10-ئاينىڭ باشلىرى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى تاۋچاغان كۆلى كەچ كۈزنىڭ ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. كۈز شامىلى تاغ ئورمانلىرىنى سىيپاپ ئۆتەتتى، توق قىزىل چاتقال، ئالتۇن رەڭلىك بال قارىغاي ۋە ياپيېشىل شەمشادلار گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. يىراقتىكى تاغ كۆكۈچ قارا رەڭدە ئىدى، كۆل سۈيى سۈزۈك بولۇپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنىڭ شولىسى كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، كۆل بىلەن تاغ يۇغۇرۇلۇپ، رەڭگارەڭ بىپايان يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى.
(ئاپتورلار: يېركىن جاقپار، ئېرجان ئوباي، جاڭ جۇەنجۇەن ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






