تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

داغدام يولدا يىراققا يۈرۈش قىلىش، قەتئىي بوشاشماي ئەمەلدە كۆرسىتىش

− جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى ئالدىراش مەزگىلى توغرىسىدا

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، جۇڭگو دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالدىراش مەزگىلگە قەدەم قويدى.

بەش كۈندۈز، تۆت كېچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ 2026 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم قىرغىزىستان، مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، 20 نەچچە مەيدان پائالىيەتكە زىچ قاتناشتى؛ توققۇز كۈندىن كېيىن، يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىغا بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى، 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئون مەيدانغا يېقىن پائالىيەتكە قاتناشتى؛ 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 25 ـ كۈنىگىچە، ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

ئۈچ قېتىملىق مۇھىم زىيارەتكە چىقىشتا، ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك چوققىلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قىتئە، ئوكيانلاردىن ھالقىپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى پىلانلاپ، ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ـ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. مول باش تېما، ۋەزنىلىك نەتىجىلەر، ئالاقىلىشىش ۋە كېڭىشىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشلار چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ قېنىق، رەڭدار دەۋر سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

تۈمەن چاقىرىملىق سەپەردە كېچە ـ كۈندۈز دېمەي يول يۈردى، يول ئازابىغا پىسەنت قىلمىدى. ۋاقىت چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، دەۋر يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلىدى.

تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەتكە تولغان چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى جۇڭگونىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا گۇۋاھ بولماقتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ مەردانە قەدەم تاشلىغان تارىخىي مۇساپىنى نەقىشلىمەكتە، شۇنداقلا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا خەرىتىسىدە تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقماقتا.

باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش: چوڭ دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش توغرا يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانلار ئاچقۇچلۇق تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. بەزىلەر گاڭگىراپ ئارىسال بولماقتا، بەزىلەر باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

كۈچلۈك بوران، شىددەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلگەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، دۇنيانىڭ نەزەرى باشتىن ـ ئاخىر جۇڭگوغا تىكىلدى. شەرقتىكى بۇ چوڭ دۆلەت دۇنيا بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى قوشىدۇ؟ دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ پۇختا قەدىمى ئارقىلىق، دۇنيا «ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشان تىكلىگەندىلا، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سالغىلى بولىدۇ» دېگەن ئەندىزىنى كۆردى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئىناق بىللە ئۆتۈش سالاپىتىنى كۆردى، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە مۇقىملىق كۈچى قوشىدىغان ئەمەلىيەتنى كۆردى.

چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زىممىسىگە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن.

ۋاشىنگتوندا شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلقئارا تاراتقۇلار تارىخىي خاراكتېرلىك بىر كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىدى − ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋە رەپىقىسى مېلانىيا ئالايىتەن ئايرودۇرۇمغا بېرىپ يىراقتىن كەلگەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى.

55 يىللىق بوران ـ چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنە يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بېيجىڭدىن ۋاشىنگتونغىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

«بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخىي ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.» شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئاقسارايدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى مۇشۇنداق ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، رىقابەت ۋە ئىختىلاپتىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، ئورتاق تونۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. بۇ قېتىمقى ئامېرىكا سەپىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ تىرامپ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، «ھۆرمەت قىلىش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قوشۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئېنىق كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

«رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشقا قاراپ مېڭىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى» «مۇقىم بولغان جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنياۋى ئاممىۋى مەنپەئەتكە ئۇيغۇن»... نۇرغۇن خەلقئارا تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى خەۋەر قىلغاندا، كېلىشىۋالغاندەكلا دىققىتىنى «مۇقىم» دېگەن بۇ ئاچقۇچلۇق سۆزگە مەركەزلەشتۈردى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا سەككىز تۈرلۈك نەتىجە ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلدى، بۇ، ئىقتىساد ـ سودا، زەھەر چەكلەش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. سۆھبەت ئۈستىلى ئالدىدا، زىياپەت زالىدا، جۇڭگو ـ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بولۇپلا قالماي، يەنە رايون ۋە دۇنيادىكى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولدى. تەستە قولغا كەلگەن نەتىجە ۋە ئورتاق تونۇشتا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىندى، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ: گەرچە جۇڭگو ـ ئامېرىكا ھەمكارلىقى دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشمىسا، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىش تەسكە توختايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. زۇڭتۇڭ تىرامپ: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشى دۇنيانىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىللىق تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ، دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت لاۋرېنس كۇئېن مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى، شۇنداقلا دۇنيانى ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى؛ ئامېرىكا ئالىمى جوسېف ماھونى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ «بىر ـ بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان، شۇنداقلا دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان پارلاق كەلگۈسى»نى پىلانلىدى.

«مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە، تارىخقا مەسئۇل بولىدىغان جاسارەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى خالايمەن.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى سەمىمىي ھەم قەتئىي بولدى.

چوڭ دۆلەتلەر ئىناقلىقنى ساقلىغاندا، دۇنيا ئاندىن تىنچ بولىدۇ؛ چوڭ دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەمكارلاشقاندا، پۈتۈن دۇنيا ئاندىن تەرەققىي قىلىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، «جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

2013 ـ يىلىدىن بۇيان، مۇھىم خەلقئارا سورۇنلاردا جەم بولۇشتىن ئاچقۇچلۇق تۈگۈنلەردە بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشقىچە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن 40 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشقا يېتەكلىدى. بۇ يىل 5 ـ ئايدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بېيجىڭدا مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ نەتىجە يارىتىدىغان، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن 2026 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشىمىز ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم، قەدىمىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

«ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە، لېكىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۆزگەرگىنى يوق» دەپ تەكىتلىدى رەئىس شى جىنپىڭ.

دۇنيا قايسى يولدا ماڭىدۇ، دېگەن دەۋر سوئالى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قەتئىي ۋە سەگەك جاۋابقا ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاكتىپ كۈچلەردىن بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

«رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى»، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىللارنىڭ تاۋلىشىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى «دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدىكى ئاچقۇچلۇق تۇراقلىق مىقدار»غا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشماقتا.

چوڭ دۆلەتنىڭ كەڭ قورساقلىقى: دۇنياۋى تەرەققىيات ئۈچۈن بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش

بۈگۈنكى دۇنيا جۇڭگوغا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىقىدۇ. ئىلگىرىكى نامرات، ئاجىز دۆلەت غەربنىڭ ئەندىزىسىگە ئوخشىمايدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئىزدىنىپ تاپتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدە يېڭى ھالەت ياراتتى. بۇنداق جۇڭگو دۇنياغا نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟

«تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىش ئىستىقبالىنى يارىتىش كېرەك» «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش تەرەققىيات يۆنىلىشى» «يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك»... كۆپ تەرەپلىك يىغىن مەيدانىدا، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىدا، قايتا ـ قايتا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ تەرەققىيات ۋە خەلق توغرىسىدا ئەڭ كۆپ توختالدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى دولقۇنى ئالدىدا، جۇڭگو دەۋر ئېقىمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن ـ ئاخىر پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئۈچ قېتىملىق زىيارەتكە چىقىش مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» «رەقەملىك ئىقتىساد» قىزىق تېما بولدى.

كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە 100 پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن رەقەملىك كەسىپلەر ھەمكارلىقى تەشەببۇسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ھەمكارلىقى تەشەببۇسى ۋە پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقىچە؛ جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىدىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىشنى ساقلىشىغىچە − ئوخشاش بولمىغان سورۇن، ئوخشاش بولمىغان ھەمراھلار، سۆز تېمىلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئىدىيە بىردەك بولدى: «يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا ئارقىلىق ئورتاق گۈللىنىش يولىنى يورۇتۇش كېرەك».

