تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

سۈرەتلىك ھېكايە | قەھۋە پۇرىقىغا تولغان دۇكان ئىچىدە، ياش دۇكان ئىگىسى كۇچا كونا شەھەر ھېكايىسىنى بايان قىلدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى ۋە خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۇچا شەھىرى رەستە تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىدا، كۈزنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى رەڭگارەڭ كوچىلارغا چۈشۈپ تۇراتتى. 24 ياشلىق دۇكان ئىگىسى غوپۇر ئەلى دۇكاندا ئالدىراش بولۇپ، قەھۋە پۇرچىقىنى ئىنچىكە ئېزىپ، ئىسسىق سۇ  قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇلدۇرۇلغان قەھۋە تەييارلىدى، ئاندىن ئىنچىكە  ئىشلەنگەن سۈت قۇيدى. بىر نەچچە ئىش تەرتىپىدىن كېيىن، بىر ئىستاكان خۇش پۇرىقى ئۆتكۈر، تەمى ياخشى، سىلىق قەھۋە ياسىلىپ بولدى، قەھۋەنىڭ قويۇق خۇش پۇرىقى ئۆينى ئاستا-ئاستا قاپلىدى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، شاڭخەيدىن كەلگەن بىر ساياھەتچى غوپۇر ئەلىنىڭ قەھۋە تەييارلاش جەريانىنى كۆرمەكتە.

   غوپۇر بىلەن قەھۋەنىڭ باغلىنىشى بىر قېتىملىق سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشتىن باشلانغان. «مەن ئاقسۇ شەھىرىدە ساياھەت قىلىۋاتقاندا، تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا ئېزىلگەن قەھۋەنى ئىچىپ، ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ ئۆزگىچە تەمىگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم». غوپۇر مۇنداق دېدى: «شۇ مەزگىلدە مەن قەھۋەگە ئىنتايىن مەپتۇن بولۇپ قالدىم، بىر كۈندە يەتتە-سەككىز ئىستاكان ئىچەتتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ كەسىپكە كىرىپ ئىگىلىك تىكلەش ئويىغا كەلدىم».

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، غوپۇر ئەلى خېرىدارلارغا «شىڭخۈي كۇچا» قەھۋەسىنى تەييارلاپ بەرمەكتە. بۇ خىل ئىچىملىك يەرلىك ئۆرۈك قىيامى بىلەن تەڭشىلىدىغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   غوپۇر بۇ قىزغىنلىقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۈچ ئايدىلا قەھۋە چەككىلەپ ئېلىش، گۈل چىقىرىش، ئىچىملىك تەڭشەش قاتارلىق بىر يۈرۈش ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىدى. ئۇ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، رەستە تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىدا بۇ قەھۋەخانىنى ئاچتى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، غوپۇر ئەلى يېڭى خىزمەتچىلەرگە سۈت كۆپۈكى چىقىرىش مەشغۇلات ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە.

   غوپۇرنىڭ قارىشىچە، قەھۋەخانىنىڭ تىجارەت تەپەككۇرى بىلەن يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت سۈرىتى چۈشۈش دۇكانلىرىنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا كونا شەھەرنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، كوچا رايونىدا يېڭى كەسىپ ھالىتى داۋاملىق كۆپەيدى، خاس قەھۋەخانىلارمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى. پەرقلىق ئالاھىدىلىكنى يارىتىش ئۈچۈن، لايىھىلەش كەسپىنى ئۆگەنگەن ئۇ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە تىجارەت ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، غوپۇر ئەلى خېرىدارلارغا دۇكانغا قويۇلغان كونا بۇيۇملارنى تونۇشتۇرماقتا.

   دۇكاندىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا 80 كىۋادرات مېتىرغا يېقىن كونا بۇيۇملار كۆرگەزمە رايونى بولۇپ، يىللارنىڭ ئىزنالىرى ساقلانغان بۇ بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن يىغىپ كەلگەن. ئۇ قەھۋەنى ۋاسىتە قىلىپ، دائىم زىيارەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە كونا بۇيۇملار ئارقىسىدىكى كونا شەھەرنىڭ ئۆتكەن ئىشلىرى ۋە خەلق ئۆرپ-ئادىتى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، كىشىلەرنى خۇشپۇراق قەھۋە ئىچىدە كۇچا كونا شەھىرىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ قەۋەخانىغا مەخسۇس بۇ كونا بۇيۇملارنى تاماشا قىلغىلى كەلدى.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، غوپۇر ئەلى (ئوڭدىن 2-كىشى) ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ساياھەت تەسىراتى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىماقتا.

   بوش ۋاقىتلاردا، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق غوپۇر دائىم ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ساياھەت تەسىراتى ۋە پىكرىنى ئاڭلاپ، مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئەلالاشتۇردى. ھازىر دۇكاندا جەمئىي تۆت خىزمەتچى بار، ھەممىسى شۇ يەردىكى ياشلار ئىدى.

   قەدىمىي كوچىدا يىللارنىڭ ئىزنالىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، خۇشپۇراق قەھۋە كونا شەھەرگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى. غوپۇر مۇنداق دېدى: مېنىڭ يەنە نۇرغۇن يېڭى پىلانىم بار: يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تېخىمۇ كۆپ قەھۋە، ئۆزگىچە ئىچىملىك ۋە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمدە توردا تەشۋىق قىلىشنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئارقىلىق كۇچا كونا شەھىرىنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتۇر.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 玛丽亚·玉努斯

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.