− 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بىر قاتار دەسلەپكى ئىجادىي خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن
2021 - يىلى، 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشى باشلاندى.
20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى، يېڭى جۇڭگو ئەمدىلا قۇرۇلۇپ، تاشلىنىپ قالغان ئىشلارنى يېڭىباشتىن باشلاشقا توغرا كەلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت 1 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىنى باشلاپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ ئاساس سانىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، بوستانلىقلارنى ئېچىش ۋە ۋادىلارنى تۈزەشكە ئاساس سالدى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭدا بايلىقنى ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، 2 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشى باشلاندى، بۇ، شىنجاڭنىڭ «نېفىت - پاختا» ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
ئارىدىن 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ GDPسى 50 ھەسسە ئاشتى، نوپۇس ئۈچتىن ئىككى قىسىم كۆپەيدى، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى %50تىن كۆپرەك ئاشتى، سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارى 9 مىليارد كۇب مېتىرغا يېقىن كۆپەيدى، ئېكولوگىيە - مۇھىتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.
شىنجاڭدىكى «بايلىق»لارنى قايتىدىن باھالاشقا توغرا كەلدى.
3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشى مۇشۇ سەۋەبتىن باشلاندى. ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ يۈەنمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە دىققەت سۇ بايلىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە جانلىقلار بايلىقى، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بايلىق، ئېكولوگىيە ئاساسى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، بىر قاتار دەسلەپكى ئىجادىي خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئىلمىي تەكشۈرۈشكە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى باشلامچى بولدى، 46 پەن تەتقىقات ئاكادىمىيەسى، ئورنى ۋە ئالىي مەكتەپ، 6000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئەترەت ئەزاسى قاتناشتى، 1000دىن ئارتۇق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى، 90 مىڭدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، جەمئىي 657 مىليون يۈەن خىراجەت سەرپ قىلىندى − بۇ، شىنجاڭدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە پەن - تېخنىكا تۈرى.
بەش يىل ئۆتتى، بۇ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى» شىنجاڭدىكى «بايلىق»لار ئارقىلىق قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ھالدا دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلغىلى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرگىلى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
بايلىق ئۈستۈنلۈكى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە قانداق ئۇدۇللاشتۇرۇلىدۇ
«3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئىلمىي تەكشۈرۈشى دەل شىنجاڭنىڭ <بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى>نى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلدى.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە، شۇنداقلا بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە. ئىلمىي تەكشۈرۈشتە سۇ - تۇپراق، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق قاتارلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بايلىق، مۇھىت ئامىلى تەلتۆكۈس ئېنىقلانغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولغىلى بولىدۇ.
نېمە تەلتۆكۈس ئېنىقلاندى؟
«ئىلمىي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى نۇقتىلاردا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يەنىلا بىر بايلىققا تولغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى بايقىدى، دەل كۆپچىلىك ئېيتقاندەك <شىنجاڭ ياخشى جاي>» دېدى جاڭ يۈەنمىڭ.
سۇ كۆپەيدى.
ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى 30 يىلدا، شىنجاڭدا ھەر ئون يىلدا تېمپېراتۇرا 0.34 سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلەپ، دۇنيانىڭكىنىڭ تەخمىنەن 1.7 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن؛ ھەر ئون يىلدا ھۆل - يېغىن مىقدارى 9.32 مىللىمېتىر كۆپىيىپ، دۇنيانىڭكىنىڭ تەخمىنەن 4.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. دەريالارنىڭ ئېقىن مىقدارى ئالدىنقى 40 يىلدىكىدىن تەخمىنەن 10 مىليارد كۇب مېتىر ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدا تەخمىنەن 7 مىليارد 360 مىليون كۇب مېتىر ئاشقان؛ كۆل، سۇلۇق يەر كۆلىمى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم كېڭەيگەن.
جاڭ يۈەنمىڭ بىر خاتا چۈشەنچىنى مۇنداق توغرىلىدى: «بۇ، شىنجاڭدا ئېقىن مىقدارى ھەر يىلى 10 مىليارد كۇب مېتىر كۆپەيدى دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى يېقىنقى 30 يىل بىلەن ئالدىنقى 40 يىلدىكى ئىككى ئوتتۇرىچە سىزىقنىڭ پەرقى 10 مىليارد كۇب مېتىر دېگەنلىك.»
تۇپراق يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولدى.
ئىلمىي تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، شىنجاڭدا شورلۇق قاقاس يەردىكى ئوتلاق بايلىقى مول ئىكەن؛ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدە 1000 كىلومېتىرغا يېقىن بەلباغسىمان مول سېلىنلىق تۇپراق رايونى بايقالغان بولۇپ، كۆلىمى 22 مىليون مودىن ئاشىدىكەن، بۇ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئاساس سالغان.
شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تيەن چاڭيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭدا 315 خىل شوردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بارلىقى ئېنىقلاندى. شورلۇق يەر سۇۋانى قاتارلىق شوردا ئۆسۈش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئۆسۈملۈكلەرنى ھەر كىلوگىرامدىكى تۇز تەركىبى 10 گىرامدىن 35 گىرامغىچە بولغان شورلۇق يەردە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، ھەر مو يەردىن ھەر يىلى 320 كىلوگىرامدىن 550 كىلوگىرامغىچە تۇز تەركىبىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. «ئېغىر دەرىجىدە شورلاشقان يەردە شوردا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تۇپراقتىكى تۇز تەركىبى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، تۇپرىقى ياخشىلانغان يەرگە كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا بولىدۇ.»
ھاياتلىق مۆجىزىگە تولدى.
ئىلمىي تەكشۈرۈشتە ئېلان قىلىنغان نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى ئىلمىي تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرىكىدىن 1259ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، يېڭى ئۆسۈملۈك تۈرى 33، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان گېن 300دىن كۆپرەك بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە چىلېي چىشيەن تۈرى تولىمۇ ئالاھىدە. «ئۆسۈملۈك تېنى %98 سۇ تەركىبىنى يوقاتقاندىن كېيىن قولدا سىيلىسىلا ئۇۋۇلۇپ كەتسىمۇ يەنىلا ياشىيالايدۇ.» جاڭ يۈەنمىڭ مۇنداق تەسۋىرلىدى: «بۇ ئۆسۈملۈك نۆلدىن تۆۋەن 190 نەچچە سېلسىيە گىرادۇستا بىر ئاي توڭلىتىلغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۆسەلەيدۇ؛ 6000 گىراي گامما رادىياتسىيەسىدىمۇ يەنىلا ئۆسەلەيدۇ.» بۇ، ھازىرغا قەدەر يەرشارىدىكى ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئالىي دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان گېنى كېۋەزگە كىرگۈزۈلۈپ، سۇ %25تىن %40كىچە تېجەلدى، سۈپەت ۋە ھوسۇل ئۆزگەرمىدى.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھايۋانات تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گو باۋچېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ گەرچە ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنتايىن ئۆزگىچە. شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالتاي تېغى رايونى دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى بېكىتكەن «دۇنيادىكى 200» ئالدىن قوغدىلىدىغان ئېكولوگىيە رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان «تەبىئىي گېن ئامبىرى»، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە تارقالغان بىردىنبىر تايگا ئورمانلىقى مەنزىرىسىگە ئىگە. تەرەققىيات بىلەن قوغداشنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىمىزنىڭ بىرى.
يەر ئاستىدا بايلىق بار.
تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر زاپىسى 77 مىليارد 500 مىليون توننا بولۇپ، كوكس مېيى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12كە يەتتى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20كە يېقىنلاشتى. شىنجاڭ داشۆنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق ئورتاق بەرپا قىلغان كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: «ھەر 100 مىليون توننا ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر پىششىقلانغاندا 34 مىليون 500 مىڭ توننا نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر كوكس مېيى 12 مىليون توننا، بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تەبىئىي گاز 25 مىليارد كۇب مېتىر.» ئىلمىي تەكشۈرۈش يەنە چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي كېنى، قىزىلچاپ قوغۇشۇن - سىنك كېنى قاتارلىق مۇھىم كانلارنى ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تىرەك بولدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى مىقدارىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 1 مىليارد 800 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈردىن ئاشىدۇ.
بۇ «بايلىق»لار دەل شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاشتىكى ئىشەنچ.
بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قىلغاندا ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ
«بايلىق» تەلتۆكۈس ئېنىقلاندى، لېكىن تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق بىر مەسىلە شۇكى، بۇ بايلىقلارنى ھەقىقىي تۈردە دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ تىرەك كۈچىگە ئايلاندۇرغىلى بولامدۇ - يوق؟
سۇنىڭ كۆپىيىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىنىشىچە، كەلگۈسى 20 يىلدىن 40 يىلغىچە، شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلاردىن كېلىدىغان سۇ مىقدارى يەنىلا يۇقىرى پەللىدە داۋالغۇش ۋە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلايدىكەن. «شىمالىي شىنجاڭدا 2045 - يىلى ئەتراپىدا بۇ ئامبارلار ئاستا - ئاستا تاقىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 2065 - يىلىغا بارغاندا سۇمۇ ئاستا - ئاستا ئازىيىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى جاڭ يۈەنمىڭ.
سۇ بايلىقى مىقدارىنىڭ ئېشىشى يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى تېخىمۇ كەڭ تەڭشەپ تەقسىملەش بوشلۇقىغا ئىگە قىلدى. ئالاقىدار نەتىجىلەر تارىم دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جى مۇنداق دېدى: «سۇ بايلىقى تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنىڭ جان تومۇرى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىنسانلار پائالىيىتى سۇ بايلىقىنىڭ ئېنىقسىزلىقى بىلەن تەمىنلەش - ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.»
