10-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيا بوغۇم ياللۇغى كۈنى
بوغۇم ياللۇغى كىچىك ئىش ئەمەس
ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ بىرى
«جۇڭگو سۆڭەك بوغۇمى ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش كۆرسەتمىسى (2024-يىل نەشرى)»دە كۆرسىتىلىشىچە
سۆڭەك بوغۇمى ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشىدىغان بولۇپ
60 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ %50كە
75ياشتىن ئاشقانلارنىڭ %80كە يېتىدىكەن
ھالبۇكى، «ياشانغاندا بوغۇملار ئاغرىيدۇ، چىدىۋەتسىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ»
«ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بوغۇم ياللۇغىنى تۈپتىن ساقايتىدۇ»
«تىز ئاغرىقىغا دورىلىق چاپلاق چاپلىسىلا بولىدۇ»
……
دائىم كۆرۈلىدىغان بۇ خاتا قاراشلار تۈپەيلىدىن
نۇرغۇن ياشانغانلىرىمىز ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماقتا
بۈگۈن بۇ ساۋاتنى ئاتا-ئانىڭىزغا ئەۋەتىپ قويۇڭ
بوغۇملارنىڭ ئاغرىشى «قېرىغاندا تەبىئىي ئۇچرايدىغان ئازاب» ئەمەس
بالدۇر تەكشۈرتۈپ، بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بارغاندا
قىينىلىش ئاز بولىدۇ، تېتىك يۈرگىلى بولىدۇ
بوغۇم ئاغرىش بوغۇم ياللۇغىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟
ناتايىن
بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ بوغۇملىرىدا ئاغرىغاندىن باشقا، يەنە ئىششىش، سەھەردە قېتىۋېلىش، پۈكۈلۈش-سوزۇلۇش راۋان بولماسلىق، ھەتتا غەيرىيلىك قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بوغۇم ياللۇغىنىڭ جەمئىي 100 خىلدىن ئارتۇق تۈرى بار، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل:
سۆڭەك بوغۇمى ياللۇغى(骨关节炎): بوغۇم كۆمۈرچىكى ئۆزگىرىش، بۇزۇلۇش ۋە سۆڭەك ماددىسى زىيادە ئۆسۈپ كېتىشنى ئالاھىدىلىك قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم كېسىلى.
رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى(类风湿性关节炎): بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىك. بارماق، بېغىش، تىز، پۇت قاتارلىق بوغۇملار ئىششىپ ئاغرىيدۇ، ئاسانلا تەكرار قوزغىلىدۇ.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى(痛风性关节炎): سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرى بوغۇم خالتىسى، سىلىقلاشتۇرۇش خالتىسى، كۆمۈرچەك، سۆڭەك ماددىسى ۋە باشقا توقۇلمىلارغا يىغىلىپ قېلىپ كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بوغۇم ئاغرىش ≠ بوغۇم ياللۇغى
لېكىن قايتا-قايتا ئىششىپ ئاغرىيدۇ، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
چيۇكۇ كىيمىسە، راستىنلا رېماتىزىم بولۇپ قالامدۇ؟
بىۋاسىتە ئالاقىسى يوق
چيۇكۇ كىيمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان «تۆۋەن تېمپېراتۇرا» بوغۇملارنىڭ بىئارام بولۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، ھەرگىزمۇ كېسەللىكنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەمەس. رېماتىزىم مېدىتسىنادا تىز بوغۇمى سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكى، دەپ ئاتىلىدۇ، ئاساسلىقى ياشنىڭ چوڭىيىشى، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى، كەسىپ ئامىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دىيابېت كېسىلى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، تاشقى يارا ياكى ئوپېراتسىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەردۇر.
بوغۇمنى ئىلمىي ئىسسىق ساقلاشنىڭ ئاچقۇچى بوغۇمنىڭ قىسمەن جايلىرىغا بولغان مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشتە. مەخسۇس تىزلىق، بېغىشلىق ئارقىلىق چوڭ بوغۇملارنى قوغداشقا بولىدۇ.
