تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

كۆكتوقاي: يېرىمى كۈز تۈسى، يېرىمى قار

كۆكتوقايدىكى 10-ئايغا

ئىككى پەسىل يوشۇرۇنغان

تاغ ئېتىكىدە

ئېرتىش دەرياسى سۈيى ئاستا-ئاستا ئاقىدۇ

ئاق قېيىنزارلىق ئالتۇن رەڭگە كىرىپ

قۇياش نۇرى يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ

ئالىچىپار نۇر شولىسى

شاخلارغا چېچىلىپ

شىجۇڭشەن تېغى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ

قىيا تاشلار ھەيۋەتلىك بولۇپ

كۈز يوپۇرمىقى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ

جىلغا ئىللىق رەڭدە جۇلالىنىپ

شامال چىقىشى بىلەن 

غازاڭلار يېنىك ئىرغاڭلايدۇ

باۋشىگوۋ يولىنى بويلاپ تاغقا چىقىشقا 

يېرىم سائەتمۇ كەتمەيدۇ

دېرىزە سىرتىدىكى رەڭ ئاستا ئۆزگىرىپ 

ئالتۇن رەڭ ئاستا-ئاستا يوقاپ

قارامتۇل يېشىل بارا-بارا قېنىقلىشىدۇ

يەنە بىر ئايلانمىدىن ئۆتكەندە 

يۇلتۇزدەك ئاپئاق قار

دەرەخ شاخلىرى، چىملىق، تاغ جىنسلىرىنىڭ يېرىقلىرىغا چۈشىدۇ

تاغ ئۈستىدىكى

كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا

نېپىز قار تاغ باغرىنى قاپلىغان بولۇپ

يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورماندىكى يىغىندى قار

خۇددى دانە-دانە كىچىك ئاق پانۇسقا ئوخشايدۇ

ئالتۇن رەڭلىك قېيىن دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرمىقى قار ئارىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ

قىزىل چاتقال قاردا ئادەتتىن تاشقىرى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ

ساپ ئاق ۋە يېقىشلىق رەڭ

جىمجىت سۆزلىشىپ

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا قارىغاندا

تاغ باغرىدىكى قارامتۇل يېشىل، قارنىڭ ئاپئاق رەڭگى بىلەن گىرەلىشىپ
 
خۇددى بىر پارچە تېخى قۇرۇمىغان سۇ بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالىدۇ

كۆكتوقايدا

تاغ ئېتىكىدە كۈزنى تاماشا قىلغىلى
تاغ ئۈستىدە قارنى تاماشا قىلغىلى 
بىر قېتىم سەپەرگە چىقىپ
 ئىككى خىل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ
بۇ بىر يىل ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان تۇيغۇ

دەرھال يولغا چىقايلى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.