تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر پارچە ۋەزنى ئېغىر ئىلمىي تەكشۈرۈش جاۋاب قەغىزى

قۇم - بوران مۇھىتىنىڭ كۆپ ئۆلچەملىك تەسىرىنى ئېچىپ بېرىش، شىنجاڭدىكى مۇزلۇق بايلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىنى ئىزاھلاش، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان بىر تۈركۈم ئالاھىدە يېڭى گېنغا ئېرىشىش، شىنجاڭنىڭ يەر بايلىقى جەھەتتىكى تېرىلغۇ يەرنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش... 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە شىنجاڭنىڭ بايلىق، مۇھىت ئاساسى سىستېمىلىق ئېنىقلىنىپ، «دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى» جەھەتتىكى ۋەزنى ئېغىر جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلدى.

شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى. دىققەت سۇ بايلىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە جانلىقلار بايلىقى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بايلىق ئېكولوگىيە ئاساسى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى، بۇ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنجاڭدا ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى، 20 - ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش شىنجاڭنىڭ بايلىقنى ئېچىشى، ئېكولوگىيەنى قوغدىشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئىلمىي ئاساس سالدى. پارتىيە ۋە دۆلەت مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئېكولوگىيە سىستېمىسى، بايلىق ئېچىش شارائىتىدا بارلىققا كەلگەن تارىخىي ئۆزگىرىشكە قويۇپ، 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈش بايلىق ۋە مۇھىت ئاساسىنى يېڭىلاش، رايون تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالماقتا.

بەش يىلدىن بۇيان، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى كېزىپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىلىم - پەننىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش بىلەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى بايلىق، مۇھىت ۋە يېشىل تەرەققىياتقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىم مەركەزلىك ئېلان قىلىنغان بىر قاتار نەتىجىلەر نەچچە ئون يىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مول جۇغلانمىسى، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قوغداشنىڭ جانلىق جاۋاب قەغىزى.

بەش يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش مۇساپىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى، مول نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى. كەلگۈسى بىر مەزگىل ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا قەدەم قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە بايلىقى، مۇھىتىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە قويۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ بايلىقى، سۇ بىخەتەرلىكىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يەر بايلىقىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.

بەش يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش جاۋاب قەغىزى ۋەزنى ئېغىر، ھەقىقىي بولدى. بۇنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، تەكلىپلەرنى قۇرۇلۇش خەرىتىسىگە ئايلاندۇرۇپ، 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشى مۇقەررەر گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سىجىل مۇھىم كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.