تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش، بىر مەقسەتتە بولۇپ شىنجاڭنى ئەمىن تاپتۇرۇش

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ھەر مىللەت ئامما ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئۇلارنىڭ جەزبدار، نەپىس ئۇسسۇل قىياپىتى، سەمىمىي، ئىللىق تەبەسسۇمى مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق بولغان تەسىرلىك مەنزىرىنى نامايان قىلدى.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالى خۇددى رەسىمدەك گۈزەل تۈسكە كىردى، ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ.

«15 ـ بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا تۇرۇپ قايتا نەزەر سالساق، شىنجاڭ ۋەزنى زور جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم يۈكسەلگەن، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، جەمئىيەتنىڭ «مۇقىملىق» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، تەرەققىياتنىڭ «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى تېخىمۇ ئۇرغۇدى، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كۈچى تېخىمۇ پۇختىلاندى.

«ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»تىكى ھەربىر سۇڭ تۇپراققا مەزمۇت كۈرەش ئىزلىرى ئويۇلدى.

مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىدارە قىلىشقا ئۆتۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئۆزگىرىش

زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ مۇقەررەركى تىنچ، ئىناق شىنجاڭ.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

«جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك» «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا قىلغان تەلىپىدىكى ھەربىر سۆز ناھايىتى ۋەزىنلىك بولدى.

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن ـ ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى.

شىنجاڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنىڭ مەنبەسىز سۇ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ پۇختا كاپالەتكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. كۆپچىلىك تەستە قولغا كەلگەن تىنچ ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئاڭلىق قوغداپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ئەڭ چوڭقۇر ئاممىۋى كۈچ قوشتى.

2025 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىنىۋاتقان پەيتتە، «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب رەسمىي ئېلان قىلىندى. تېكىستتە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى دەۋردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىدە مالىمان بولۇشتىن مۇقىم بولۇشقا، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىدارە قىلىشقا ئۆتۈشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل 8 ـ ئايدا ئىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا، جۇڭگو تەرەپ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قانۇنچىللىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان ئۈنۈملۈك يولنى تېپىپ چىقتى، ئۇدا توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

بېسىپ ئۆتكەن يولغا نەزەر سالساق، قالتىس مۇساپە تېخىمۇ نامايان بولىدۇ.

جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ بولغان سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، ئوخشاش بولمىغان ۋەزىيەت ۋە تەلەپتە، خىزمەت پىكىر يولى، ئۇسۇلى، سالمىقى، پەيتى جەزمەن دەل جايىدا، مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.

شىنجاڭ جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بۇ سوئالغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياخشى جاۋاب بەردى.

ئىدىيە جەھەتتە، قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا قېلىپلىشىشى، دائىملىشىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مېخانىزم جەھەتتە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم ـ مېخانىزم ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئۇسۇل جەھەتتە، تەرتىپ بىلەن ھاياتىي كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، خىزمەتنىڭ ئىنچىكە، كەسپىي، دائىملىق بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «كەشتە تىكىش ماھارىتى» ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ئىنتايىن ئاز ساندىكى زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن مۇداپىئەلەندى، ھەم مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاممىغا قولايلىق ياراتتى.

بۇ بىر چوڭ سىناق، لېكىن شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرالىدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەممە جايدا ئۇرغۇپ تۇرغان تىنچ، ئىناق كەيپىيات، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن كىشىلەر، كىشىلەر چېھرىدە جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى.

شىنجاڭ نېمە ئۈچۈن «ئەڭ بىخەتەر»

تىنچ ـ ئامانلىق ئىزچىل پۇقرالارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سەمىمىي ئارزۇ. بۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قوغداش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا ئىللىقلىققا تولغان ۋەدە.

شىنجاڭ يۇقىرى نومۇرلۇق جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا %99تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ كەلدى.

بۇ يۇقىرى نومۇرنى بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەربىركىشى كۆڭۈل قويۇپ ياراتقان. شىنجاڭ بىخەتەر، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تەسىراتى ئەڭ چوڭقۇر، ئېرىشكەن مەنپەئىتى ئەڭ كۆپ بولدى.

باش بارمىقىنى چىقارغانلار يالغۇز شىنجاڭلىقلارلا ئەمەس.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەقىقىي تەسىراتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئالقىشلىدى. «شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ بىخەتەر جايلارنىڭ بىرى» دېگەن سۆز توردا ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، نۇرغۇن تورداش ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ، شىنجاڭدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تولۇق ھېس قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.

خەلقئارادا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئەھۋالى ئوخشاشلا بەس ـ بەستە تەرىپلەندى.

يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادىكى 190 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 2000 تۈركۈمدىن ئارتۇق ئۆمەك ـ گۇرۇپپا، 31 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولدى. مەملىكەت سىرتىدىكى ھۆكۈمەت، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ھەر ساھەدىكى تۈركۈم ـ تۈركۈم زاتلار شىنجاڭنىڭ شەھەر، يېزا ـ كەنتلىرىگە كېلىپ، بۇ جاينىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەم ھەيران بولدى، ھەم خۇشال بولدى، نۇرغۇن كىشى ھەتتا «قاتتىق ھاياجانلاندىم» دېگەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىدى.

شىنجاڭ نېمە ئۈچۈن «ئەڭ بىخەتەر»؟ بۇنىڭ جاۋابى دەل شەھەرلەردىكى كوچا ـ كويلاردا، يېزا ـ كەنتلەردىكى ئېتىز باشلىرىدا، دەل ئاممىنىڭ ئەتراپىدا.