ئوتلاق «بايلىق»ىمۇ تەلتۆكۈس ئېنىقلاندى. شىنجاڭدا 72 ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈك توپى سىستېمىسى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 786 مىليون مو، نەزەرىيە جەھەتتىكى مال - چارۋا سىغىمى 34 مىليون 163 مىڭ 900 قوي بىرلىكى، ئەمەلىي بېقىلىۋاتقان چارۋا 30 مىليون 665 مىڭ قوي بىرلىكى بولۇپ، ئوتلاق بىلەن چارۋا ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ. بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
لېكىن يوشۇرۇن كۈچ رېئاللىققا باراۋەر ئەمەس.
«نۇرغۇن كىشى تەكلىماكان قۇملۇقىدا 1000دىن كۆپرەك يەردە سۇ ۋاقىتلىق يىغىلىپ قالدى، ئۇنى كۆل دەپ ئاتاپ، قۇملۇق بوستانلىققا ئايلىنىدىغان بولدى، دەپ كۆپلەپ بوز يەر ئېچىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە زىيادە ئۈمىدۋار بولۇپ كەتسەكمۇ بولمايدۇ، ئۇلار پەقەت ناچار كىلىمات كەلتۈرۈپ چىقارغان قىسقا مەزگىللىك ھادىسە» دېدى جاڭ يۈەنمىڭ.
تيەن چاڭيەن يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: شورلۇق قاقاس يەرلەرنى ئېچىشنى جەزمەن سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئېكولوگىيە توسۇقى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كېرەك، «تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاشتا يەنىلا سۇغا قاراپ يەرنى بېكىتىش، يەرگە قاراپ تېرىقچىلىقنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك، سۇ بايلىقى قاتتىق چەكلىمە.»
بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىغا تايىنىشتا.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىرسىيەت ۋە يېتىلىش بىيولوگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى فۇ شياڭدۇڭنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى سۇ بايلىقىنى زامان - ماكان جەھەتتە مۇناسىپ تەقسىملىيەلمەسلىك بولدى. «زىرائەتلەر سۇغا ئېھتىياجلىق بولغاندا سۇ يېتىشمەيدۇ، سۇ كۆپ بولغاندا كەلكۈن كېلىپ سۇ ئېقىپ كېتىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى سۇ مەنبەسىنى ئېچىپ، ئېقىننى تىزگىنلەش: ئېقىننى تىزگىنلەشتە زىرائەتلەرنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياج قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەشكە تايىنىش، سۇ مەنبەسىنى ئېچىشتا تۆۋەن تەننەرخ ئارقىلىق شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش ۋە شورغا چىداملىق سورتلارغا تايىنىش كېرەك.
فۇ شياڭدۇڭ شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس خىزمىتىگە قاتنىشىپ باققان، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شورلۇق يەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تەكرارلىنىش، بۈگۈنكى كۈندە تەركىبى ياخشىلانسا، ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە شور ئۆرلەيدۇ، جەزمەن «تۇپراقنى ياخشىلاش» بىلەن «سورتنى ياخشىلاش»نى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ياخشى سورتنى ماسلاشتۇرمىغاندا، تۇپراقنى ھەرقانچە ياخشىلىغان بىلەنمۇ بىكار.
تۇپراقنى ياخشىلاش تېخنىكىسى، شورغا چىداملىق سورتلار، دەل جايىدا سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، بۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا شورلۇق قاقاس يەرنى ھەقىقىي تۈردە زاپاس تېرىلغۇ يەرگە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى.
ئوخشاش لوگىكا ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. تۇرپان - قومۇل ئويمانلىقىدا ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا، جيا ديەنزېڭ كوللېكتىپى قىزدۇرۇپ پارچىلاش - گازلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ئىللىتىپ سۇيۇقلاندۇرۇش، يەر ئاستىدىكى ئەسلىي ئورنىدا قىزدۇرۇپ پارچىلاشتىن ئىبارەت ئۈچ تېخنىكا يولىنى ئالغا سىلجىتماقتا. ھەربىر تېخنىكا يولىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنىڭ ھەممىسى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىلا، يوشۇرۇن كۈچنى تىرەك كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قانداق قىلغاندا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ
«ئىلمىي تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر قىسىم مەخسۇس ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرۇپلا ئىشنى ئاياغلاشتۇرۇش ئەمەس. بىزنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش، كېڭەيتەلەيدىغان بولۇش، ئېلىپ قالالايدىغان بولۇش، نەتىجە ھاسىل قىلالايدىغان بولۇش» دېدى جاڭ يۈەنمىڭ.
