□شىن شىجيەن
بەش يىل تاغ ـ داۋانلاردىن ئېشىپ، بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، 3 ـ قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئىنتايىن ئىلمىي قىممەتكە، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە «ئاساسنى ئېنىقلاش» خىزمىتى ئىشلەندى، بۇ، ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ بايلىق ئېكولوگىيەسى ئاساسىغا بولغان ئىلمىي تونۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىنىشى بولۇپ، شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلمىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
«ئاساسنى ئېنىقلاش» دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، ئىلىم ـ پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئىپادىسى، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ئەمەلىيەت. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنىڭ داۋامى بولغان 3 ـ قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشى روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شىنجاڭدا سۇ بايلىقى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە جانلىقلار بايلىقى، ئېنېرگىيە ـ قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئومۇميۈزلۈك تېگى ـ تەكتىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر تۇپراقتىكى «گۆھەر»نىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئوبيېكتىپ تونۇپ، «گۆھەر»نى تونۇش، «گۆھەر»دىن پايدىلىنىش، «گۆھەر»نى قوغداش داۋامىدا تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.
«ئاساس»نى پۇختىلاشتا، بىرىنچىدىن، تەبىئىي ئەۋزەللىككە تايىنىشقا، ئىككىنچىدىن، كۈچ ئۇلاپ قوغداشقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلمىي تەكشۈرۈشتىكى ئون چوڭ ئىلگىرىلەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
سۇ بايلىقىدىن قارىغاندا، سۇچىلىق ئىشلىرى ياخشى ئىشلەندى: يېقىنقى 30 يىلدا دەريالارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى ئالدىنقى 40 يىلدىكىدىن تەخمىنەن 10 مىليارد كۇب مېتىر ئاشتى؛ ئېكولوگىيەنىڭ سىجىل ياخشىلىنىپ تەرەققىي قىلىشىدىن قارىغاندا، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇلدى: چۆللىشىش ۋە يەرنىڭ قۇملىشىشى ئايرىم ـ ئايرىم 2004 ـ يىلى، 2019 ـ يىلى كۆپىيىشتىن ئازىيىشقا ئۆزگىرىپ، بوستانلىق كۆلىمى يېڭىدىن 45 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر كۆپەيدى؛ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىدىن ئېكولوگىيە ئىناقلىقىغا قارىغاندا: يېڭى تۈردىن 33ى، يېڭى خاتىرىلەنگەن تۈردىن 243ى بايقالدى، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان 300دىن ئارتۇق گېنغا ئېرىشتى؛ ئېنېرگىيە ئېچىشتىن قارىغاندا، كەسىپلەر توپى يۇقىرى ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن: كوئېنلۇن تېغىدىكى خوشاۋيۈن كان رايونىدا ئون كان ئىزدەش نىشان رايونى بېكىتىلىپ، يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى مىقدارىنى 1 مىليارد 800 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئۆلچەملىك كۆمۈرگە سۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، قومۇلنىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 64 مىليارد توننىدىن، تۇرپاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 13 مىليارد 500 مىليون توننىدىن ئاشىدىغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى بەرپا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىندى؛ دۆلەت ھالقىغان پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقىدىن قارىغاندا، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتتى: قۇم تىزگىنلەش ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقىدا 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كېڭەيتىلدى...
«ئاساس» قانچە پۇختا بولسا، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك شۇنچە مۇقىم بولىدۇ. 3 ـ قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشى بىزگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى، مۇشۇ ئاساستا ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش ئاندىن تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولىدۇ.
مول «ئاساس» تەرەققىياتنىڭ «دەسمايىسى»، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش ئىشەنچى؛ كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بايلىق، يەنە تەرەققىياتنىڭ «جاۋابى». قانداق قىلىپ ئۇنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە «ئاساس»نى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرغاندا، ئاندىن تاغ ـ دەريالار ئارىسىدىكى تەرەققىيات تېمىسىنى پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ.
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن «ئاساس»قا ئىلمىي قاراپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى، بايلىق قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەبىئىي بايلىقتىن بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەڭگۈ پايدىلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىشەنچىگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.






