تاماق كارتىسىدا نېمە سەۋەبتىن 500 يۈەن ئارتۇق بولۇپ قالدى؟ يېقىندا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى شياۋ جوۋ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) تاماق كارتىسىدا بىر قىسىم پۇلنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ گاڭگىراپ تۇرغاندا، مەكتەپتىن كەلگەن بىر ئۇچۇر ئۇنىڭ بۇ گۇمانىنى يەشتى.
ئۇچۇردا مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: «قەدىرلىك ساۋاقداش: ياخشىمۇسىز! مەكتەپ سىزگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەچكە تاماق كارتىڭىزغا ياردەم پۇلى قاچىلاپ قويدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۇرمۇشىڭىزغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ... سىزنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىڭىزغا، ياخشى تاماق يېيىشىڭىزگە، يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى ھەر بىر كۈنىڭىزنىڭ ئىللىق، خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز».

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تەمىنلىگەن سۈرەت
ئەسلىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە يوشۇرۇن ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويغانىدى. مەكتەپ مەكتەپداشلار نىشانلىق ئىئانە قىلىش، مەخسۇس خىراجەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا تايىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدە 386 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىنى ياردەم بېرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، 9-ئايدىن باشلاپ ئاي بويىچە تاماق ياردەم پۇلى تارقاتتى.
«ياردەم پۇلى بىۋاسىتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ <ھەممىباب كارتا> تاماق كارتىسىغا ئۇرۇلىدۇ، تىزىملىك ئاشكارىلانمايدۇ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ھاجەتسىز، بارلىق خىزمەتچى خادىملار بۇنى قاتتىق مەخپىي تۇتىدۇ.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پارتىيە كومىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمى (ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى)نىڭ باشلىقى ليۇ چۇنخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتەپ مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، ھەر يىلى 500 ئادەمنى قاپلاشنى، ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 500 يۈەن تاماق ياردەم پۇلى بېرىشنى پىلانلىدى، بۇ پۇل ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگىچە بىر يىلدا سەككىز ئاي تارقىتىلىدۇ. كەلگۈسىدە مەكتەپ يەنە ئاسپىرانتلار ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
پۈتۈن مەكتەپتىكى 28 مىڭدىن ئارتۇق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىدىن ئىلتىماس سۇنۇشنى تەلەپ قىلمىسا، قانداق قىلغاندا ياردەمگە مۇھتاج ئوقۇغۇچىلارنى دەل جايىدا بېكىتكىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى يوللىغان سانلىق مەلۇمات ۋە ئاشخانا ئىستېمالى، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچىگە تايىنىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى دەسلەپكى تاسقاش، شۆيۇەندىن ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش، كۆپ قېتىم دەل جايىدا تاسقاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 386 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىنى تۇنجى تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
«مەسىلەن، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىستېمالى 14.52 يۈەن بولسا، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى قېتىم تاماق يەيدۇ دېسەك، بۇ، مەكتەپتىكى سىنىپلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال سەۋىيەسىدىن %16.65 تۆۋەن بولغان بولىدۇ». مەكتەپ «ھەممىباب كارتا» ئىستېمال ئانالىز جەدۋىلىنى ئېچىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تيەن جىنيەن مۇخبىرغا مۇنداق تونۇشتۇردى: مەكتەپ دەل جايىدا ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش ئاساسىدا، ئاشخانا ئىستېمال سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرەلەيدۇ.

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا، ئوقۇغۇچىلار تاماق يېمەكتە.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، مەكتەپ «كۆپ ئۆلچەملىك سانلىق مەلۇماتنى تاللاپ تەكشۈرۈش، ئىز قالدۇرماي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، جىمجىت تارقىتىش»نى پۈتۈن جەريانلىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يوشۇرۇن ياردەم بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن 386 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 10-ئايدىن بۇرۇن تاماق ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. مەكتەپ 2026-يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى قىيىنچىلىقنى بېكىتىش ۋە ئىستېمال سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن ياردەم بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئامبىرىغا كىرگۈزىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇكاپات، ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، مەكتەپ مەخسۇس ياردەم بېرىش، جەمئىيەت ئىئانە قىلغان مۇكاپات، ئوقۇش ياردەم پۇلى، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش، يوشۇرۇن ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى تولۇقلىما قىلغان «مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، ۋاقىتلىق، بىر قېتىملىق ياردەم پۇل بېرىش، مەكتەپ ئىچى ياكى مەكتەپ سىرتىدا مەكتەپ تەمىنلىگەن خىزمەت ئورنىدا ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىش، ئوقۇش پۇلى، ياتاق ھەققىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش، ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى ياكى ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن تۆلەش»تىن ئىبارەت يەتتە بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. بۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپ يەنە دەل جايىدا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ھەرىكەتچان پەرقلەندۈرۈش ۋە كۈندىلىك كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاپ، ياردەم بېرىش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق يەتكۈزىدىكەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