بىر جاينىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئامما ئەڭ بىۋاسىتە ھېس قىلالايدۇ. ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قوغداشتا، تەبىئىيلا ئاممىغا ئەڭ يېقىن جايدا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ تولۇقلىدى. تۈركۈم ـ تۈركۈم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شەھەر ـ يېزىلاردىكى مەھەللە، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەڭ ئەزالىرى يېزىلاردا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

پۇختا بولغان جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەمئىيەت قاتلىمىدىن باشقۇرۇشتا نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىپ، لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تور ھاسىل قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىللە، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. بەزىلەر مۇنداق دېدى: مەيلى شىنجاڭنىڭ قايسى يېرىدە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ناھايىتى خاتىرجەملىك ھېس قىلىمىز، چۈنكى كۆڭلىمىزدە يېقىن ئەتراپتا ھەرزامان بىزنى قوغداۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز.

ھەرقايسى جايلار ناھىيە دەرىجىلىكنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى «بىر پونكىت شەكلى»دە ھەل قىلدى. «ئات ئۈستى مۇرەسسە ئىشخانىسى» «بىر پىيالە چاي مۇرەسسە ئىشخانىسى» قاتارلىق زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىدىغان بىر تۈركۈم بازىلار دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى كىگىز ئۆيلەرگىچە كېڭىيىپ، پۇقرالارنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرالار، ئائىلە زىددىيەتلىرى مۇرەسسە قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

چوڭ ئىشلارنى نەزەردە تۇتۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىش. مۇقىملىق خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەل ھەربىر كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، بىنانى ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەربىر ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىپ، كوچا ـ كويلاردىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە قاينام ـ تاشقىنلىقنى ياخشى قوغداشتۇر.

شىنجاڭدىكى بۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتكەنلىكىنىڭ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغانلىقىنىڭ تاشقى ئىپادىسى.

ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۈنسېرى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

«سىز قايسى مىللەت؟» «مەن جۇڭخۇا مىللىتى.» سانسىزلىغان كىشى ئارىسىدا ئورتاق سادا قوزغىغان بۇ جاۋاب خېلى بۇرۇنلا شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆلچەملىك جاۋابقا ئايلاندى.

مۇقىملىقنىڭ پايدىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا بەخت ياراتتى

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە قىزىپ كەتتى. قاناسنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى، قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر قىياپىتى، ئىلى ئالتە شۇئار كوچىسىدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى... گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى بەس ـ بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 266 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بىر كۈندىكى ساياھەتچىلەر ئېقىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 210 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم قېتىمغا يېتىپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.

بۇ بىرقانچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى سۇسلاشماي، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى.

قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىلگەنلىكى بار، بۇ، سانسىزلىغان كىشىنىڭ «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا بولغان تەلپۈنۈشىنى بۇ جايدا خاتىرجەم ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا تېخىمۇ ئېرىشتى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئاشتى.

جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ پايدىسى ئىقتىسادىي ساھەدە جانلىق تەرەققىيات رەقەملىرىگە ئايلاندى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 194 مىڭ 500 بولدى. 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 2 مىليون 730 مىڭ 200 بولدى.

ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈگىمەس ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپلا قالماي، يەنە جەمئىيەت كاپىتالى ۋە تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى ئەكس ئەتتۈردى.

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى قانۇنچىللاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى جايلار «ساۋما قىلىپ كارخانىلارغا كىرىش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق، ئېھتىياجى بولسا جەزمەن ئورۇنداش» پوزىتسىيەسى ئارقىلىق، قانۇن ئىجرا قىلىشتا كارخانىلارغا دەخلى قىلىش مەسىلىسىنى پائال ھەل قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى قوغدىدى.

كارخانىلار ھەقىقىي مەبلەغ سېلىش، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىغا قوللاش بېلىتى تاشلىدى.

بۇ يىل 9 ـ ئايدا «پۇقراۋى كارخانىلار چېگرا رايونغا كىرىش» پائالىيىتى خوتەندە باشلاندى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىكى يېڭى كەيپىيات نۇرغۇن كارخانىچىنى ھەيران قالدۇردى، كۆپچىلىك كەسىپلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇردى، نۇرغۇن كىشى يېڭى مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى تاپتى.

سىچۇەندىكى پۇقراۋى كارخانا شىبۇ شېڭيۈەن كانچىلىق چەكلىك شىركىتى 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، لوپ ناھىيەسىدە رەڭلىك مېتال بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال ئايلانما پايدىلىنىش تۈرىنى قۇرۇشنى قارار قىلدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جۇڭ شېڭ مۇنداق دېدى: تۈرنى خوتەندە ئەمەلىيلەشتۈردۇق، چۈنكى چېگرا رايوننىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىشەنچىمىز بار.

شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئاخىرقى ھېسابتا كىشىلەر قەلبىدە ئىپادىلىنىدۇ.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى بۇرۇنلا ھەربىر كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» ئېتىقادى شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشتىكى ئەڭ مۇستەھكەم كۈچكە ئايلاندى.

چۆچەك شەھىرىنىڭ شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنى شۇ جايدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۇ جايدا 14 مىللەتتىن بولغان ئامما سېنىڭ ـ مېنىڭ دېيىشمەي، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، قوشنىلار بىلەن دوستلاردەك، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.

قارا دۆڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى باھارگۈل دائىم مۇنداق دەيدۇ: «بىر شەھەردە بىللە ياشاۋاتىمىز، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى.» بۇ ئاددىي سۆز شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقارغانلىقىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى تىنچ، ئىناق مۇنبەت تۇپراقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممە يەردە پورەكلەپ ئېچىلماقتا!

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.