تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​كۈز ۋە قىش پەسللىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم 2026 - يىللىق 3 - پەسىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى​

كۈز ۋە قىش پەسللىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم 2026 - يىللىق 3 - پەسىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ ۋە ھۆكۈم قىلىنىپ، كۈز ۋە قىش پەسللىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، «15 - بەش يىل»دا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «قىشتىكى كېسەلنى يازدا داۋالاش»قا دائىر بىر يۈرۈش تۈزەش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، رايون ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نىشانلىق، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك بۇلغىما ئازايتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، بۇلغىنىشنى تۈزەشتىكى «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇش؛ قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بۇلغىمىنى ئازايتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر قوللىنىش» بويىچە تۈزەش تۈرىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ ئىسسىنىش بويىچە ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش تۈرلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، زاپاس ساقلاپ، ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاشتىكى قاتتىق تىرەكنى پۇختىلاش؛ بۇلغىمىنى ئازايتىش بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى پەللىگە تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئېلېكتىر تورىدىكى توكنى ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چاڭ - توزاندىن بۇلغىنىشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پوجاڭزا - ساليۇتلارنى چىڭ باشقۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىش؛ جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بۇلغىمىنى ئازايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىپ، تېخىمۇ ئىلمىي ھالدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇپ، رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، ئېغىر بۇلغانغان ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش ئاساسىي گەۋدىسى، نىشانى، تەدبىرى، ۋاقىت چېكىنى تۈرلەر بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەممىسىنى ھەل قىلىشقا، ھەممە ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: كۈز ۋە قىش پەسىللىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلىنىش كېرەك. تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتنى قوغداش، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يارقىن جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

يىغىندىن بۇرۇن، يىغىنغا قاتناشقان خادىملار يەنە سانائەت كارخانىلىرى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى، كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانىلارنىڭ «A دەرىجە يارىتىش، B دەرىجىگە ئۆستۈرۈش»، كۆچمە مەنبەنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، پوجاڭزا - ساليۇتلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خىزمەت ئۈنۈمىنى كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

قەيسەر قېيۇم، ۋەن پىڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.