تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭدىكى يېزىلاردا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 880 مىڭ تېز يوللانما - پوسۇلكا تاپشۇرۇۋېلىندى - ئەۋەتىلدى

ئىشتاتلىق كەنتلەردە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى​

شىنجاڭدىكى يېزىلاردا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 880 مىڭ تېز يوللانما - پوسۇلكا تاپشۇرۇۋېلىندى - ئەۋەتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 57 - قېتىملىق دۇنيا پوچتا كۈنى، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئىشتاتلىق كەنتلەردە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 880 مىڭ تېز يوللانما - پوسۇلكا يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى - ئەۋەتىلدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شىنجاڭ شەھەر - يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدىكى «قىل قان تومۇر»نى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇردى، تور ئۇزارتىلغان جاي دەل ھاياتىي كۈچ يەتكۈزۈلگەن جاي.

«شىنجاڭغا توشۇلىدىغان يوللانمىلارنىڭ توشۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش»نىڭ سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. 8622 كەنت دەرىجىلىك ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى يېزىلارنىڭ چەت - يىراق جايلىرىدىكى مۇلازىمەت قىلىش كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، باراۋەر، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش شەكلىدىكى ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر - يېزا ئاممىسىنى رايون ھالقىغان ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەتتىن باراۋەر بەھرىلەندۈردى.

يېزىلاردا ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش تورىنى ئۈزلۈكسىز زىچ توقۇش پەقەت شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ تور بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى سىجىل كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلارغا چوڭقۇر سىڭگەن، پۈتۈن مەملىكەتكە بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش تورى بەرپا قىلىندى. ئۈرۈمچىنى يادرو، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىقلار جايلارنى تايانچ قىلغان دۆلەت پوچتا تېز يەتكۈزۈش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى سىجىل، تېز ئۆستۈرۈلۈپ ھەم تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا چەت ئەل ئامبىرى قۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش تورى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، چېگرا ھالقىغان سەككىز تولۇق يۈكلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاسىيا - ياۋروپادىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە تۇتىشىپ، «تاشيول، تۆمۈريول، ھاۋا يولى» ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان ئىستېرېئولۇق يول يۇقىرى ئۈنۈمدە راۋانلاشتۇرۇلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا يىلىغا كىشى بېشى تېز يوللانما ئىشلىتىش مىقدارى 75تىن ئاشىدىغان بولۇپ، تېز يوللانما مۇلازىمىتى پۈتۈن مۇساپىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ۋاقىت چېكى قىسقارغان، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى سىجىل ئاشقان. شىنجاڭ پوچتا كەسپى كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار تور سىستېمىسى ۋە تېخنىكا جابدۇقلىرىغا تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنىڭ «ئېھتىياجغا ئاساسەن زاكاز قىلىش، يۇمشاق ئىنكاس قايتۇرۇش»قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئىلغار ياسىمىچىلىققا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى پېتى يەتكۈزۈش» بويىچە تېز يەتكۈزۈش ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش داڭلىق ماركىسىغا تايىنىپ تۇرپان - قومۇل قوغۇنى، بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى، پەيزاۋات شىنمېيسى قاتارلىق ھەرقايسى جايلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقىل موتورنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك ئايرىش مەركەزلىرىدە ئاپتوماتلاشقان تىجارەت ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئاپتوماتىك ئايرىش تەدرىجىي ناھىيە دەرىجىلىككىچە كېڭەيمەكتە؛ ماشىنا ئادەم ئامباردا ساقلاش، ئايرىش قاتارلىق ھالقىلاردا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى، ئاپتونوم رايون بويىچە 63 ئادەمسىز تېز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى يولغا چىقىپ يۈرۈشتى ھەم تەدرىجىي كۆلەملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ پوچتا كەسپى ھازىرقى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئاساسىدا، شەھەر - يېزا ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش تورىنى سىجىل زىچ توقۇپ، چېگرا ھالقىغان يول قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى تېزلىتىپ، ساھەنى باھا رىقابىتىدىن قىممەت يارىتىشقا قاراپ ئۆزگىرىشكە يېتەكلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.