تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

قىش ۋە ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدا كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2026\2027-يىللىق قىش ۋە ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلى 2026-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ. جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى مەۋقەنى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىگە قويۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا تۇتىشىدىغان ئاۋىياتسىيە يولىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىدۇ، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە پىلان بويىچە كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ ھەم جيېياڭ، ليەنيۈنگاڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ.

​جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلان توختاپ ئالمىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان خىزمەتچى خادىملار خەلقئارا يولۇچىلارغا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەكتە.  سۈرەتنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن

   جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىن جيېياڭ، ليەنيۈنگاڭغا ئۇچىدىغان ئىككى يېڭى ئاۋىياتسىيە قاتناش نۇقتىسىنى تەسىس قىلىپ ئاچتى، بۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز ياقىسىغا ۋە جياڭسۇنىڭ شىمالىدىكى مەركىزىي رايونلارغا يەنىمۇ ئۇزارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   ئۈرۈمچى-چۇڭچىڭ-جيېياڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CZ8235/6 بولۇپ، پىلان بويىچە كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ بىلەن گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى تۇتاشتۇرغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈرۈمچى-تەييۈەن-ليەنيۈنگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CZ8633/4 بولۇپ، پىلان بويىچە ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى بىلەن ليەنيۈنگاڭنى ھاۋا يولى ئارقىلىق بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

   بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە ئۈرۈمچى-تەييۈەن-جياشىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى داۋاملىق ئېچىلىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CZ5195/6 بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەم بۇ ئارقىلىق شىنجاڭدىن يولغا چىقىپ خۇابېيدىن ئۆتۈپ ئاندىن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تاللاش ئىمكانىيىتىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئاۋىياتسىيە تۈگۈنلىرىگە ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

   يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇ (شۇاڭليۇ ئايرودۇرۇمى، تيەنفۇ ئايرودۇرۇمى)، شاڭخەي (خۇڭچياۋ ئايرودۇرۇمى، پۇدۇڭ ئايرودۇرۇمى)دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ نۇقتىلىق شەھەرگە بىۋاسىتە ئۇچۇپ «بىر شەھەردىكى ئىككى ئايرودۇرۇم»نى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، سودا ئىشلىرى، ساياھەت بىلەن يولغا چىققان يولۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ خىل، تېخىمۇ جانلىق بولغان تاللاشقا ئىگە قىلىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CZ6945/6 بولۇپ، كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-شاڭخەي پۇدۇڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نومۇرى CZ6993/4 بولۇپ، كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شاڭخەي-ئۈرۈمچى تېز لىنىيەلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان سېپى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، شىنجاڭ-شاڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى جاي ئارىسىدىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى، ئىختىساسلىقلار ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.