ئىشلىتىلدى. ئىلمىي تەكشۈرۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بوراندىن مۇداپىئەلىنىش − قۇم توسۇش − چاڭ - توزاننى تىزگىنلەش» قۇملۇق گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى يادرولۇق لايىھەسى دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن 3046 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قۇم توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، «قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى»نىڭ «2025 - يىللىق دۇنياۋى ئون چوڭ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيىتى»گە ئېرىشىشىگە تىرەك بولدى.
«قۇم تىزگىنلەش ھەرگىزمۇ قۇملۇقنى يوقىتىش دېگەنلىك ئەمەس.» دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لېي جياچياڭ مۇنداق دېدى: قۇم تىزگىنلەشنىڭ يادروسى «ئادەم بىلەن قۇم ئارىسىدىكى ئۆتكۈنچى بەلباغ»نى مۇستەھكەملەپ، بوستانلىقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاخىردا «ئادەم بىلەن قۇم ئىناق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا.
بۇ، «دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق»نىڭ ئېكولوگىيە ئۆلچىمىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى.
كېڭەيتىلدى. ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ يەر ئۈستىنى قاپلىغان شەيئىلەر خەرىتىسى توپلىمى تۈزۈپ چىقىلدى، «تاجىكىستان مۇزلۇق خەرىتىسى توپلىمى» نەشر قىلىندى؛ قازاقىستان پايتەخت چەمبىرىكى ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۆزبېكىستان ئارال دېڭىزىدىكى شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلدى. چۆللىشىشنى تىزگىنلەش ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسى جۇڭگو لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقىدا جەمئىي 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە كېڭەيتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە جەنۇب - شىمال ھەمكارلىقى مۇنەۋۋەر مىساللار ئامبىرىغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى.
ئەل فارابى قازاق دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ مۇدىرى جانسەيىف تۇيمېبايېف مۇنداق بىلدۈردى: چۆللىشىش، تەبىئىيلىكىنى قوغداش، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئورتاق مەسىلە، جەزمەن ئورتاق تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك.
«ئېكولوگىيەنىڭ دۆلەت چېگراسى بولمايدۇ.» شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بىرلەشمە ئىلمىي تەكشۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو لايىھەسىنى ھەمبەھرىلەپ سىرتقا چىقىرىپ، يېشىل يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز.
جۇڭگو − تاجىكىستان جانلىقلار بايلىقىنى قوغداش - يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىنىڭ چەت ئەل تەرەپ مۇدىرى ئابدۇساتتور سەيدوف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - تاجىكىستان بىرلەشمە ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە پامىر ئېگىزلىكىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، مۇزلۇقلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە سۇ بايلىقىنى باھالاش جەھەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئېلىپ قېلىندى. ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بىر ئەترەت قېپقالدى: ئەترەت ئەزالىرى ئىچىدە 45 ياشتىن تۆۋەن ياشلار %60تىن %70كىچە نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. «بۇ بەش يىل داۋاملاشقان ئىلمىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان نۇرغۇن ياشلار ئۆسۈپ يېتىلدى» دېدى جاڭ يۈەنمىڭ.
بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قالدۇرۇلدى: ئورتاق بەھرىلىنىدىغان سانلىق مەلۇمات توپلىمى 2800دىن ئېشىپ، 2025 - يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە ۋە بايلىق ئىلمى سانلىق مەلۇمات مەركىزى تەستىقلاندى.
يەنە بىر ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى قالدۇرۇلدى: قۇرغاق رايوندىكى ئەڭ چوڭ ياۋايى جانلىقلار ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئامبار سىغىمى 620 مىڭ نۇسخا بولۇپ، نۆۋەتتە 200 مىڭدىن ئارتۇق نۇسخا ساقلانماقتا. «ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرىدىن ئىبارەت بۇنداق سۇپىدا ساقلانمىسا، ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى يىغسىڭىزمۇ بىكار، ئۇرۇق ناھايىتى تېزلا ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ.» جاڭ يۈەنمىڭ مۇنداق مۇراجىئەت قىلدى: «بىز قۇرغاق رايوندىكى جانلىقلار ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرىنى دۆلەت ئامبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»
«بەش يىل داۋاملاشقان ئىلمىي تەكشۈرۈش ئاياغلاشتى، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ بىر تۈرلۈك خىزمەتنىڭ تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ» دېدى جاڭ يۈەنمىڭ.
دۆلەت زېمىنى قايتىدىن ئۆلچەندى، «بايلىق» يەنىمۇ تەلتۆكۈس ئېنىقلاندى. شىنجاڭدىكى 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تۇپراقنىڭ بۇ «سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا بېرىلگىنى جاۋابلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى بىر باشلىنىش بولدى − پەن - تېخنىكا كۈچىنىڭ سىجىل تۈرتكە بولۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاشنىڭ يېڭى ئىزاھاتىنى پۈتۈپ چىقماقتا.






