تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى

باش كۈزدىكى تىيانشان ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۈزەل مەنزىرە | كۈز مەنزىرىسىگە پۈركەنگەن تاڭبالى

    ما خۇيپىڭ فوتوسى، خەۋىرى

    كۈز شامىلى نىلقا ناھىيەسىدىكى تاڭبالىدا يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، قارلىق تاغ، دەريا جىلغىسى، چىملىقلارنى شېئىرىي تۈسكە كىرگۈزدى. سۈزۈك قاش دەرياسى دولقۇنلاپ ئېقىپ، كۆك دولقۇن شېغىللىق ساھىلغا ئۇرۇلاتتى، دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قويۇق ئورمان رەڭدار تۈسكە كىرگەن بولۇپ، قارلىق چوققىدا مەزمۇت شەمشادلار ياپيېشىل قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قېيىن دەرىخى بىلەن چاتقاللار ئالتۇن رەڭ، قىزغۇچ سېرىق رەڭ ۋە قوڭۇر رەڭگە كىرگەن بولۇپ، ئېگىزلەپ-پەسىيىپ تۇرغان تاغ باغرىدا ئۆزگىچە رەڭدار مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

    تاڭ نۇرى تۇتاش كەتكەن تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يۇمران چىملىققا چۈشكەنىدى، ئارغىماقلار بەخىرامان ئايلىنىپ، قوي-كالىلار دەريا بويىدا جىمجىت ئوتلاپ يۈرەتتى، شاخ-يوپۇرماقلاردىن ھالقىپ ئۆتكەن قۇياش نۇرى قەدىمىي دەرەخلەرگە چۈشۈپ تۇراتتى. يىراقتىكى  ئاپئاق قارلىق چوققىلار بىلەن يېقىندىكى رەڭدار ئورمانلار بىر-بىرىگە ھۆسۈن قوشقانىدى، كىگىز ئۆيلەر تاغ جىلغىسى ئارىسىدا جىمجىت يېتىپ، تاغ-دالىلارنى خىلۋەتلىك قاپلىغانىدى.

    بۇ جاي شاۋقۇن-سۈرەندىن ۋە دەخلى قىلىشلاردىن خالىي، تاڭبالىنىڭ كۈز پەسلى دەل تىيانشاننىڭ بىپايان تۇپراققا بېغىشلىغان رومانتىكلىقى بولۇپ، قەدەمدە بىر گۈزەل مەنزىرە كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى، يۈز چاقىرىمنىڭ ھەممىسى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، ئىلىنىڭ كۈز پەسلىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەللىكىنى مۇجەسسەملىگەنىدى.

«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.