رەقەم زومىگەرلىكىنى كۆزلىمەي، تېخنىكىنى قامال قىلىش بىلەن شۇغۇللانماي، ئىلغار تېخنىكىنى ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى مۇسابىقە يولىدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشنى خالىدى − بۇ، شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ سالاپىتى.

جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان تەرەققىيات بىرى يېڭىپ بىرى يېڭىلىدىغان تەرەققىيات ئەمەس، ئاز ساندىكى دۆلەتلەر يالغۇز بەھرىمەن بولىدىغان تەرەققىيات ئەمەس، بەلكى بىر ـ بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات، «بىر ـ بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئۇرۇق ـ تۇغقان، قوشنا ـ قولۇملار»دەك ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش.

زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن سۆھبەتلەشكەن مەزگىلدە رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

زىيارەت ھارپىسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ئۆمىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىرلەشمە ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلدى، بۇ، سودا كېڭىشى ۋە سېلىنما كېڭىشى قۇرۇش ھەم ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىش، «30 مىليارد دوللار» باجنى باراۋەر تۆۋەنلىتىش، كۇئالالۇمپۇر ئىقتىساد ـ سودا كېڭىشى نەتىجىلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇردى، بازار ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇردى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپ ساھەسى، پۇقرالار ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىغا پايدىلىق.

جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى ئۇلۇغۋار پىلاندىن رېئاللىققا ئايلانماقتا، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، «يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قۇرۇش» كېرەك دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكىرىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ «قاتناش چوڭ تومۇرى» بىر تۆمۈريول بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا بولغان ئۈمىدنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

مىسىردا رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئىقتىساد ـ سودا، ئىشلەپچىقىرىش ـ تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ 30 نەچچە پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشى» ئۈچۈن بوشلۇقنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

جۇڭگو ـ موڭغۇلىيە دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ: «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش»، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

«<15 ـ بەش يىل>لىق يىرىك پىلان ھەم جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، ھەم دۇنياغا يۈزلەنگەن ھەمكارلىق تىزىملىكى.» جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ، گۈللىنىشنى ئورتاق يارىتىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىي سۆزىدە، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ ياردەم بېرىدىغان چوڭقۇر ھېسسىياتنى نامايان قىلدى.

بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. بۈگۈنكى دۇنيا بارغانسېرى جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىدىن تەرەققىيات ئىلھامىغا ئېرىشىشنى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىراشلىققا تولغان زىيارەتكە چىقىش كۈنتەرتىپىدىن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن «چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىلار جەزمەن ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ» دېيىلىدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىگە پۈكۈش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەش» ئىكەنلىكىنى چۈشەندى، شۇنداقلا دۇنياغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن، دۇنياغا رىشتە باغلىغان جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگىنىنىڭ مول تەمىنات، تەرەققىيات قۇۋۋىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى زامانىۋىلىشىشقا ئورتاق ئاتلىنىدىغان يېپيېڭى يول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش: ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات ئۈچۈن ئۈمىد نۇرىنى چاقنىتىش

بۇ بىر دولقۇن جەنۇبتىن كۆتۈرۈلگەن، ھەممە شەيئى يېڭىلانغان دەۋر. ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە، زورىيىۋاتقان بىر كۈچ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىشنىڭ يۈزبېرىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كۆرۈنەرلىك زورايماقتا، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ».

مۇشۇ پەيتتە، دەل مۇشۇ كۈچنىڭ جانلىق، روشەن كونكرېت ئىپادىسى نامايان بولماقتا.

بىشكەكتىن يېڭى دېھلىغىچە، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ كەلگۈسى مەنزىرىسىنى پىلانلاپ، كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ئىچىدە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق نۇرىنى چاقنىتىپ، جۇڭگونىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبى بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەشنىڭ جانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

ئىككى دەقىقە كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. بىشكەكتە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن يانمۇيان تۇردى. بىر پارچە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ ئوپچە سۈرىتىگە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان قىممەتلىك دەقىقىلەر خاتىرىلەندى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى دېھلى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سۆزى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، نەق مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، بۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈچىنچى «ئالتۇن ئون يىل»نى باشلىشىغا بولغان ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

ۋاقىتنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى بېسىپ كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 25 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى 20 يىللىق قالتىس مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، ھەممىسى گۈللەپ ياشناپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.

مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتقان ئىككى تۈپ چوڭ دەرەخكە ئوخشاش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى قانداق قىلىپ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىرلىكتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى يۈكسەكلىكىنى بەلگە قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنىڭ كەڭ ئاسمىنىغا تىرەك بولالايدۇ؟ رەئىس شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇرچى ئۈستىدە توختالغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تارىخىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي يۆنىلىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.»

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ رولى توغرىسىدا توختالغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۇنيانى مۇقىملاشتۇرۇش، ياخشىلاش ئۈچۈن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى جەزمەن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئاكتىپ، مۇقىم، ياخشىلىققا ئىنتىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.»

«جاھاننى ئىدارە قىلىشتا، ئىلگىرىلىمىسە چېكىنىپ كېتىدۇ.» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى تۆت نۇقتىدىن چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى؛ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى دېھلى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇرۇپ، «باتۇرلۇق بىلەن دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشى»نى تەشەببۇس قىلدى... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەشەببۇسى يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى ـ سىرتىدا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ۋە ئورتاق سادانى قوزغاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا باراۋەر قاتنىشىش، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇردى.

«جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ» «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەيدانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلاپ، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى تۈگىتىش، تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك» «يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى قوللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا باراۋەر قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك»... جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى ئالقىشقا ۋە تەرىپلەشكە ئېرىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادىل ۋە مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئۆزگىرىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارىخىي كەچۈرمىش، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەققىيات ئىلتىماس ـ تەلىپى، ئورتاق گۈللىنىش ئارزۇسى، ئورتاق دەۋر تېمىسى. يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشى چوڭقۇر تارىخىي، رېئال ۋە مەدەنىيلىك ئاساسىغا ئىگە.

يېقىندا، قىرغىزىستان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلاندى. بىشكەكتىكى ئىناقلىق سارىيىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو ـ قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆت چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاھىرەدىكى قۇياش سارىيىدا، رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن جۇڭگو ـ مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىللىق مۇساپىنى ئەسلىدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىققە ئىنتىلىش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان يىللىرىنى ئەسلىدى ھەم نەزەرىنى يىراق كەلگۈسىگە قاراتتى: «ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللاپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.»

ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئوخشاشلا «يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان كۆپ تەرەپ ھەمكارلىقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك»، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش كېرەك.

جۇڭگو يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىدى، بۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگىنى داغدام يولدىكى سەپەرداشلارنىڭ كۈچى، نامايان بولغىنى دەۋرنىڭ ئېقىمى، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى بولدى.

خەلقئارا ۋەزىيەتتە داۋالغۇش، ئەنسىزلىك قانچە كۈچەيگەنسېرى، چوڭ دۆلەتلەر ئىجابىي رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈچ قېتىم زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

بىر ئاي ۋاقىتتا، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى يۇقىرى پەللىگە چىقتى، قالتىس نامايان بولدى. بۇ قالتىس پەيتلەر مۇقەررەر ھالدا تارىخ تەرىپىدىن ئەستە ساقلىنىدۇ. تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىغان ھەر قېتىملىق قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي سەپەرداش بولۇش، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دەۋرگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بېغىشلىدى.

ئون مىڭ چاقىرىملىق داغدام يولدا مېڭىپ، قەتئىي بوشاشماي ئەمەلدە كۆرسىتىشكە ئاتلاندى. دەۋرنىڭ بوران ـ چاپقۇنلىرىدىن ھالقىپ، جۇڭگو داۋاملىق قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

(مۇخبىرلار خەن لياڭ، سۈن يى، چياۋ جىخۇڭ، جۇ رۇيچىڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.