9 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تاللاپ يېتىشتۈرگەن دۆلەت تەكشۈرۈپ بېكىتكەن يازغى بۇغداي سورتى «لياڭچۇن 1758»دە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىڭتۇەن 13 - شى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە بەرپا قىلغان يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېتىزىدا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىگەندە، بۇ سورتنىڭ كىچىك كۆلەملىك تەجرىبە ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 852.73 كىلوگىرام بولغان، 100مو كۆلەمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى ۋە 1000 مو كۆلەمدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى ئايرىم - ئايرىم 812.48 كىلوگىرام ۋە 732.4 كىلوگىرامغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە يازغى بۇغدايدىن كىچىك كۆلەمدە، 100 مو، 1000 مو يەردە يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى بىراقلا يېڭىلاندى.






