− سىچۇەن تۇپرىقىدا ئۇزۇن سەپەر بۇرغىسىنى ياڭرىتىش
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\ۋۇ گۇاڭيۈ شياۋ يۆ
« كەتتى ئىسسىپ ھاڭ قىيا ئۇرغاندا جىنشا دولقۇنى، چاچتى دادۇ كۆۋرۈكىنىڭ زەنجىرى سوغ - قەھرىتان»، 1935 - يىلى 1 - ئايدىن 1936 - يىلى 8 - ئايغىچە، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسىي قىسمى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سىچۇەندە تەخمىنەن بىر يىل سەككىز ئاي ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلىپ، يىخەي كۆلى بويىدا ئىتتىپاق تۈزۈش، دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە ئىگىلەش، قارلىق تاغلارغا يامىشىش، ئوتلاقلاردىن ئۆتۈش قاتارلىق سەلتەنەتلىك تارىخىي داستانلارنى پۈتۈپ چىقتى.
90 يىل ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى، سىچۇەن تۇپرىقىدا، كىشىلەر قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، سادىق روھنى قوغداپ، ئېتىقادقا ۋارىسلىق قىلدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ئىلگىرىكى قىزىل جاپا - مۇشەققەتلىك جايلارنى ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، ھەممە يېڭى تۈسكە كىرگەن ھاياتىي كۈچكە تولغان مېھىرلىك تۇپراق قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. يېڭى دەۋرنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى سىچۇەن تۇپرىقىدا ياڭرىماقتا.
قىزىل روھنى قوغداپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش
دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا زاڭزۇ - چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇڭيۈەن ناھىيەسى چيۇڭشى بازىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا، 189 قەبرە تېشى رەتلىك قويۇلغان بولۇپ، 57 ياشلىق لو جيەنگو ھەركۈنى بۇ جاينى ئارىلاپ، ئېگىلىپ تۇرۇپ تازىلاپ سۈپۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى يەتتە قەبرە تېشىدا ئىسىم - فامىلە قالدۇرۇلمىغان بولۇپ، قەبرە تېشى يۈزىگە پەقەت بىر بەش يۇلتۇز ئويۇلغان، بۇ نامسىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ بىر ئورتاق سالاھىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ − قىزىل ئارمىيە.
31 يىل ئىلگىرى، پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى لو داشۆ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئوغلى لو جيەنگوغا تاپشۇرغان. شۇ كۈندىن باشلاپ، قەبرە سۈپۈرۈش، ياۋا ئوتلارنى يۇلۇش، كېلىپ - كېتىپ تۇرغان ساياھەتچىلەرگە قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىش لو جيەنگونىڭ ئۆزگەرمەس كۈندىلىك ئىشىغا ئايلانغان. لو جيەنگو بالىلىق چاغلىرىنى ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتكۈزگەن. دادىسى ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيەنىڭ 4 - يۆنىلىش ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەر قىلغاندا، پۇتى يارىلىنىش سەۋەبىدىن سەپتىن چۈشۈپ قېلىپ، مىڭبىر جاپادا خۇڭيۈەنگە كەلگەن ۋە شۇ جايدا قېلىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولغان.
بەزىلەر لو جيەنگودىن ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قەبرە قوغداشقا سەرپ قىلىشتىكى مەقسىتىنى سورىغاندا، ئۇ پەقەت: «ئەجدادلىرىمىز ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە بىزنىڭ بۈگۈنكى خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قولغا كەلتۈردى، بىز ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى» دەيتتى.
قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئىزلىرى سىچۇەننىڭ تاغ - دەريالىرى، جىلغىلىرى ئارىسىغا، سىچۇەننىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق يېزا، قەدىمىي بازارلارغا نەقىشلەندى، شۇنداقلا يەنە ئارمىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئىللىقلىققا تولغان جانلىق ئەسلىمىلەر ساقلىنىپ قالدى. لۇجوۋ شەھىرىنىڭ شۈيۇڭ ناھىيەسى شىشياڭزى يىزۇ يېزىسىدا، مۇخبىرلار ئەينى يىلى شىشياڭزى يىغىنى ئېچىلغان سىخېيۈەننى تاپتى، ياغاچ دېرىزە رامكىلىرىدىن يىللارنىڭ ئىزنالىرى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ۋاقىت خۇددى بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك ئىدى.
