10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدا تاغقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدىكى قاتمۇقات ئورمانلار رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى تاغ يولىنى بويلاپ پىيادە بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كۈز مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. يامالىق تېغى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسىي چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1391 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ ئۈرۈمچىنىڭ «شەھەر يېشىل ئۆپكىسى» ھېسابلىنىدۇ. تاغ ئارىسىدا تاشئالما، ئاق قىيىن، تېرەك، سۆگەتلەرنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، جۇڭگو ئەتىرگۈلى، جۇخار گۈلى، گېساڭ گۈلى بەس-بەستە ئېچىلىپ تۇراتتى.
ئىلگىرى، بۇ قاقاس، ئۈنۈمسىز تاغ ئۈرۈمچىدىكى قۇم-بوراننىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئىدى.
يامالىق تېغىنىڭ كۈز مەنزىرىسىگە ئېگىزدىن نەزەر (10-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).
1996-يىلى، يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىپ، ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تاش يېرىقلىرىغا كۆچەت تىكىپ، قاقاس تاغنى سىجىل تۈزىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يۇقىرى سۈپەتلىك تاغ مەنزىرىسى بەرپا قىلىندى. شۇ جايدا چىرايلىق تاشئالما، ئالتۇن يوپۇرماقلىق قارىياغاچ قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەنزىرە كۆچەت تۈرى تىكىلىپ، كۆچەتزارلىق بازىسى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلۇپ، تاغ ئورمىنىنىڭ زوقلىنىشچانلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدا تاغقا پىيادە چىقماقتا.
قۇم-بوران بىلەن قاپلانغان قاقاس تاغدىن دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ئۆسكەن تاغلىق رايونغىچە، يامالىق تېغى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلىدى، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىلىرىنى تۆت پەسىلدە ئارام ئالىدىغان جاي بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدا تاغقا پىيادە چىقماقتا.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدا تاغقا پىيادە چىقماقتا.
10-ئاينىڭ 11-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدا كۈز مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
يامالىق تېغىنىڭ كۈز مەنزىرىسىگە ئېگىزدىن نەزەر (10-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






