كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىمۇ چوڭىيىپ كەتتى، بۇنداق شارائىتتا نۇرغۇن كىشى دىققەت قىلمىسىلا بەدىنىگە ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ.
ئامبولاتورىيەدە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقا ئېقىشتىن قىينىلىۋاتقان نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئەمەلىيەتتە ئوشۇقتىن سوغۇق ئۆتۈشتۇر. قارىماققا «ھېچ ئالاقىسى يوق»تەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىككى ئورۇن نېمە ئۈچۈن شۇنچە باغلىنىشلىق بولىدۇ؟

پۇت قىسمى پۈتۈن بەدەننىڭ قان ۋە قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
خۇنەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، باش، بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ۋۇ چى مۇنداق بىلدۈردى: قان ۋە قۇۋۋەت پۈتۈن بەدەندە ئايلىنىدۇ، لېكىن پۇت قىسمى ئايلىنىشنىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولغاچقا، قان ۋە قۇۋۋەت نىسبەتەن يېتەرسىز بولىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق قارىلىدۇ: ئوشۇقنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن جىڭلو تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە پۇت تەيياڭ دوۋساق جىڭلوسى ۋە پۇت شاۋيىن پەللىسى بۆرەك جىڭلوسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ.
پۇت تەيياڭ دوۋساق جىڭلوسى ئادەم بەدىنىنىڭ تاشقى ناچار تەسىرىگە تاقابىل تۇرىدىغان قوغدىغۇچىسىغا ئوخشاش بەدەن سىرتىنى قوغدايدۇ.
پۇتتىكى شاۋيىن بۆرەك جىڭلوسى ئادەم بەدىنىنىڭ ياڭچى، ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، بۆرەك قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولسا، ياڭچى يېتەرلىك بولىدۇ، مۇسبەت قۇۋۋەت يېتەرلىك بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى پۇت يەنە نۇرغۇن جىڭلونىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئوشۇققا سوغۇق ئۆتۈپ قالسا ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدۇ
ۋۇ چى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەگەر ئىسسىق ساقلاش يېتەرلىك بولمىسا، ئوشۇق ئاسانلا سوغۇقنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىكى بۆسۈش ئېغىزىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
سوغۇق زەھەر ئوشۇق تومۇرلىرىنى بويلاپ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندە، ئالدى بىلەن بەدەن سىرتىدىكى مۇھاپىزەت قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇھاپىزەت قۇۋۋىتى زىيانغا ئۇچرىسا، ئادەم بەدىنى خۇددى قوغداش قېپىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بولىدۇ.

ئەگەر سوغۇق ھاۋا بىۋاسىتە كىرىپ «سوغۇق تېگىپ قېلىش»نى كەلتۈرۈپ چىقارسا، بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئوشۇق ئەتراپىدىكى تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمىسا، يەنە قان ۋە قۇۋۋەت راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: پۇتنىڭ سوۋۇپ كېتىشى قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا پۇت-قول مۇزلاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
كۈز پەسلىدە بۇ ئورۇننى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك
يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئوشۇقنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1. ھاۋا سوۋۇپ كەتكەندە ئوشۇق قىسمىنى ئاز ئېچىش
ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇۋاتىدۇ، ئۇزۇن پايپاق، ئىسسىقلىق ساقلاشچانلىقى تېخىمۇ ياخشى ئاياغ كىيىپ، ئوشۇقنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا، ئوشۇقنى ئۇزاق ۋاقىت بىۋاسىتە شامالداتماسلىق كېرەك.
2. دائىم پۇت چىلاپ بەدەننى ئىسسىتىش
پۇت چىلىغاندا ئەمەن يوپۇرمىقى، زەنجىۋىل ياكى كاۋاۋىچىن سېلىپ، سوغۇقنى ھەيدەپ، بەدەننى ئىللىتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃40 ئەتراپىدا ساقلاش، 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاش كېرەك، ئازراق تەرلىگەندە مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ.

3. دائىم بۇ تۆت پەللىنى بېسىپ بېرىش
ئىسسىق ساقلاشتىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك پەللىلەرنى غىدىقلاشمۇ ئوشۇقنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
● جيېشى پەللىسى
پۇت دۈمبىسى بىلەن پاقالچاق تۇتاشقان توغرا سىزىقچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئويمان جاي پۇت ياڭمىڭ ئاشقازان جىڭلوسىدىكى پەللە.
ھەر كۈنى ۋاقتىڭىز بولسىلا جيېشى پەللىسىنى بىردەم ئۇۋۇلاپ قويسىڭىز بولىدۇ، ھەر قېتىمدا 5-3 مىنۇت ئۇۋۇلىسىڭىز ئاشقازان جىڭلوسىدىكى قان ۋە قۇۋەتنى تەڭشەپ، تال، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

● كۈنلۇن پەللىسى
سىرتقى ئوشۇق ئۇچى بىلەن ئۆكچە پېيى ئارىسىدىكى ئويمان جاي بولۇپ، پۇت تەيياڭ دوۋساق جىڭلوسىغا تەۋە پەللە.
ھەر كۈنى كۈنلۇن پەللىسىنى 2-1 قېتىم، ھەر قېتىمدا 5-3 مىنۇت ئۇۋۇلىغاندا، دوۋساق جڭلوسىدىكى قان ۋە قۇۋەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.
● سەنيىنجياۋ پەللىسى
ئىچكى ئوشۇق ئۇچىدىكى تۆت توغرا بارماق ئورنى، پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ ئىچكى يان گىرۋىكىنىڭ ئارقا تەرىپى بولۇپ، ئۇ پۇت تەييىن تال جىڭلوسى، پۇت شاۋيىن بۆرەك جىڭلوسى، پۇت جۈيىن جىگەر جىڭلوسى ئۇچراشقان جاي.
ھەر كۈنى بۇ پەللىنى 2-1 قېتىم، ھەر قېتىمدا 5-3 مىنۇت ئۇۋۇلىغاندا، ئۈچ مەنپىي تومۇردىكى قان ۋە قۇۋۋەتنى تەڭشەپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
● تەيشى پەللىسى
ئىچكى ئوشۇق ئۇچى بىلەن ئۆكچە پېيى ئارىسىدىكى ئويمان جاي بولۇپ، پۇت شاۋيىن بۆرەك جىڭلوسىدىكى ئەسلىي پەللە.
ھەر كۈنى تەيشى پەللىسىنى 3-2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 5-3 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىش قان ۋە قۇۋۋەتنى قوزغىتىپ، ياڭچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
«生命时报» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






