ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر لى خەنچى
«قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، 80 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ئاستا-ئاستا قۇيۇپ، چاينى يۇمشىتىمىز». سەھەردىكى قۇياش نۇرى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىكى بىر چايخانىغا چۈشتى، چاينىڭ خۇش ھىدى ھاۋادا ئاستا-ئاستا تارىلىشقا باشلىدى. پۇنىجوما چاي ئۈستىلى ئالدىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر نەچچە نەپەر چاي سەنئىتى ھەۋەسكارىغا پۇئېر چېيى دەملەشنى ئۆگەتتى.
بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن پۇنىجوما شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ناچۈ شەھىرىنىڭ سوشيەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ھازىر قومۇل شەھەرلىك چاي مەدەنىيىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى.
سوشيەن ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىمالىي شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى چەت، يىراق كىچىك ناھىيە ھېسابلىنىدۇ. 1999-يىلى 23 ياشلىق پۇنىجوما گەنسۇنىڭ جاڭيېدا ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، 2002-يىلى ئۇ قومۇلغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى.
چاينىڭ خۇش ھىدى ئىچىدە، پۇنىجوما ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «قومۇلغا يېڭى كەلگەندە، مەن ئاۋۋال بىر كىچىك ئاشخانا ئېچىپ، نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنى ئۇچراتتىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 نەچچە يىلدا، مەن يەنە تاڭگۇلازاڭبا، تيەنشياڭ چايخانىسى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، قومۇلدا تەدرىجىي يىلتىز تارتتىم». 2016-يىلى، پۇنىجوما قومۇل شەھىرى ياڭجىن سودا چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇردى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
«قومۇلدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراق مېنى قوينىغا ئالدى. ھەر مىللەت قولۇم-قوشنىلار ماڭا ياردەم بەردى، مەن قومۇلنى يەنە بىر يۇرتۇم دەپ بىلىمەن». پۇنىجوما مۇنداق دېدى: بۇ تەۋەلىك تۇيغۇسى مېنىڭ 2019-يىلىدىن باشلاپ شۇ جايدا چاي مەدەنىيىتىنى ھەقسىز كېڭەيتىشىمگە تۈرتكە بولدى، ھەر ھەپتىدە دەرس باشلاش، ھېيت-بايراملاردا چاي سەنئىتى لېكسىيەسى، چاي مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئەزەلدىن ئۈزۈپ قويمىدىم.
«دەسلەپتە بەزىلەر چۈشەنمەي، سىز بىر زاڭزۇ تۇرۇپ نېمىشقا كۆپچىلىككە چاي ئىچىشنى بۇنچە قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىتىسىز، دېدى». پۇنىجوما كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چاي مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى، سېنىڭ-مېنىڭ دەپ ئايرىلمايدۇ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچسە، دوستلۇق بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ».
كۆپ يىللاردىن بۇيان، پۇنىجوما چىنە-چەينەكلىرىنى ئېلىپ مەھەللە، يېزا-بازار، يېزا-كەنت، باغچىلارغا بېرىپ، چاي سەنئىتى ھەۋەسكارلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىغا چاي مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈردى، ئالاقىدار پائالىيەتلەر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 7-قېتىملىق «خەلقئارا چاي كۈنى»، پۇنىجوما خىزمەتداشلىرى ۋە كۇرسانتلىرىنى باشلاپ، قومۇل زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت باغچىسىغا كېلىپ «خەلقئارا چاي كۈنى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كۇرسانت ئايگۈل ئابلىمىت مۇنداق دېدى: جوما مۇئەللىم بىزگە چاي دەملەشنى ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى، ئۇ دائىم ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەيدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چاي سەنئىتى ئۆگىنىپ، مەن ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت دوستلار تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تىلغا ئىگە بولدۇق».
پۇنىجوما يەنە شىنجاڭ ئېنېرگىيە تۆمۈريول كەسپىي تېخنىكا داشۆسى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىپ، چاي سەنئىتى ئۇستىسى ماھارىتى بويىچە كۇرس ئاچتى. سىنىپتىكى كۇرسانتلار ئىچىدە قومۇللۇق ياشلارمۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن چاي سەنئىتى ھەۋەسكارلىرىمۇ بار.
«مەن سىرتلاردا يۈرۈشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلىمەن». پۇنىجوما بارلىق كۇرسانتلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، دەرس ۋاقتىدا ھۈنەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، تۇرمۇشتا كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ياردەم قولىنى سۇندى. كۇرسانت ئاينۇر ئابلىمىت مۇنداق دېدى: مەن قومۇلغا يېڭى كەلگەندە ھېچكىمنى تونۇمايتتىم، جوما ھەدەم خۇددى ئۆز قېرىندىشىدەك ماڭا ياردەم قىلىپ ئۆي تېپىپ بەردى، تاماق ئېتىشنى ئۆگەتتى، يەنە ماڭا نۇرغۇن دوستلارنى تونۇشتۇرۇپ قويدى، ھازىر مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى، ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن».
قومۇلدا پۇنىجومانىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ «جوما ھەدە». 2021-يىلى، ئۇ كۇرسانتلاردىن ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسىدىكى دېھقان ئايشەم راخماننىڭ پۇتى مېيىپ بولغاچقا، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، پۇل چىقىرىپ ئايشەمنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسىدا بىر كىچىك دۇكان ئېچىشىغا ياردەم بەردى، ئايشەمنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلاندى.
پۇنىجوما يەنە ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرىدىكى دېھقان رابىدە روزى ۋە ئۇنىڭ ئىنى-سىڭىللىرىغا ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىپ كەلدى. رابىدە 2025-يىلى داشۆ پۈتكۈزۈپ، ھازىر قارادۆۋە بازىرىدىكى بىر كەنتنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدۇ. «ئەگەر جوما ھەدەم بولمىغان بولسا، مەن ئاللىبۇرۇن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان بولاتتىم». رابىدە مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزگە ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، كىمنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇ تەنقىدلەيدۇ».
ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىدا قىزغىن بولۇش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش پۇنىجومانىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى كۈندىلىك ھەرىكىتىگە ئايلاندى. قوشنىلار زىددىيەتلىشىپ قالسا، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ھازىرغا قەدەر، پۇنىجوما شىركەت ۋە چاي مەدەنىيىتى جەمئىيىتىدىكى خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ جەمئىي 500 مەيداندىن ئارتۇق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئۇ ياردەم بەرگەن ئۈچ ئوقۇغۇچى ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، خاتىرجەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، بەختلىك تۇرمۇش چاينىڭ خۇش ھىدىغا ئوخشاش بارغانسېرى تېتىملىق بولىدۇ».
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






