□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ
10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەلىك داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باش دوختۇرخانىسى (چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى) سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدا، كېسەلخانا ۋىراچى گۇڭ شۈن سەۋرچانلىق بىلەن ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تىز بوغۇمى قايچىلاشما تارىمۇشىدىكى زەخىمگە ئۇچرىغان توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساقايتىش ئوپېراتسىيە لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
«ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرامدۇق؟» دەپ سورىدى ئائىلە تەۋەلىرى. «ھازىر ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بىزنى يېتەكلەپ ئوپېراتسىيە قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى گۇڭ شۈن.
چاغانتوقاي ناھىيەسى ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە رايونى ئىچىدە پەقەت بىرلا 2 - دەرىجىلىك دوختۇرخانا بار ئىدى. ئىلگىرىكى يىللاردا، ئامما بىر قەدەر مۇرەككەپ كېسىلى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلسا، ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى دوختۇرخانا يۆتكىلىش − چۆچەك شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىش ئىدى. 2010 - يىلىدىن ئېتىبارەن، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجوۋ شەھىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە باشلىدى، تۈركۈم - تۈركۈم داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى چېگرادىكى بۇ كىچىك ناھىيەگە كۈچ ئۇلاپ كەلدى.
چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بىر قەدەر يۇقىرى، قىش پەسلى ئۇزاق، سوغۇق، تىز سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى، بەل - پۇت ئاغرىقى كېسەللىكى دائىم كۆرۈلىدۇ، سوزۇلما كېسەللىكگە گىرىپدار بولغان ئاغرىقلار بىر قەدەر كۆپ. شۇ جاينىڭ كېسەللىك تىزىملىكى ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، جىنجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كۈچلىرى ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ۋە جۇڭيى تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى قۇرۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بەردى.
«2024 - يىلىدىن ئىلگىرى، بىز تېخى ئومۇرتقا مىكرو زەخىم ئوپېراتسىيەسىنى قىلىپ باقمىغان بولغاچقا، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانا يۆتكىلىشىگە توغرا كېلەتتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر كەلگەندىن كېيىن، بىزگە ئومۇرتقا مىكرو زەخمىسىنى ئىچىدىن مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى، ئاغرىقلار ئەمدى يىراقلارغا بېرىپ يۈرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.» گۇڭ شۈن بۇ بەش يىلدا دوختۇرخانىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى، «ھازىر، بىز داس سۆڭىكىنى ئالماشتۇرۇش، ئالدى قايچىلاشما تارىمۇشىدىكى زەخىمگە ئۇچرىغان توقۇلمىلارنى تىكىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدۇق. ھازىر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بوغۇمغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش، داۋالاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋاتىمىز.»
بۇلتۇر قىشتا، 96 ياشلىق بىر بوۋاي سىرتقا چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، يوتا سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى، ئۇنىڭ يەنە كۆپ خىل ئاساسىي كېسەللىرى بار ئىدى. داس سۆڭىكىنى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىش كېرەكلىكىنى ئاڭلاپ، بوۋاينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنى دوختۇرخانا يۆتكىلىش بولدى. ئەمما بوۋاينىڭ يېشى چوڭ، يۆتكەش خەتىرى يۇقىرى ئىدى، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتەكلەپ تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بوۋاينىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئاخىرى شۇ جايدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا قوشۇلدى.
ئوپېراتسىيە ئاخىرلاشقان ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، بوۋاي ياردەمچى ئۈسكۈنىگە تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى. بۇنى كۆرۈپ بوۋاينىڭ قىزى كۆزىگە ياش ئېلىپ: «ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ بۇنداق چوڭ ئوپېراتسىيەنى قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېدى.
2025 - يىلىغىچە، جىنجوۋ شەھىرى جەمئىي 97 مىليون 34 مىڭ يۈەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەلخانا ئۇنىۋېرسال بىناسى قۇرۇلۇشى، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تولۇق كاپالەندۈرۈش ياردەم پۇلى، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلەتتى. كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى ئامبۇلاتورىيە بىناسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، دوختۇرخانا شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. گۇڭ شۇنگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئۆگەتكەن ئىلغار دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تېخنىكىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش بولدى.