بوغۇملاردىن «ئاۋاز چىقسا»، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك؟
ناتايىن، ئەھۋالنى ئايرىش كېرەك
ئەگەر بوغۇملاردىن پەقەت «قاس» قىلغان ئاۋاز چىقىپ، روشەن ئاغرىش تۇيغۇسى بولمىسا، ئىششىمىسا ۋە ھەرىكەت چەكلىمىگە ئۇچرىمىسا، ئادەتتە بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز؛ ئەگەر بوغۇملاردا «ئاۋاز چىقىش» بىلەن بىللە يەنە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بولسا، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك؛ ئەگەر بوغۇملاردا سۈركەلگەندەك ئاۋاز ياكى «غىچىر-غىچىر» قىلغان ئاۋاز چىقسا ھەمدە ئۇنىڭغا ئاغرىق قوشۇلۇپ كەلسە، بوغۇملاردىن «ئاۋاز چىقىش» كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ياشانغانلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كالتسىي دورىسى(钙剂)، ئاممىياك شېكىرى (ئەنتاڭ 氨糖)، خوندروئىتىن(软骨素) قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تولۇقلىسا بولىدۇ.
ئادەم قېرىغاندا بوغۇملارنىڭ ئاغرىشى نورمال؟
توغرا ئەمەس
سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كەتمەيدۇ
پەقەت يىلدىن-يىلغا ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ
سۆڭەك بوغۇمى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك جەريانى روشەن تەدرىجىي ئىلگىرىلەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. دەسلەپكى يېنىك دەرىجىدىكى سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىدا ئاغرىق، ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ۋاننىدا يۇيۇنۇش، بوغۇملارنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش، دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؛ ئېغىر دەرىجىدىكى سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىدا ئەھۋالغا قاراپ بوغۇم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىپ، بوغۇملارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
بالدۇر دىئاگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاش مۇھىم ھالقا.
تىز ئاغرىقىغا دورىلىق چاپلاق چاپلىسىلا بولىدۇ؟
توغرا ئەمەس
ئۇزاق مۇددەت دورىلىق چاپلاققا تايىنىش ھەقىقىي كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، بوغۇملارنىڭ يەنىمۇ ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئېنىق دىئاگنوز قويغۇزۇش كېرەك. كۈندىلىك پائالىيەتلەردە مۇنداق قىلىشقا بولىدۇ:
بىناغا چىقىپ چۈشكەندە رېشاتكىنى تۇتۇۋېلىش كېرەك. بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقلىرى پەلەمپەيدىن چىققاندا ئالدى بىلەن ساغلام پۇتىنى، ئاندىن ئاغرىق پۇتىنى ئېلىش؛ پەلەمپەيدىن چۈشكەندە، رېشاتكىغا يانچە يۆلىنىپ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئاغرىق پۇتنى چۈشۈرۈۋېلىش، ئېغىرلىق مەركىزىنى باشتىن-ئاخىر ساغلام پۇت تەرەپكە چۈشۈرۈش لازىم.
ئۇزاق ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرغاندا، ئىككى قول بىلەن تىزىنىڭ ئۈستى تەرىپىنى تۇتۇپ كۈچەش، بۇنىڭدا ئىچكى تەرەپتىكى ئېغىرلىق يۈكىنى شۇ ھامان بوشىتىۋەتكىلى بولىدۇ.
ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە ياكى كۆكتات سېتىۋالغاندا، دۈمبىسىگە سومكا ئېسىۋېلىش ياكى كىچىك قول ھارۋىسى ئېلىۋېلىش كېرەك، بىر قولدا ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
يەر سۈرتۈش، كۆكتات ئادالاش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا، كاسىنى قويۇپ ئولتۇرغىلى بولسىلا زوڭزىيىپ ئولتۇرماسلىق، ئورۇندۇق ئېگىزلىكىنىڭ ئىككى پۇتنى يەرگە تەكشى قويۇشقا بولىدىغان، تىز بوغۇمىنى تەخمىنەن 90 گىرادۇس ئېگىشكە بولىدىغان ئېگىزلىكتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى سۆڭەك بوغۇمى ياللۇغىنى يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ؟
ئۇنداق ئەمەس
نۆۋەتتە ھېچقانداق ئىچىدىغان دورا، ساغلاملىق مەھسۇلاتى سۆڭەك بوغۇمى ياللۇغىنى يىلتىزىدىن ساقايتالمايدۇ، قارىغۇلارچە كۆپ پۇل خەجلەپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش پەقەت داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ. ئىلمىي ئوزۇقلىنىش كۆمۈرچەكنىڭ ئۇپرىشىنى ئاستىلىتىپ، بوغۇملارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ:
بېلىق: ھەر ھەپتىدە 3 ~ 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 ~ 100 گىرام، دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ ياكى ئاز مايدا چاپلاپ پىشۇرۇلىدۇ.
