. كۈز ۋە قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش، كۆڭلى ئېچىلىش تۇيغۇسىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش، بۇ كەنتنىڭ ساياھەت كاسات مەزگىلىدە «ئاستا ساياھەتچىلەر»نى تۇتۇپ قېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادى»دىن «پۈتۈن پەسىللىك مەدەنىيەت-ساياھەت»كە ئۆزگىرىشتەك يېڭى يولنى ئاچتى.
ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى سۈبھىنۇر غېنىنىڭ كەنتتە تۇرغىنىغا بىر ھەپتە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى لەڭمەن ۋە كاۋاپنىڭ تەمى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، كەنتنىڭ مۇھىتىمۇ ياخشى، ھەممە يەردە سۈرەتكە تارتىپ داكا قىلسا بولىدىكەن، كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەيدىكەن».
ساياھەتچىلەر ئالۋېڭبەي يېڭى كەنتىدە ساياھەت قىلماقتا. سۈرەت مەنبەسى: بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى سۈرەت ئامبىرى
ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك كەنتىدىن يىراق-يېقىنغا داڭلىق «ۋاڭخۇڭ داكا قىلىدىغان جاي»غىچە، ئالۋېڭبەي يېڭى كەنتى مەۋقەنى ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «يېڭى كەنت ئاھالىسى»نى كىرگۈزۈپ، «كونا بۇيۇملار»نى جانلاندۇرۇپ، «يېڭى كەسىپ ھالىتى»بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇردى. «كۈز مەنزىرىسى، كۈز ھىدى، كۈز ھۇزۇرى»نى داۋاملىق يېڭىلاش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى يېزا ساياھىتىدىكى ئۆلۈك تەسىرنى بۇزۇپ تاشلاشنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى.
كاسات پەسىلدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش ۋە ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، كەنتتىكى سودىگەرلەر بەس-بەستە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، قويۇق «كۈز تۈسى» ئارقىلىق ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى جانلاندۇردى.

ساياھەتچىلەر ئائىلىۋى مېھمانخانىدا چاي ئىچمەكتە. سۈرەت مەنبەسى: بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى سۈرەت ئامبىرى
نازۇ-نېمەت ۋە گۈزەل مەنزىرىدىن باشقا، چۆكۈش شەكلىدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش كاسات مەزگىلدە ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىشتىكى «يېڭى مەخپىي نومۇر» بولۇپ قالدى.

ئالۋېڭبەي يېڭى كەنتى «ۋاقىت كوچىسى» نىڭ بېزەك تېمى. سۈرەت مەنبەسى: بورتالا يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى سۈرەت ئامبىرى
«بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۆت پەسىلدە ساياھەت قىلغىلى بولىدىغان، تۆت پەسىلدە مەنزىرە بار، تۆت پەسىلدە كەسىپ بار بولغان يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى <ئەتىياز، يازدا قىزىپ كېتىش، كۈز، قىشتا چۆلدەرەپ قېلىش>تەك پەسىل خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىۋاتىمىز. جيا جىڭ مۇنداق دېدى: كۈز ۋە قىش پەسلىدە، كەنت تەتقىق خاراكتېرلىك ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرس سىستېمىسىنى بېيىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مەدەنىيەت-ساياھەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۈز ۋە قىشتا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە كۈچ قوشۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، كەسىپلىرى يېڭى، پۇقرالار باي بولغان گۈزەل يېزا-كەنت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىمىز.
(بورتالا ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى يۈ جياڭلې، جاڭ يىخەن)
«بورتالا ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