ۋاڭ شياۋبياۋ لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجوۋ شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ۋەزىپە بىلەن چېنىقىپ چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بولدى. 2025 - يىلى 11 - ئايدا، ئۇ يۇمشاق ئۇسۇلدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلىك سالاھىيىتى بىلەن چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا يار - يۆلەكتە بولدى. ئۇ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، داۋالاش تېخنىكىسى، باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى كەسىپلەردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى ھەر ھەپتىدە كۆپ پەنلەر بويىچە بىرلىشىپ كېسەلخانىلارنى تەكشۈرۈشكە، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىك مىساللىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا بىر تۇتاش پىلانلاپ تەشكىللىدى ھەم مۇرەككەپ كېسەللىك مىساللىرىغا قارىتا جىنجوۋ ئارقا سەپ دوختۇرخانىسى بىلەن يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇردى. ئۇ شۇ جايدىكى ياش جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، كېسەلخانىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كىلاسسىك رېتسېپلىق دورا بويىچە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش پىكىر يولىنى چۈشەندۈردى. ھازىر، ياش جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرى جۇڭيى تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەسىدە دىياگنوز قويۇش، كېسەلخانىدا ياتقان ئاغرىقلارنى جۇڭيى تېبابىتى بويىچە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش، يىڭنە سانجىش - داغلاش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن سىرتىدىن داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇستەقىل تاماملىيالايدىغان بولدى.
«ئىلگىرى مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى چۆچەك شەھىرى ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىگە يۆتكىلىپ داۋالىناتتى. دېھقان - چارۋىچىلار بىر قېتىم بارسا، قاتناش، تاماق - ياتاق خىراجىتىگە تەكشۈرۈش خىراجىتى قوشۇلۇپ، يۈكى سەل ئېغىرلاپ قالاتتى، چوڭ ياشتىكى ياشانغانلارنى يۆتكەش جەريانىدىكى خەۋپ - خەتەرمۇ چوڭ بولاتتى.» گۇڭ شۇن مۇنداق دېدى: ھازىر دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەر، ياشانغانلاردىكى سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى دوختۇرخانىمىز داۋالىيالايدۇ، تېببىي خادىملارنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.
كۇلپە (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) موماي بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تىزى ئىششىپ ئاغرىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان بولۇپ، ھاۋا سوۋۇسىلا كېسىلى قوزغىلاتتى، ئۇ ئەسلىدە چۆچەك شەھىرىگە بېرىپ كېسەلخانىدا ياتماقچى بولغانىدى. چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كوللېكتىپى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاپ، ئەمەن بىلەن داغلاش، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى سىرتىدىن سۈرۈشنى ماسلاشتۇردى يەنە مومايغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ۋە ئاددىي پۇت سوزۇش ھەرىكىتىنى ئۆگەتتى. بىر ئايدىن كۆپرەك كۈتۈنگەندىن كېيىن، موماي كېسەل كۆرۈش ئۆيىگە ئۆزى مېڭىپ كىرەلەيدىغان بولدى. «ئىشىك ئالدىمىزدىلا كېسەل كۆرسىتىپ، ئاز يول يۈردۇق، ئاز پۇل خەجلىدۇق، تېخىمۇ خاتىرجەم بولدۇق» دېدى كۇلپە موماي.
يېقىنقى بەش يىلدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر جەمئىي 25 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاغرىققا دىياگنوز قويدى، 400 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە قىلدى، يەرلىك داۋالاش تېخنىكا خادىمىدىن 500 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى تەربىيەلىدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، جىنجوۋ شەھىرى شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 14 مىليون 750 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تۈرىگە ئىشلىتىشنى پىلانلىدى، يەنە داڭلىق دوختۇرلار خىزمەت ئىشخانىسىنى كىرگۈزۈپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يىڭنە سانجىش - داغلاش ۋە خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلەر قاتارلىق كەسىپلەردىكى داڭلىق مۇتەخەسسىسلەرنى قەرەللىك كېسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر يىلى كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقلارنى سۈنئىي كىرىستال تەنچە بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېڭى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى پات ئارىدا تۈزۈلىدۇ. گۇڭ شۇننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى: «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر كۈچ ئۇلاپ، تەجرىبە ئۆگىتىش، قوشۇننى يېتەكلەش ئارقىلىق دوختۇرخانىمىزنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، بارغانسېرى كۆپ كېسەللەر ناھىيە رايونى ئىچىدە دىياگنوز قويدۇرۇپ داۋالىنالايدۇ، چېگرا رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ پۇقرالار ئىشىك ئالدىدىلا كېسىلىنى ياخشى كۆرسىتەلەيدۇ.»