1935 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە چىشۇي دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شىشياڭزىغا ئورۇنلىشىپ، بۇ جايدا ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى بىردىنبىر باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن. قىزىل ئارمىيە 5 - قېتىم «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەجبۇرىي ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى، شياڭجياڭ دەرياسى بويىدا قانلىق جەڭ قىلىشتەك مەردانىلىكنى باشتىن كەچۈرگەن، شىشياڭزىدىكى بۇ باھار بايرىمى زۇنيى يىغىنى ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالغاندىن كېيىنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز قىسقا ۋاقىت دەم ئېلىش ۋە تەرتىپكە سېلىش بولۇپ قالغان. قىزىل ئارمىيە يەرلىك زومىگەرلەرگە زەربە بېرىپ مۇسادىرە قىلغان ئاشلىق، مال - مۈلۈكلەرنى نامرات پۇقرالارغا بۆلۈپ بېرىپ، شۇ جايدىكى خەنزۇ، يىزۇ، مياۋزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئامما بىلەن بىرلىكتە تاماق يەپ، بىرلىكتە باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن.
بۈگۈنكى كۈندە، شىشياڭزىدا يەنىلا ئەينى يىللاردىكى ئىللىقلىق داۋاملاشماقتا. «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» چۈشەندۈرگۈچى سەي مېڭ ھەر كۈنى بازارنى ئارىلاپ يۈرۈپ قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەيدۇ. «شىشياڭزىدىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇزۇن سەپەر كىتابتىكى تارىخ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە يەردىن تاپقىلى بولىدىغان ئىزنالار، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقالغان ھېكايىلەر.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي ئىنقىلابىي كونا جاينى رېمونت قىلىش، قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي چۈشەندۈرگۈچىلەر بىلەن خەلق ئىچىدىكى خالىسانە لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان تارقىتىش قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە قىزىل مەدەنىيەتنى باھار بايرىمى، يىزۇلارنىڭ مەشئەل بايرىمى قاتارلىق بايراملارغا سىڭدۈرۈپ، «قىزىل كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى تاغلىق يېزىدىكى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.
مۇساپىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، تاغ - دەريالارنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش
90 نەچچە يىل ئۆتتى، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكى يەنىلا دادۇخې دەرياسى جىلغىسى ئارىسىدا تەۋرەنمەي تۇرۇپ، يىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولماقتا. ھازىر دادۇخې دەرياسىدا تېخىمۇ كۆپ كۆۋرۈك ئارقا - ئارقىدىن قەد كۆتۈرۈپ، دەۋر تەرەققىياتى ئىزلىرىغا گۇۋاھ بولماقتا.
بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، كۆپلىگەن چوڭ كۆۋرۈكلەر دەريا يولىنى بويلاپ تەرتىپ بويىچە جايلاشتۇرۇلغانىدى − 300 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان، 1935 - يىلى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە تېزلىكتە ئىگىلىگەن لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكى، 1951 - يىلى پۈتكەن سىچۇەن - شىزاڭ تاشيولىدىكى تۇنجى پولات ئارقانلىق ئاسما كۆۋرۈك سىچۇەن - شىزاڭ تاشيولى دادۇخې دەرياسى ئاسما كۆۋرۈكى، 2000 - يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلانغان دادۇخې دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى، 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلانغان شىڭكاڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى...
كۆۋرۈكلەر يىللاردىن ھالقىپ ئۆتتى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىگە يول ئاچتى، سىچۇەن تۇپرىقىنىڭ تاغ - دەريالىرى يېڭى تۈسكە كىردى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، سىچۇەننىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئېشىپ، پەللىمۇ پەللە ئۇدا ھالقىپ، مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇنغا ئۆرلىدى. ئىلگىرىكى قىزىل جاپا - مۇشەققەتلىك جايلار غەربىي قىسىمنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇشتىكى ئېشىش قۇتۇپى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى.
1935 - يىلى، سول زۇڭدۈي ئاۋانگارت تۇەنى قىزىل 4 - تۇەن يائەن شەھىرىنىڭ ئەنشۇنچاڭدىن يولغا چىقىپ، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىگە يەنە 240 نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان جايغا كەلگەندە، ھەربىي كومىتېتنىڭ جىددىي تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىر كېچە - كۈندۈز جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە ئىگىلەش ئۈچۈن پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە، لۇدىڭ - شىميەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قۇرۇلۇشى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 2027 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈپ قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى، بۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات تومۇرى تۇتاشتۇرۇلىدۇ، گۈللىنىش راۋان يولى ئېچىلىدۇ.
يىخەي كۆلى بويىدا ئىتتىپاق تۈزۈلگەن جاي بولغان ميەننىڭ ناھىيەسىدە، شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ قويۇپ بېرىش مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ، 40 نەچچە يىلدىن بۇيان «چاڭجېڭ» نامى بىلەن ئاتالغان توشۇغۇچى راكېتا بۇ جايدىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، قېتىم - قېتىملاپ ئاسماننى يېرىپ ئۆتتى. ئىلگىرى «جۇڭگودىكى ئەڭ نامرات ياقا جاي» دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ بىرى بولغان دالياڭشەن تېغى نامراتلىق بىلەن خوشلىشىپ، سودا ئىشلىرى ئالەم قاتنىشىنى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندۇردى.
