ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ يەن
ۋېيشىن كىشىلىك ئالاقىگە قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، سودىگەرلەرنىڭ سودا تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى، ۋېيشىندىن زاكاز قىلىش، پۈتۈشۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان سودا كۈنسېرى كۆپەيدى. ناۋادا ماجرا يۈزبەرسە، بۇ خىل ۋېيشىندا پاراڭلىشىش ئارقىلىق پۈتۈشكەن سودىدا، پاراڭلىشىش خاتىرىسىگە ئاساسەن توختام پۈتكەن دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ؟ يېقىندا، بىڭتۇەن قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى خەلق سوت مەھكىمىسى بىر توختام ماجراسى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ۋېيشىندا پاراڭلىشىش ئارقىلىق بېكىتكەن سودا مەزمۇنىنى يازما توختام دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، دەپ بېكىتتى.
ۋاڭX ئۈزۈم سېتىۋېلىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەر، لىX بىڭتۇەن 4-شى مەلۇم تۇەن-مەيدانىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى. 2022-يىلى يازدا، ئىككىيلەن ۋېيشىن ئارقىلىق ئۈزۈم سېتىۋېلىش ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان، ۋاڭX سېتىۋالماقچى بولغان ئۈزۈمنىڭ سورتى، مىقدارى، يەككە باھاسىنى ئېنىق كۆرسەتكەن، لىX جاۋاب قايتۇرغان ھەمدە ئومۇمىي پۇلنى ھېسابلىغان، ۋاڭX «بولىدۇ، مۇشۇ بويىچە بولسۇن» دەپ جاۋاب بەرگەن. كېيىن لىX ۋېيشىندىكى ئالاقىلىشىش مەزمۇنى بويىچە مال يەتكۈزگەن، ۋاڭX نەق مەيداندا قوبۇل قىلغان، كېيىن ئىككى تەرەپ ۋېيشىن ئارقىلىق ھېسابات سېلىشتۇرۇپ، ۋاڭX نىڭ لىX كە 18 مىڭ 600 يۈەن مال پۇلى قەرز ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
بۇ مەزگىلدە ئىككىيلەن ۋېيشىن ئارقىلىق ئۈزۈم سودىسى قىلىپ، يازما توختام ئىمزالىمىغان.
بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لىX قالغان 18 مىڭ 600 يۈەن مال پۇلىنى ئالالماي، كۆپ قېتىم سۈيلىگەن بولسىمۇ، ۋاڭX نېسى قالغان مال پۇلى «ھېساب ئەمەس»، سېتىۋالغان ئۈزۈمنىڭ باھاسى بەك قىممەت ئىكەن، ئىككى تەرەپ يازما توختام ئىمزالىمىغان، دەپ قارىغان. كېڭىشىشتىن نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، لىX قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ۋاڭX تىن قالغان 18 مىڭ 600 يۈەن مال پۇلىنى ۋە قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.
دېلوغا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە، لىX بىلەن ۋاڭX ئىككى تەرەپنىڭ مال زاكاز قىلىش، باھا مەلۇم قىلىش، زاكاز تالونىنى بېكىتىش، ھېساب سېلىشتۇرۇش، پۇل سۈيلەش قاتارلىق مۇكەممەل سۆھبەت ۋە بىر قىسىم پۇل يۆتكەش ئىسپاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېيشىن پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تاپشۇرغان ھەمدە سوتنىڭ سېلىشتۇرۇشى ئۈچۈن يان تېلېفونى بىلەن تەمىنلىگەن. ۋاڭX جاۋاب بەرگەندە، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ تامغا باسقان يازما توختام يوق، توختام مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەس، پۇل تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستۈمگە ئالماسلىقىم كېرەك، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان.
سوت مەھكىمىسى سوت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 469-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، توختام تۈزگەندە، دەۋالاشقۇچىلار يازما شەكىل، ئاغزاكى شەكىل ياكى باشقا شەكىللەرنى قوللانسا بولىدۇ. يازما شەكىل توختامنامە، خەت-چەك، تېلېگرامما، تېلېكس، فاكس قاتارلىق يۈكلىمە مەزمۇننى شەكلەن ئىپادىلەيدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يۈكلىمە مەزمۇننى شەكلەن ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستلەر يازما شەكىل دەپ قارىلىدۇ.
بۇ دېلودا ۋاڭX بىلەن لىX گەرچە يازما توختام تۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ۋېيشىن ئارقىلىق سېتىۋالغان ئۈزۈمنىڭ مىقدارى، باھاسى توغرىسىدا ئېنىق بىرلىككە كەلگەن، ۋاڭX ۋېيشىندا جاۋاب قايتۇرۇپ زاكازنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، لىX مال يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىي ئادا قىلغان، ۋاڭX مالنى قوبۇل قىلغان. ئىككى تەرەپ مۇشۇ سەۋەبتىن ئېلىم-سېتىم مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئېلىم-سېتىم توختامىنى ۋۇجۇدقا چىققان ھەمدە كۈچكە ئىگە بولغان دەپ بېكىتىش كېرەك، بۇ ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ۋاڭX نىڭ يازما توختام يوق دېگەننى باھانە قىلىپ مال پۇلىنى تۆلەشنى رەت قىلىش پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە: ۋاڭX ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە لىX كە 18 مىڭ 600 يۈەن مال پۇلىنى تۆلەيدۇ ھەمدە مۇناسىپ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
سودىيە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ۋېيشىندا پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى قانۇن جەھەتتىكى يازما توختام دەپ قاراشقا بولىدۇ، لېكىن سوت مەھكىمىسى ئۇنى قوبۇل قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: بىرىنچى، قارشى تەرەپنىڭ ۋېيشىن نومۇرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ئىككىنچى، پاراڭلىشىش مەزمۇنى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش، مالنىڭ مىقدارى، مال پۇلى قاتارلىق يادرولۇق ماددىلارنى ئېنىق پۈتۈشكەن بولۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، پاراڭلىشىش خاتىرىسى مۇكەممەل بولۇشى كېرەك، ئۆزىگە پايدىلىق بۆلەكلەرنىلا ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ، پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈۋەتمەسلىك، ۋاقىتلىق ساقلانغان مەزمۇنلارنى تازىلىۋەتمەسلىك كېرەك؛ تۆتىنچى، ئەڭ ياخشىسى مال يەتكۈزۈش تالونى، پۇل يۆتكەش خاتىرىسى قاتارلىق باشقا دەلىل-ئىسپاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ، مۇكەممەل دەلىل-ئىسپات زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






