تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

11-ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ! 2026-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالتۇن كۈزدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېيى» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2026-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالتۇن كۈزدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېيى» تېمىسىدىكى مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى بورتالا شەھىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى. بۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، مېيىپلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ .

10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالتۇن كۈزدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېيى» تېمىسىدىكى مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانى.   سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى تەمىنلىگەن

   بورتالا شەھىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەيدانىدا، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس رايونى، ئەمگەك مۇلازىمىتى داڭلىق ماركىسىنى كۆرگەزمە قىلىش مەخسۇس رايونى، ئىگىلىك تىكلەش مەھسۇلاتلىرى ۋە تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش مەخسۇس رايونى، ماھارەت ئىستىقبالنى يورۇتۇش بويىچە تەربىيەلەشنى كۆرگەزمە قىلىش مەخسۇس رايونى، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «1131» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەخسۇس رايونى، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش بويىچە كۈندىلىك ئىشلەيدىغانلار مەخسۇس رايونى، سىياسەت تەشۋىق قىلىش مەخسۇس رايونى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنى تېپىشقا يېتەكلەش تەشۋىقات سېپى مەخسۇس رايونىدىن ئىبارەت سەككىز چوڭ ئىقتىدار رايونى تەرتىپ بويىچە قانات يايدۇرۇلدى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى 103 كارخانا 1347 ئىش ئورنىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ياش، ئوخشاش بولمىغان ماھارەت، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش تارىخىغا ئىگە خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كەسىپ تاللاش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

   ​«ئالتۇن كۈزدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېيى» پائالىيىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلدى، بۇ پائالىيەت 11-ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدۇ. پائالىيەت تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۈرۈشلۈك بولغان مەخسۇس خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر خىل نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئادەم كۈچى بايلىقى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

(سىن ماتېرىيالى بورتالا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ دوۋيىن سۇپىسىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.