ئېكولوگىيەلىك مۇنبەت تۇپراقمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭى تۈسكە كىردى.
روئېرگەي سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا بارغانسېرى كۆپ قارا بويۇن تۇرنىلار ئۇچۇپ قايتىپ كېلىپ، ئېگىزلىكتىكى سۇلۇق يەردە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى. ئىلگىرىكى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، دۇنياۋى كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە زىيادە چارۋا بېقىش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، روئېرگەيدە بىر مەھەل سازلىقلار كىچىكلەپ، يايلاقلار قۇملىشىپ كەتكەنىدى. كۆپ يىللىق ئىلمىي تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، قۇملىشىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.
دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، روھنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش
بۈگۈنكى كۈندىكى خۇڭيۈەن ناھىيەسىدىكى رىگەنچياۋ سۇلۇق يېرىنىڭ گىرۋىكىدە، بىر ياغاچ كۆتۈرمە يول ئوتلاقنىڭ ئىچكىرىسىگە سوزۇلغانىدى. ئابا ئوبلاستى خۇڭيۈەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گۇڭبو خۇاچىڭ دائىم كۇرسانتلارنى باشلاپ بۇ جايغا كېلىدۇ.
گۇڭبو خۇاچىڭ ھەمىشە كۇرسانتلارنى ئاسما يولدىن چۈشۈپ، تۇتاش كەتكەن يۇمشاق پاتقاقلىق - سازلىقنى ھېس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ يەنە ھەمىشە كۆپچىلىكنى باشلاپ دېڭىز يۈزىدىن 4450 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ياقشا قارلىق تېغى تاغ ئېغىزىغا يامىشىپ، مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا گۈل تەقدىم قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى قايتا ئەسلىتىدۇ... نۇرغۇن كىشى دەسلەپتە پەقەت ساياھەت قىلىش مەقسىتىدە كەلگەن بولسىمۇ، مىكرو پارتىيە دەرسىنى ئاڭلاپ، سازلىقنىڭ خەۋپ - خەتىرى ۋە قارلىق تاغنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى بىۋاسىتە سىناپ باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالىدۇ.
لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكى بېشىدا، پۈتۈن سېزىملىق ھەمتۈرتكىلىك بوشلۇق «لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە ئىگىلەش. دەريادىن ئۆتۈش خاتىرىسى» پۈتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان 48 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. بۇ بوشلۇق قىزىل ئارمىيە كىچىك جەڭچىلىرىنىڭ «يۈننەن، گۇيجوۋ، سىچۇەن» كۆرۈش نۇقتىسى ئارقىلىق VR، كۆپ تۇيغۇغا ئىگە تەقلىد قىلىش، مەۋھۇملۇق ۋە رېئاللىقنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە ئىگىلەشتىن ئىبارەت بۇ بىر بۆلەك تارىخنى ھېس قىلغىلى، بىلگىلى بولىدىغان قىلدى. ساياھەتچىلەر كۆرۈش - ئاڭلاش ئۈسكۈنىسىنى تاقىسىلا، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، 1935 - يىلىدىكى دادۇخې دەرياسى بويىدا تۇرۇپ، قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان كەچۈرمىشلىرىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلالايدۇ.
«لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە ئىگىلەش ھېكايىسىنى بىز دەرسلىك كىتابتىن ئۆگەنگەن. لېكىن مۇشۇنداق ھەقىقىي ھېس قىلىش قەلبىمىزنى لەرزىگە سالدى، ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالمايمىز» دېدى بالىسىنى ئېلىپ بۇنى ھېس قىلىشقا كەلگەن بېيجىڭلىق بىر ساياھەتچى ھاياجانلانغان ھالدا.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇزۇن سەپەر روھى چاڭ - توزان بىلەن قاپلانغان تارىخىي ئەسلىمە بولماستىن، بەلكى تەرەققىياتقا كۈچ قوشىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان مەنىۋى ئىچكى يادرو ۋە تەرەققىيات ئىشەنچى.
قارلىق تاغلار يەنىلا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ئوتلاقلار يەنىلا بىپايان سوزۇلۇپ ياتماقتا، دەريالار يەنىلا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. تارىخنىڭ ئىس - تۈتەكلىرىنى كېسىپ ئۆتكەن ئاشۇ قوشۇن ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتكىنى يوق. سىچۇەن تۇپرىقىدا ياڭرىغان ئۇزۇن سەپەر بۇرغىسى كېيىنكىلەرنى مۇساپىنى مۇساپىگە ئۇلاپ بېسىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ بىپايان يىراق مەنزىلگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە، يەنە ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)