لەنمېي: ھەر كۈنى 100 ~ 50 گىرام، بىۋاسىتە يېيىشكە ياكى قېتىق ئارىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
ياڭاق: ھەر كۈنى 15 ~ 10 گىرام، تەخمىنەن 3 ~ 2 تال.
پالەك: ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن يۇقىرى، ئاۋۋال قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ، ئاندىن سوغۇق سەي قىلىپ يېيىش ياكى ياغسىز قىلىپ قورۇش.
پەمىدۇر: ھەر كۈنى 2 ~ 1 تال، پىشۇرۇپ يېسە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
پۈتۈن كېچە بوغۇمغا ئىسسىق ئۆتكۈزسە ئىسسىق تۇتۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟
توغرا ئەمەس
كېچىدە ئۇزاق ۋاقىت ئىسسىق ئۆتكۈزگەندە، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا كۆيۈپ قېلىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؛ يەنە قىسمەن قان تومۇرلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كېڭىيىشىنى، ھەتتا ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بوغۇم جىددىي ياللۇغلىنىش مەزگىلىدە تۇرغاندا، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېسەللىك ئالامىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
سوغۇق ئۆتكۈزۈش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
ئاغرىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇۋاپىق سوغۇق ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.
مۇز خالتىسى ياكى سوغۇق لۆڭگىنى ئاغرىغان بوغۇمغا ھەر قېتىمدا 20 ~ 15 مىنۇت، ھەر 2 ~ 1 سائەتتە بىر قېتىم يېقىپ بەرسە، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
ئاغرىق بىر مەزگىل داۋاملاشسا ياكى ئاستا خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.
ئىسسىق لۆڭگە ياكى گىرېلكىنى بوغۇمغا ھەر قېتىمدا 30 ~ 20 مىنۇت، ھەر كۈنى 4 ~ 3 قېتىم يېقىپ بەرسە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
تاغقا يامىشىش ئەڭ ياخشى تىز ئاسراش ھەرىكىتى؟
خاتا
تاغقا چىقىش، ئېگىزگە چىقىش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش تىزنى ئەڭ زەخىملەندۈرىدىغان ئۈچ خىل ھەرىكەت بولۇپ، تىز بوغۇمىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. سۇ ئۈزۈش، توسالغۇسىز ۋېلىسىپىت مىنىش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش، تۈز يەردە ئاستا مېڭىش قاتارلىق مۆتىدىل خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى تاللاش كېرەك.
ناچار ھەرىكەت ۋە قىياپەتتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇۋاپىق بولمىغان ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئازايتىش، يۈگۈرۈش، ئېگىزگە سەكرەش، پەلەمپەيدىن چىقىش، ئارغامچا سەكرەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىق قاتتىق ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق؛ باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرماسلىق، تىزنى ئۇزاق ۋاقىت ئېگىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ھەرىكەت قىلىشتا «ئاغرىماسلىق» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش، ئاغرىغان ھامان دەرھال توختىتىش كېرەك.
تىزى ياخشى بولمىسا جىمجىت ئارام ئېلىش كېرەك؟
توغرا ئەمەس
ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش، ئاز يول مېڭىش مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشى، بوغۇملارنىڭ قېتىشى، قان ئايلىنىشنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تىز بوغۇمىنىڭ مۇقىملىقىمۇ تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ. توغرا ئۇسۇل يۈكنى ئاز كۆتۈرۈش، مۇسكۇل كۈچى مەشىقىنى كۆپرەك قىلىش. بوغۇملارنى ئاسراشتا، بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ھەر 0.45 كىلوگرام يېنىكلىسە، تىز بوغۇمىنىڭ يۈكى تەخمىنەن 1.8 كىلوگىرام يېنىكلەيدىكەن. ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكەندە، تىز بوغۇمى ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى %25تىن %50كىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






